|
بۇ خىزمەت يىرىك پىلانى پارتىيە 17 – قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇش، چىرىكلەشكەنلەرنى جازالاش ۋە چىرىكلىكنىڭ ئالدىنى ئېلىش سىستېمىسى بەرپا قىلىش ۋە ئۇنى مۇكەممەللەشتۈرۈش پروگراممىسىنى يەنىمۇ ئەمەلىيلەشتۈرۈش، چىرىكلەشكەنلەرنى جازالاش ۋە چىرىكلىكنىڭ ئالدىنى ئېلىش سىستېمىسى قۇرۇلۇشىنى پۇختا ئىلگىرى سۈرۈش مەقسىتىدە تۈزۈلدى.
بىرىنچى، يېتەكچى ئىدىيە، تۈپ تەلەپ ۋە خىزمەت نىشانى
چىرىكلەشكەنلەرنى قەتئىي جازالاش ۋە چىرىكلىكنىڭ ئالدىنى ئۈنۈملۈك ئېلىش خەلقنىڭ مايىللىقى بىلەن پارتىيىنىڭ ھايات – ماماتىغا مۇناسىۋەتلىك بولۇپ، پارتىيىنىڭ باشتىن – ئاخىر ناھايىتى چىڭ تۇتىدىغان زور سىياسىي ۋەزىپىسى. چىرىكلەشكەنلەرنى جازالاش ۋە چىرىكلىكنىڭ ئالدىنى ئېلىش سىستېمىسى بەرپا قىلىش ۋە ئۇنى مۇكەممەللەشتۈرۈش پروگراممىسى ئېلان قىلىنغاندىن بۇيان، ھەر دەرىجىلىك پارتكوم، ھۆكۈمەت مەركەزنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشىغا ۋە تەلىپىگە ئاساسەن، چىرىكلەشكەنلەرنى جازالاش ۋە چىرىكلىكنىڭ ئالدىنى ئېلىش سىستېمىسى قۇرۇلۇشى ۋەزىپىلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى ئەستايىدىل چىڭ تۇتۇپ، كۆرۈنەرلىك ئۈنۈمگە ئېرىشتى. دۆلىتىمىز ئىسلاھات – تەرەققىياتنىڭ ھالقىلىق باسقۇچىغا قەدەم قويدى، پارتىيە ئىستىلى، پاكلىق قۇرۇلۇشى ۋە چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشى نۇرغۇن يېڭى ئەھۋال، يېڭى مەسىلىگە دۇچ كەلدى، ۋەزىيەت ھېلىھەم كەسكىن، ۋەزىپە يەنىلا مۈشكۈل. شۇڭا پۈتكۈل پارتىيىدىكىلەر چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىنىڭ ئۇزاق مۇددەتلىكلىكى، مۇرەككەپلىكى، جاپالىقلىقىنى تولۇق تونۇشى، چىرىكلەشكەنلەرنى جازالاش ۋە چىرىكلىكنىڭ ئالدىنى ئېلىش سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈشنى مۇھىم نۇقتا قىلىپ، چىرىكلىككە قارشى تۇرۇپ، پاكلىقنى تەشەببۇس قىلىش قۇرۇلۇشىنى قەتئىي بوشاشماي ئىلگىرى سۈرۈشى كېرەك.
(1) يېتەكچى ئىدىيە
جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئۇلۇغ بايرىقىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، دېڭ شياۋپىڭ نەزەرىيىسى ۋە ‹‹ئۈچكە ۋەكىللىك قىلىش›› مۇھىم ئىدىيىسىنى يېتەكچى قىلىپ، ئىلمىي تەرەققىيات قارىشىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ ھەم ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، پارتىيە نىزامنامىسىنى ھەقىقىي ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە قوغداپ، پارتىيىنىڭ ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش ئىقتىدارى قۇرۇلۇشى، ئىلغارلىق قۇرۇلۇشىنى ئاساسىي لىنىيە قىلىپ، پارتىيىنىڭ ئۆزىنى باشقۇرۇش ۋە پارتىيىنى قاتتىق باشقۇرۇشىدا چىڭ تۇرۇپ، ھادىسىدىنمۇ، ماھىيەتتىنمۇ تۈزەش، ھەر تەرەپلىمە تۈزەش، جازالاش بىلەن ئالدىنى ئېلىشقا تەڭ ئېتىبار بېرىش، ئالدىنى ئېلىشقا ئەھمىيەت بېرىش فاڭجېنىدا ئومۇميۈزلۈك چىڭ تۇرۇپ، چىرىكلىككە قارشى تۇرۇپ، پاكلىقنى تەشەببۇس قىلىش قۇرۇلۇشىنى ئەڭ گەۋدىلىك ئورۇنغا قويۇپ، پارتىيىنىڭ ئىدىيە قۇرۇلۇشى، تەشكىلىي قۇرۇلۇشى، ئىستىل قۇرۇلۇشى ۋە تۈزۈم قۇرۇلۇشى بىلەن زىچ بىرلەشتۈرۈپ، يېڭى دەۋر شارائىتى ۋە دۇچ كەلگەن يېڭى ۋەزىيەت، يېڭى ۋەزىپىگە ئاساسەن چىرىكلەشكەنلەرنى جازالاش ۋە چىرىكلىكنىڭ ئالدىنى ئېلىش سىستېمىسى قۇرۇلۇشىدىكى خىزمەتلەرنى ئىسلاھات ۋە يېڭىلىق يارىتىش روھى بويىچە ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈرۈپ، پارتىيىنىڭ 17 – قۇرۇلتىيىدا ئوتتۇرىغا قويۇلغان زور سىياسەت ۋە ئىستراتېگىيىلىك ئورۇنلاشتۇرۇلمىلارنى كۈچلۈك كاپالەتكە ئىگە قىلىش كېرەك.
