|

يىلدا بىر قېتىم ئۆتكۈزۈلىدىغان 2008 – يىللىق مەملىكەتلىك بېلىق تۇتۇش لەۋھە تالىشىش مۇسابىقىسىنىڭ ئىككىنچى بېكىتى (شىنجاڭ بېكىتى) دىكى مۇسابىقىسى 28 – ئىيۇندىن 30 – ئىيۇنغىچە ئۈرۈمچى ئەنەنچۈي بازىرىدىكى ساياھەت رايونىدا ئۆتكۈزۈلدى . مۇسابىقىگە مەملىكىتىمىزدىكى 31 ئۆلكە ، ئاپتونوم رايون ۋە شەھەرلەردىن كەلگەن 350 نەپەر بېلىق تۇتۇش ھەۋەسكارى قاتناشتى .
بۇ قېتىمقى مۇسابىقىنى دۆلەتلىك تەنتەربىيە باش ئىدارىسى ئۇيۇشتۇرغان بولۇپ ، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق تەنتەربىيە ئىدارىسى ئۆتكۈزۈشنى ئۈستىگە ئالغان .

مۇسابىقىگە قاتناشقان ماھىر بېلىق تۇتماقتا
|