(2) تۈپ تەلەپ
––– مەركەزنى چۆرىدەش، ئومۇمىيەت ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلىشتا چىڭ تۇرۇش كېرەك. ئىلمىي تەرەققىيات قارىشىنىڭ تەلىپىگە، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىشلىرىنىڭ ئومۇمىي ئورۇنلاشتۇرۇلمىسىغا، سوتسىيالىستىك بازار ئىگىلىكى تۈزۈلمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈشكە، سوتسىيالىستىك دېموكراتىك سىياسىينى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا ۋە پارتىيە قۇرۇلۇشىدىن ئىبارەت يېڭى ئۇلۇغ قۇرۇلۇشنى ئىلگىرى سۈرۈشكە ماسلىشىپ، پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ خىزمەت ئومۇمىيىتىنى زىچ چۆرىدەپ، چىرىكلىككە قارشى تۇرۇپ، پاكلىقنى تەشەببۇس قىلىش قۇرۇلۇشىنى سوتسىيالىستىك ئىقتىسادىي قۇرۇلۇش، سىياسىي قۇرۇلۇش، مەدەنىيەت قۇرۇلۇشى، ئىجتىمائىي ئىشلار قۇرۇلۇشىنىڭ ھەرقايسى ساھەلىرىگە سىڭدۈرۈپ ۋە ئۇنى پارتىيە قۇرۇلۇشىنىڭ ھەرقايسى تەرەپلىرىدە گەۋدىلەندۈرۈپ، ھەم مۇلازىمەت قىلىش بىلەن ئىلگىرى سۈرۈش رولىنى جارى قىلدۇرۇش، ھەم چىرىكلەشكەنلەرنى جازالاش ۋە چىرىكلىكنىڭ ئالدىنى ئېلىش سىستېمىسىنىڭ تەدرىجىي مۇكەممەللىشىشىگە تۈرتكە بولۇش كېرەك.
––– ئىسلاھاتتا يېڭىلىق يارىتىش، يول ئېچىپ ئىلگىرىلەشتە چىڭ تۇرۇش كېرەك. يېڭى ۋەزىيەتتە چىرىكلىككە قارشى تۇرۇپ، پاكلىقنى تەشەببۇس قىلىش قۇرۇلۇشىنىڭ ئالاھىدىلىكى ۋە قانۇنىيىتىنى ئىسلاھاتتا يېڭىلىق يارىتىدىغان روھىي ھالەت، ئىدىيە – ئىستىل ۋە خىزمەت ئۇسۇلى بىلەن تونۇپ ھەم ئىگىلەپ، چىرىكلەشكەنلەرنى جازالاش ۋە چىرىكلىكنىڭ ئالدىنى ئېلىشتىكى خىزمەتلەرنى كۈچەيتىپ ۋە ياخشىلاپ، يېڭى تەجرىبىلەرنى يەكۈنلەپ، يېڭى ئەھۋاللارنى تەتقىق قىلىپ، خىزمەت تەپەككۇرىدە يېڭىلىق يارىتىپ، خىزمەت مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، خىزمەتتىكى قىيىن مەسىلىلەرنى ھەل قىلىپ، چىرىكلىككە قارشى تۇرۇپ، پاكلىقنى تەشەببۇس قىلىش قۇرۇلۇشىنى دۇنيا، دۆلەت، پارتىيە ئەھۋالىدىكى تەرەققىيات ۋە ئۆزگىرىشلەرگە يەنىمۇ ماسلاشتۇرۇش، ئۇنى تېخىمۇ زور ئەمەلىي ئۈنۈمگە ئىگە قىلىش كېرەك.
––– جازالاش بىلەن ئالدىنى ئېلىشقا تەڭ ئېتىبار بېرىش، قۇرۇلۇشقا ئەھمىيەت بېرىشتە چىڭ تۇرۇش كېرەك. چىرىكلىككە قارشى تۇرۇپ، پاكلىقنى تەشەببۇس قىلىش قۇرۇلۇشىنى ئىجادىي تەپەككۇر، تەدبىر ۋە ئۇسۇل بىلەن ئىلگىرى سۈرۈپ، جازالاشنى ئالدىنى ئېلىش بىلەن، تەربىيىنى نازارەت قىلىش بىلەن، تۈزۈلمە ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى قانۇن – تۈزۈمنى مۇكەممەللەشتۈرۈش بىلەن ئورگانىك بىرلەشتۈرۈپ، چىرىكلەشكەنلەرنى قەتئىي جازالاش بىلەن بىللە، ماھىيەتتىن تۈزەشكە، ئالدىنى ئېلىشقا، تۈزۈم قۇرۇلۇشىغا تېخىمۇ ئەھمىيەت بېرىپ، جازالاش بىلەن ئالدىنى ئېلىشنى تەڭ تۇتۇپ، ھەر ئىككىلىسىنى ناھايىتى چىڭ تۇتۇپ، چىرىكلىككە قارشى تۇرۇپ، پاكلىقنى تەشەببۇس قىلىش قۇرۇلۇشى ئۈچۈن پايدىلىق ئىدىيىۋى قاراش، مەدەنىيەت كەيپىياتى، تۈزۈلمە شارائىتى، قانۇن كاپالىتى شەكىللەندۈرۈش كېرەك.
––– بىر تۇتاش پىلانلاپ ئىلگىرى سۈرۈش، ھەر تەرەپلىمە تۈزەشتە چىڭ تۇرۇش كېرەك. ئىسلاھاتنىڭ تۈرتكە بولۇش كۈچى، مائارىپنىڭ قايىل قىلىش كۈچى، تۈزۈمنىڭ چەكلەش كۈچى، نازارەتچىلىكنىڭ تىزگىنلەش كۈچى، جازانىڭ چۆچۈتۈش كۈچىنى بىرلەشتۈرۈپ، چىرىكلەشكەنلەرنى جازالاش ۋە چىرىكلىكنىڭ ئالدىنى ئېلىشتىكى باسقۇچلۇق ۋەزىپىنى ئىستراتېگىيىلىك نىشان بىلەن بىرلەشتۈرۈپ، مەۋقەنى ھازىرغا قويۇپ، يىراققا نەزەر تاشلاپ، ھەر قايسى تەرەپنىڭ بايلىقى ۋە كۈچىنى بىرىكتۈرۈپ، چىرىكلەشكەنلەرنى جازالاش ۋە چىرىكلىكنىڭ ئالدىنى ئېلىش سىستېمىسى قۇرۇلۇشىنىڭ ئىلمىيلىكى، سىستېمىلىقلىقى، ئالدىن كۆرەرلىكلىكىنى كۈچەيتىش كېرەك.
––– مۇھىم نۇقتىنى گەۋدىلەندۈرۈش، تۈرگە ئايرىپ يېتەكچىلىك قىلىشتا چىڭ تۇرۇش كېرەك. چىرىكلىك ئاسان، كۆپ كۆرۈلىدىغان مۇھىم ساھەلەر ۋە ھالقىلارنى چىڭ تۇتۇپ، رەھبىرىي كادىرلارنى مۇھىم نۇقتا، ھوقۇقنى قېلىپلاشتۇرۇش بىلەن چەكلەشنى يادرو قىلىپ، ئەمەلىيەتكە زىچ بىرلەشتۈرۈپ، ئوخشاش بولمىغان ئەھۋاللارنى پەرقلەندۈرۈپ، سىياسەت يېتەكچىلىكىنى كۈچەيتىپ، ئۈنۈملۈك يول ئۈستىدە ئىزدىنىپ، ئۈزلۈكسىز تۈردە يېڭى ئىلگىرىلەشكە ئېرىشىش كېرەك.
(3) خىزمەت نىشانى
بۇنىڭدىن كېيىنكى بەش يىلدا خىزمەتلەرنى پۇختا ئىشلەش ئارقىلىق چىرىكلەشكەنلەرنى جازالاش ۋە چىرىكلىكنىڭ ئالدىنى ئېلىش سىستېمىسىنىڭ ئاساسىي رامكىسىنى شەكىللەندۈرۈش، چىرىكلىك ۋە ئاينىپ كېتىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش تەربىيىسىدىكى ئۇزاق ئۈنۈملۈك مېخانىزمنى دەسلەپكى قەدەمدە ئورنىتىش، چىرىكلىككە قارشى تۇرۇپ، پاكلىقنى تەشەببۇس قىلىشقا ئالاقىدار قانۇن – نىزام ۋە تۈزۈمنى خېلىلا مۇكەممەللەشتۈرۈش، ھوقۇق يۈرگۈزۈش نازارەتچىلىكى مېخانىزمىنى ئاساسەن شەكىللەندۈرۈش، چىرىكلىكنىڭ ئالدىنى مەنبەدىن ئېلىش تۈزۈلمىسى ئىسلاھاتىنى داۋاملىق چوڭقۇرلاشتۇرۇش، پارتىيە ئىستىلى، مەمۇرىيەت ئىستىلىنى كۆرۈنەرلىك ياخشىلاش، چىرىكلىشىش ئەھۋاللىرىنىڭ پەيدا بولۇشىنى يەنىمۇ توسۇش، خەلقنىڭ رازى بولۇش دەرىجىسىنى يەنىمۇ يۇقىرى كۆتۈرۈشتىن ئىبارەت.
ئىككىنچى، چىرىكلىككە قارشى تۇرۇپ، پاكلىقنى تەشەببۇس قىلىش تەربىيىسى ئىلگىرى سۈرۈلىدۇ
(1) رەھبىرىي كادىرلارغا بولغان پارتىيە ئىستىلى، پاكلىق تەربىيىسى كۈچەيتىلىدۇ
غايە – ئېتىقادنى مۇستەھكەملەش ۋە مەمۇرىيەتتە پاك بولۇش تەربىيىسى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇلىدۇ. جۇڭگوچە سوتسىيالىزم نەزەرىيىسى سىستېمىسىنى ئۆگىنىش ۋە ئىزچىللاشتۇرۇش پائال ئىلگىرى سۈرۈلۈپ، ھەر دەرىجىلىك رەھبىرىي كادىرلار ئىلمىي تەرەققىيات قارىشىنىڭ ئىلمىي مەنىسى، روھىي ماھىيىتى ۋە تۈپ تەلىپىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈش جەھەتتە تەربىيىلىنىپ ۋە يېتەكلىنىپ، كوممۇنىزملىق ئۇلۇغۋار غايە ۋە جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئورتاق غايىسى چىڭىتىلىپ، ماركسىزملىق دۇنيا قارىشى، كىشىلىك ھايات قارىشى، قىممەت قارىشى، توغرا ھوقۇق قارىشى، مەرتىۋە قارىشى، مەنپەئەت قارىشى ۋە سوتسىيالىستىك شەرەپ – نومۇس قارىشى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇلىدۇ؛ پارتىيىنىڭ ئۈچ ئەۋلاد مەركىزىي كومىتېت رەھبەرلىك كوللېكتىپىنىڭ چىرىكلىككە قارشى تۇرۇپ، پاكلىقنى تەشەببۇس قىلىش جەھەتتىكى مۇھىم ئىدىيىسى ۋە يولداش خۇ جىنتاۋ باش شۇجىلىقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ چىرىكلىككە قارشى تۇرۇپ، پاكلىقنى تەشەببۇس قىلىش توغرىسىدىكى مۇھىم بايانى، پارتىيە نىزامنامىسى قاتارلىق پارتىيە ئىچىدىكى نىزام – بەلگىلىمە ۋە دۆلەتنىڭ قانۇن – نىزاملىرى ئەستايىدىل ئۆگىنىلىپ، پارتىيىۋىلىك جەھەتتىكى تەربىيىلىنىش بىلەن مەمۇرىيەت ئەخلاقى جەھەتتىكى تەربىيىلىنىش كۈچەيتىلىپ، قانۇنچىلىق قارىشى ۋە ئىنتىزام ئېڭى ئاشۇرۇلۇپ، مەمۇرىيەتتە پاك بولۇشنىڭ ئىدىيىۋى – سىياسىي ئاساسى پۇختىلىنىدۇ. ‹‹رەھبىرىي كادىرلارغا بولغان چىرىكلىككە قارشى تۇرۇپ، پاكلىقنى تەشەببۇس قىلىش تەربىيىسىنى كۈچەيتىش توغرىسىدىكى پىكىر›› تۈزۈلىدۇ. پارتكوم (پارتگۇرۇپپا) نەزەرىيە ئۆگىنىش مەركىزىي گۇرۇپپىسىنىڭ ئۆگىنىش تۈزۈمى مۇكەممەللەشتۈرۈلۈپ، چىرىكلىككە قارشى تۇرۇپ، پاكلىقنى تەشەببۇس قىلىش نەزەرىيە ئۆگىنىشى قەرەللىك ئورۇنلاشتۇرۇلىدۇ. پارتىيە، ھۆكۈمەتتىكى مەسئۇل يولداشلار باشلامچى بولۇپ، مەمۇرىيەتتە پاك بولۇش تېمىسىدا پارتىيە دەرسى ئۆتىدۇ. چىرىكلىككە قارشى تۇرۇپ، پاكلىقنى تەشەببۇس قىلىش تەربىيىسى كادىرلارنى تەربىيىلەش يىرىك پىلانىغا، ھەر دەرىجىلىك پارتىيە مەكتىپى، مەمۇرىي ئىنستىتۇت ۋە باشقا كادىرلارنى تەربىيىلەش ئاپپاراتلىرىنىڭ ئوقۇتۇش پىلانىغا كىرگۈزۈلىدۇ، رەھبىرىي كادىرلار مەمۇرىيەتتە پاك بولۇش تەربىيىسى مەخسۇس كۇرسى قەرەللىك ئېچىلىدۇ. رەھبىرىي كادىرلارنى ۋەزىپىگە تەيىنلەش بويىچە تەربىيىلەش، رەھبىرىي كادىرلارنى ئىش ئورنىدا تەربىيىلەشتە مەمۇرىيەتتە پاك بولۇش دەرسلىكى تەسىس قىلىنىدۇ.
پارتىيە ئىستىلى ۋە ئىنتىزام تەربىيىسى كۈچەيتىلىدۇ. مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى مەركىزىي كومىتېت تەشكىلات بۆلۈمى، مەركىزىي كومىتېت تەشۋىقات بۆلۈمى قاتارلىق ئورۇنلار بىلەن بىرلىكتە پارتىيە ئىستىلى، پارتىيە ئىنتىزامى مەخسۇس تەربىيىسىنى قانات يايدۇرۇشقا تەشكىللەپ، ھەر دەرىجىلىك رەھبىرىي كادىرلارنى پارتىيىنىڭ سىياسىي ئىنتىزامى، تەشكىلىي ئىنتىزامى، ئىقتىساد خىزمىتى ئىنتىزامى ۋە ئاممىۋى خىزمەت ئىنتىزامىغا ئاڭلىق رىئايە قىلىش، پارتىيىۋىلىككە ئېتىبار بېرىش، ئەخلاققا ئەھمىيەت بېرىش، ئۈلگە بولۇش جەھەتتە تەربىيىلەيدۇ ۋە يېتەكلەيدۇ. رەھبىرىي كادىرلار بىلەن پارتىيە – ھۆكۈمەت ئورگانلىرىنىڭ ئىستىلى ھەقىقىي ئۆزگەرتىلىپ، قىسمەن رەھبىرىي كادىرلارنىڭ ئىدىيىۋى ئىستىلى، ئۆگىنىش ئىستىلى، خىزمەت ئىستىلى، رەھبەرلىك ئىستىلى ۋە تۇرمۇش ئىستىلىدا ساقلانغان گەۋدىلىك مەسىلىلەر تىرىشىپ ھەل قىلىنىپ، چاكارلىق ئېڭى ئاشۇرۇلۇپ، ئامما بىلەن زىچ مۇناسىۋەت ئورنىتىلىپ، خەلقنى كۆزلەش، ئەمەلىيەتچىل، پاك بولۇش ئىشقا ئاشۇرۇلىدۇ. پارتىيىنىڭ شەرەپلىك ئەنئەنىسىگە ۋارىسلىق قىلىنىدۇ، ‹‹ئىككى بولسۇن›› ئەستە چىڭ ساقلىنىدۇ، سەككىز جەھەتتىكى ياخشى كەيپىيات ئەۋج ئالدۇرۇلىدۇ. جاپاغا چىداپ كۈرەش قىلىش روھى جارى قىلدۇرۇلۇپ، راستچىل – ئەمەلىيەتچىل بولۇش ئىستىلى زور كۈچ بىلەن ئەۋج ئالدۇرۇلۇپ، راست سۆزلەش، ھەقىقىي ئەھۋالنى ئېنىقلاش، ئەمەلىي ئىش قىلىش، ئەمەلىي ئۈنۈمگە ئىنتىلىش رېئاللاشتۇرۇلىدۇ، يىغىن ۋە ھۆججەتلەرنى پۈتۈن كۈچ بىلەن ئىخچاملاش ئارقىلىق يىغىن ئىستىلى ۋە يېزىقچىلىق ئىستىلى ئۆزگەرتىلىدۇ. دۆلەت كارخانىلىرىدىكى رەھبىرىي خادىملارنىڭ ئىستىلى ھەقىقىي يوسۇندا ئۆزگەرتىلىپ، دۆلەت كارخانىلىرىدىكى بەزى رەھبىرىي خادىملارنىڭ دۆلەت ئىچى – سىرتىدىكى ھۆكۈمەت پائالىيەتلىرىدە ھەشەمەتچىلىك – ئىسراپچىلىق قىلىش، ھۆكۈمەت پۇلىنى بەلگىلىمىگە خىلاپ ئىشلىتىش، چوڭ مەسىلىلەردە گېپىنى راست قىلىش شۇنىڭدەك ئىشچى – خىزمەتچىلەرنىڭ قىيىنچىلىقىغا كۆڭۈل بۆلمەسلىك قاتارلىق ئاممىنىڭ ئىنكاسى كۈچلۈك مەسىلىلەر تۈزىتىلىپ، قانۇن بويىچە ئىگىلىك باشقۇرۇش، كەسىپ بىلەن شۇغۇللىنىشتا پاك بولۇش، باشقۇرۇشتا دېموكراتىك بولۇش كەيپىياتى شەكىللەندۈرۈلىدۇ. ئالىي مەكتەپتىكى رەھبىرىي خادىملارنىڭ ئىستىلى ھەقىقىي ئۆزگەرتىلىپ، تەدبىر بەلگىلەشتە دېموكراتىك ۋە مەكتەپ ئىشلىرىدا ئاشكارا بولۇشنى تۈزۈملەشتۈرۈش، قېلىپلاشتۇرۇش سەۋىيىسى ئۆستۈرۈلىدۇ. يېزا ئاساسىي قاتلاملىرى، كوچا باشقارمىلىرى، مەھەللىلەردىكى كادىرلارنىڭ ئىستىلى ھەقىقىي يوسۇندا ئۆزگەرتىلىپ، ئاز ساندىكى ئاساسىي قاتلام ئورۇنلىرىدا ساقلانغان كادىرلارنىڭ يېيىش – ئىچىش، ئېلىۋېلىش، تۇتۇپ قېلىش، سوراش، ئاممىغا جاپا سېلىش شۇنىڭدەك خىزمەت ئۈنۈمى تۆۋەن بولۇش مەسىلىسى ئەستايىدىل ھەل قىلىنىپ، پاك، ئادىل، تىرىشچان بولۇش، خەلقنى كۆزلەش ئىشقا ئاشۇرۇلىدۇ.
(2) پۈتكۈل پارتىيە ۋە پۈتكۈل جەمئىيەتتە چىرىكلىككە قارشى تۇرۇپ، پاكلىقنى تەشەببۇس قىلىش تەشۋىق – تەربىيىسى كۈچەيتىلىدۇ
چىرىكلىككە قارشى تۇرۇپ، پاكلىقنى تەشەببۇس قىلىش تەشۋىق – تەربىيىسى پۈتكۈل پارتىيىنىڭ تەشۋىق – تەربىيە ئومۇمىي ئورۇنلاشتۇرۇلمىسىغا كىرگۈزۈلۈپ، پۈتكۈل پارتىيىنىڭ ئىلمىي تەرەققىيات قارىشىنى چوڭقۇر ئۆگىنىش ۋە ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈش پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇشقا سىڭدۈرۈلىدۇ. ئىنتىزام تەكشۈرۈش – مەمۇرىي تەپتىش، تەشكىلات – كادىرلار، تەشۋىقات – ئىدىيە، مەدەنىيەت – مائارىپ، ئاخبارات – نەشرىيات، رادىئو – كىنو – تېلېۋىزىيە قاتارلىق تارماقلار چىرىكلىككە قارشى تۇرۇپ، پاكلىقنى تەشەببۇس تەشۋىق – تەربىيىسى توغرىسىدا يىللىق خىزمەت ئورۇنلاشتۇرمىسى تۈزىدۇ. بىرلەشمە يىغىن تۈزۈمىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، چىرىكلىككە قارشى تۇرۇپ، پاكلىقنى تەشەببۇس قىلىش تەشۋىق – تەربىيە خىزمىتى ئەندىزىسىنى مۇكەممەللەشتۈرىدۇ.
‹‹پارتىيە ئەزالىرىنى دائىملىق تەربىيىلەش توغرىسىدىكى پىكىر›› ئەمەلىيلەشتۈرۈلىدۇ. چىرىكلىككە قارشى تۇرۇپ، پاكلىقنى تەشەببۇس قىلىشتا بىر تۈركۈم تەربىيە بازىلىرى قۇرۇلۇپ، ‹‹ئۈچ يىغىن، بىر دەرس›› نىڭ مەزمۇنى بېيىتىلىپ، ئۈلگە بولۇش تەربىيىسى، ئىبرەت تەربىيىسى، ئىش ئورنىدا پاك بولۇش تەربىيىسى ۋە ئاساسىي تېما تەربىيىسىدە يېڭىلىق يارىتىش شەكلى ئارقىلىق ئىنسانىي غەمخورلۇق ۋە پسىخىك يېتەكچىلىككە ئەھمىيەت بېرىلىپ، تەربىيىنىڭ قاراتمىلىقى ۋە ئۈنۈمى ئۆستۈرۈلىدۇ.
چىرىكلىككە قارشى تۇرۇپ، پاكلىقنى تەشەببۇس قىلىش تەشۋىقاتىنىڭ سالمىقى ئاشۇرۇلىدۇ. پارتىيىنىڭ چىرىكلىككە قارشى تۇرۇپ، پاكلىقنى تەشەببۇس قىلىش نەزەرىيىسى، فاڭجېن – سىياسىتى، ئاساسىي تەجرىبىسى ۋە خىزمەت نەتىجىلىرى كەڭ دائىرىدە تەشۋىق قىلىنىپ، تىرىشچان، پاك، تەلەپچان ئىلغار تىپلار تەشۋىق قىلىنىدۇ. پارتىيە گېزىت – ژۇرناللىرى، رادىئو ۋە تېلېۋىزىيە ئىستانسىلىرى شۇنىڭدەك نۇقتىلىق ئاخبارات تور پونكىتلىرى، ھۆكۈمەت تور پونكىتلىرى چىرىكلىككە قارشى تۇرۇپ، پاكلىقنى تەشەببۇس قىلىش مەخسۇس ئىستونى، مەخسۇس پروگراممىلىرىنى داۋاملىق ياخشى ئىشلەيدۇ. چىرىكلىككە قارشى تۇرۇپ، پاكلىقنى تەشەببۇس قىلىش توغرىسىدىكى ئاخبارات ئېلان قىلىش تۈزۈمى مۇكەممەللەشتۈرۈلىدۇ. چىرىكلىككە قارشى تۇرۇپ، پاكلىقنى تەشەببۇس قىلىشتىكى تاشقى تەشۋىقات خىزمىتى ياخشى ئىشلىنىدۇ. چىرىكلىككە قارشى تۇرۇپ، پاكلىقنى تەشەببۇس قىلىشتىكى ئاخبارات – تەشۋىقات ئىنتىزامى ناھايىتى چىڭىتىلىدۇ. چىرىكلىككە قارشى تۇرۇپ، پاكلىقنى تەشەببۇس قىلىشتىكى تور مەدەنىيىتى قۇرۇلۇشى ۋە ئۇنى باشقۇرۇش كۈچەيتىلىپ، چىرىكلىككە قارشى تۇرۇپ، پاكلىقنى تەشەببۇس قىلىش توردا تەشۋىق قىلىنىدۇ ھەم قىزىق نۇقتا مەسىلىلىرىگە يېتەكچىلىك قىلىنىدۇ، ياخشى ئىدىيە ۋە جامائەت پىكرى كەيپىياتى پائال يارىتىلىدۇ.
(3) پاكلىق مەدەنىيىتى قۇرۇلۇشى كۈچەيتىلىدۇ
سوتسىيالىستىك مەدەنىيەتنىڭ ئۇلۇغ تەرەققىياتى، ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش تەلىپىگە ئاساسەن، سوتسىيالىستىك مەنىۋى مەدەنىيلىك قۇرۇلۇشىدا، سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشى سىستېمىسى بەرپا قىلىشنى چۆرىدىگەن ھالدا ئىجتىمائىي ئەخلاق، كەسىپ ئەخلاقى، ئائىلە گۈزەل ئەخلاقى، شەخسىي ئەخلاق تەربىيىسى ۋە قانۇنچىلىق تەربىيىسىگە بىرلەشتۈرۈلۈپ، مول، رەڭگارەڭ پاكلىق مەدەنىيىتى بەرپا قىلىش پائالىيەتلىرى قانات يايدۇرۇلىدۇ. ‹‹پاكلىق مەدەنىيىتى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش توغرىسىدىكى يېتەكچى پىكىر›› تۈزۈلىدۇ. كارخانا مەدەنىيىتى قۇرۇلۇشىغا بىرلەشتۈرۈلۈپ، قانۇن بويىچە ئىگىلىك باشقۇرۇش، كەسىپ بىلەن شۇغۇللىنىشتا پاك بولۇش تەربىيىسى كەڭ دائىرىدە قانات يايدۇرۇلىدۇ. يېزىلاردىكى پارتىيىلىك كادىرلارنى زامانىۋى، يىراقتىن تەربىيىلەش سىستېمىسىدىن تولۇق پايدىلىنىلىپ، يېزىلارنىڭ ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت پائالىيىتىگە زىچ بىرلەشتۈرۈلگەن ھالدا يېزا پاكلىق مەدەنىيىتى قۇرۇلۇشى كۈچەيتىلىدۇ. ‹‹ئالىي، ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپلەردە پاكلىق تەربىيىسىنى ئومۇميۈزلۈك قانات يايدۇرۇش توغرىسىدىكى پىكىر›› گە ئاساسەن، مەكتەپنىڭ ئەخلاق تەربىيىسىدە پاكلىق تەربىيىسى كەڭ دائىرىدە قانات يايدۇرۇلۇپ، ياشلار – ئۆسمۈرلەرنىڭ ئىدىيە – ئەخلاق پائالىيىتى بېيىتىلىدۇ. ئائىلە ۋە مەھەللىدە ئىقتىسادچىل – تىرىشچان بولۇشتەك ئائىلە كەيپىياتى ۋە مەدەنىي بولۇشتەك كەيپىياتى تەشەببۇس قىلىنىدۇ. ئىجتىمائىي تەشكىلاتلار ۋە كەسىپكارلار قانۇن بويىچە كەسىپ بىلەن شۇغۇللىنىش، ئادىل – پاك بولۇش ئېڭىنى كۈچەيتىشكە يېتەكلىنىدۇ. ئىنقىلابىي ئەنئەنە ئەۋج ئالدۇرۇلۇپ، جۇڭخۇا ئىلغار مەدەنىيىتىنىڭ مول بايلىقى قېزىلىپ، ‹‹پاكلىق مەدەنىيىتى بويىچە نادىر ئەسەرلەر قۇرۇلۇشى›› يولغا قويۇلىدۇ. پاكلىق مەدەنىيىتىنىڭ مەزمۇنى، شەكلى ۋە تارقىتىش ۋاسىتىسىدە يېڭىلىق يارىتىش ئىلگىرى سۈرۈلۈپ، قاپلاش دائىرىسى كېڭەيتىلىپ، تەسىر كۈچى كۈچەيتىلىپ، ‹‹پاكلىقنى شەرەپ، خىيانەتچىلىكنى نومۇس›› بىلىدىغان ئىجتىمائىي كەيپىيات يارىتىلىدۇ.
ئۈچىنچى، چىرىكلىككە قارشى تۇرۇپ، پاكلىقنى تەشەببۇس قىلىشقا ئائىت قانۇن، نىزام، تۈزۈملەر مۇكەممەللەشتۈرۈلىدۇ
(1) پارتىيە ئىچىدىكى دېموكراتىيە ۋە نازارەتچىلىك تۈزۈمى مۇكەممەللەشتۈرۈلىدۇ
پارتىيىنىڭ ئىچكى دېموكراتىيە – مەركەزلەشتۈرۈش تۈزۈمىنىڭ كونكرېت تۈزۈملىرى تاكامۇللاشتۇرۇلىدۇ. پارتىيىنىڭ يەرلىك ھەر دەرىجىلىك كومىتېتلىرىنىڭ ئومۇمىي يىغىن، دائىمىي كومىتېت يىغىنى خىزمەت مېخانىزمى مۇكەممەللەشتۈرۈلىدۇ، ‹‹جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيىسىنىڭ يەرلىك كومىتېتلىرى خىزمىتى نىزامى(سىناق تەرىقىسىدە يولغا قويۇلىدۇ)›› غا تۈزىتىش كىرگۈزۈلىدۇ. ‹‹جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيىسىنىڭ پارتگۇرۇپپا خىزمىتى نىزامى›› تۈزۈلىدۇ. يەرلىك پارتكوملار چوڭ مەسىلىلەرنى مۇزاكىرە قىلىپ بېكىتىش ۋە مۇھىم كادىرلارنى ۋەزىپىگە تەيىنلەشتە ئاۋازغا قويۇش تۈزۈمى يولغا قويۇلىدۇ.
پارتىيىنىڭ ئىچكى دېموكراتىيە تۈزۈمى تاكامۇللاشتۇرۇلىدۇ. پارتىيە قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرىنىڭ ۋەزىپە مۇددىتى تۈزۈمىنىڭ كونكرېت يولغا قويۇش چارىسى تۈزۈلۈپ، بەزى ناھىيە (شەھەر، رايون) لەردە پارتىيە قۇرۇلتىيى دائىمىي ۋەزىپە تۈزۈمى سىناق قىلىنىدۇ. ‹‹پارتىيىنىڭ يەرلىك ۋە ئاساسىي قاتلام تەشكىلاتلىرىدا پارتىيە ئىشلىرىنى ئاشكارىلاشنى يولغا قويۇش توغرىسىدىكى پىكىر›› تۈزۈلۈپ، پارتىيىنىڭ ئىچكى ئەھۋاللارنى خەۋەرلەندۈرۈش، ئەھۋال ئىنكاس قىلىش، مۇھىم تەدبىرلەرنى بەلگىلەشتە پىكىر ئېلىش تۈزۈمى مۇكەممەللەشتۈرۈلىدۇ. نامزات كۆرسىتىش تۈزۈمى ۋە سايلام ئۇسۇلى ياخشىلىنىپ، ‹‹جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيىسىنىڭ ئاساسىي قاتلام تەشكىلاتلىرىنىڭ سايلام خىزمىتى ۋاقىتلىق نىزامى›› غا تۈزىتىش كىرگۈزۈلۈپ، ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتلىرىنىڭ رەھبەرلىك بەنزىلىرىنىڭ ئەزالىرىنى پارتىيە ئەزالىرى ۋە ئامما ئاشكارا كۆرسىتىش بىلەن يۇقىرى دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرى كۆرسىتىشنى بىرلەشتۈرۈش چارىسى ئومۇملاشتۇرۇلۇپ، ئاساسىي قاتلام تەشكىلاتلىرىنىڭ رەھبەرلىك بەنزىلىرىنى بىۋاسىتە سايلاش دائىرىسى تەدرىجىي كېڭەيتىلىدۇ.
پارتىيىنىڭ ئىچكى نازارەتچىلىك تۈزۈمى تاكامۇللاشتۇرۇلىدۇ. مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بيۇروسى مەركىزىي كومىتېتنىڭ ئومۇمىي يىغىنىغا، پارتىيىنىڭ يەرلىك ھەر دەرىجىلىك كومىتېتلىرىنىڭ دائىمىي كومىتېتلىرى كومىتېتنىڭ ئومۇمىي يىغىنىغا خىزمىتىدىن قەرەللىك دوكلات بېرىش ۋە ئۇنىڭ نازارىتىنى قوبۇل قىلىش تۈزۈمى ئورنىتىلىدۇ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈلىدۇ. نۇقتىدا سىناق قىلىش ئاساسىدا ‹‹يەرلىك پارتىيە كومىتېتى ئەزالىرى، ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى ئەزالىرى ئوتتۇرىغا قويغان قالدۇرۇۋېتىش، يۆتكىۋېتىش تەلەپلىرىنى بىر تەرەپ قىلىش چارىسى (سىناق تەرىقىسىدە يولغا قويۇلىدۇ)›› تەتقىق قىلىپ تۈزۈپ چىقىلىدۇ. ‹‹جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيىسىنىڭ پارتىيىلىك رەھبىرىي كادىرلارنىڭ مەمۇرىيەتتە پاك بولۇشىغا دائىر بىر قانچە مىزانى (سىناق تەرىقىسىدە يولغا قويۇلىدۇ)›› ۋە ‹‹دۆلەت كارخانىلىرى رەھبىرىي خادىملىرىنىڭ كەسىپ بىلەن شۇغۇللىنىشىدا پاك بولۇشىغا دائىر بىر قانچە بەلگىلىمىسى (سىناق تەرىقىسىدە يولغا قويۇلىدۇ)›› گە تۈزىتىش كىرگۈزۈلىدۇ.
(2) ئىنتىزامغا خىلاپلىق قىلغانلارنى جازالاش تۈزۈمى مۇكەممەللەشتۈرۈلىدۇ
‹‹جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيىسىنىڭ ئىنتىزام جازاسى نىزامى›› ۋە ‹‹مەمۇرىي ئورگان مەمۇرلىرىنى جازالاش نىزامى›› نىڭ يانداشما بەلگىلىمىلىرى تۈزۈپ چىقىلىدۇ. پارتىيە ئورگانلىرى، خەلق قۇرۇلتىيى ئورگانلىرى، سىياسىي كېڭەش ئورگانلىرى، دېموكراتىك پارتىيە – گۇرۇھلارنىڭ ئورگانلىرىدىكى مەمۇرلارغا ئىنتىزام جازاسى بېرىش توغرىسىدىكى بەلگىلىمىلەر مۇكەممەللەشتۈرۈلىدۇ، كەسپىي ئورۇنلارنىڭ خىزمەتچىلىرى ۋە دۆلەت كارخانىلىرىنىڭ خادىملىرىغا ئىنتىزام جازاسى بېرىش توغرىسىدىكى بەلگىلىمىلەر تۈزۈپ چىقىلىدۇ. ئىنتىزامغا خىلاپلىق قىلىشقا دائىر دېلولارنى تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىش داۋامىدىكى تەشكىلىي بىر تەرەپ قىلىش خىزمىتىنى قېلىپلاشتۇرۇش ۋە كۈچەيتىش توغرىسىدىكى پىكىر تۈزۈپ چىقىلىدۇ.
‹‹جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيىسىنىڭ ئىنتىزام تەكشۈرۈش ئورگانلىرى ئۈستىدىن شىكايەت – ئەرز قىلىش خىزمىتى نىزامى›› غا تۈزىتىش كىرگۈزۈلىدۇ. ئىنتىزام تەكشۈرۈش، مەمۇرىي تەپتىش ئورگانلىرىنىڭ ئىنتىزام ۋە قانۇن بويىچە دېلو بېجىرىش، دېلو بېجىرىشنى قېلىپلاشتۇرۇش خىزمىتى توغرىسىدىكى بىر قانچە پىكىر تۈزۈپ چىقىلىدۇ. دۆلەت (چېگرا) سىرتىدىكى جۇڭگو مەبلىغى كارخانىلىرى ۋە ئۇنىڭ خىزمەتچىلىرىنىڭ ئىنتىزامغا، قانۇنغا خىلاپلىق قىلىشقا دائىر دېلولىرىنى تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىش چارىسى تۈزۈپ چىقىلىدۇ. ئىنتىزام تەكشۈرۈش، مەمۇرىي تەپتىش ئورگانلىرى بىلەن تەپتىش ئورگانلىرىنىڭ ئۆزئارا دېلو تاپشۇرۇش، يوللاش خىزمىتى يەنىمۇ قېلىپلاشتۇرۇلىدۇ.
(3) چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش رەھبەرلىك تۈزۈلمىسى ۋە خىزمەت مېخانىزمىنىڭ كونكرېت تۈزۈملىرى مۇكەممەللەشتۈرۈلىدۇ
‹‹پارتىيە ئىستىلى، پاكلىق قۇرۇلۇشى بويىچە مەسئۇلىيەت تۈزۈمىنى يولغا قويۇش توغرىسىدىكى بەلگىلىمە›› گە تۈزىتىش كىرگۈزۈلىدۇ. ‹‹دۆلەت كارخانىلىرىنىڭ ئىنتىزام تەكشۈرۈش خىزمىتى نىزامى›› ۋە يېزا ئاساسىي قاتلام پارتىيە ئىستىلى، پاكلىق قۇرۇلۇشى بويىچە مەسئۇلىيەت تۈزۈمىنى يولغا قويۇش توغرىسىدىكى بەلگىلىمە تۈزۈپ چىقىلىدۇ.
(4) دۆلەتنىڭ چىرىكلىككە قارشى تۇرۇپ، پاكلىقنى تەشەببۇس قىلىشقا ئائىت قانۇن چىقىرىش خىزمىتى كۈچەيتىلىدۇ
چىرىكلىكنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا ئائىت قانۇن – نىزاملار چىقىرىلىپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈلۈپ، چىرىكلىككە قارشى تۇرۇپ، پاكلىقنى تەشەببۇس قىلىشنى قانۇن – تۈزۈملەشتۈرۈش سەۋىيىسى ئۆستۈرۈلىدۇ. دۆلەت قانۇن چىقىرىشتا چىرىكلىككە قارشى تۇرۇپ، پاكلىقنى تەشەببۇس قىلىش ئاساسىي تەلىپىنى تولۇق نامايان قىلىدۇ. ئەمەلىيەتنىڭ سىنىقىدىن ئۆتكەن چىرىكلىككە قارشى تۇرۇپ، پاكلىقنى تەشەببۇس قىلىشتىكى كونكرېت تۈزۈم ۋە ئۈنۈملۈك ئۇسۇللار مۇۋاپىق پەيتتە دۆلەتنىڭ قانۇن – نىزامى قىلىنىدۇ. بۇنىڭدىن كېيىنكى بەش يىلدا بىر تۈركۈم قانۇن، بەلگىلىمە ۋە نىزام پىلانلىق، قەدەم باسقۇچلۇق چىقىرىلىدۇ ياكى تۈزىتىش كىرگۈزۈلىدۇ.
تۆتىنچى، نازارەتچىلىك ئارقىلىق چەكلەش كۈچەيتىلىدۇ
(1) رەھبەرلىك ئورگانلىرى، رەھبىرىي كادىرلار، بولۇپمۇ ھەر دەرىجىلىك رەھبەرلىك بەنزىلىرىنىڭ ئاساسلىق مەسئۇللىرىنى نازارەت قىلىش كۈچەيتىلىدۇ
پارتىيىنىڭ سىياسىي ئىنتىزامىغا رىئايە قىلىش ئەھۋالىنى نازارەت قىلىش كۈچەيتىلىدۇ. سىياسىي ئىنتىزامنى ئىجرا قىلىش سالمىقى ئاشۇرۇلۇپ، پارتىيە نىزامنامىسى ۋە پارتىيىنىڭ باشقا نىزام – بەلگىلمىلىرى، مەركەزنىڭ نوپۇزى ۋە پارتىيىنىڭ يۈكسەك بىرلىكى قوغدىلىپ، يولداش خۇ جىنتاۋ باش شۇجىلىقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بىلەن بولغان يۈكسەك بىردەكلىك باشتىن – ئاخىر ساقلىنىپ، پارتىيىنىڭ لۇشيەن، فاڭجېن، سىياسەتلىرىنى ئىزچىللاشتۇرۇش ۋە ئىجرا قىلىشقا، پارتىيە 17 – قۇرۇلتىيىدا بېكىتىلگەن مۇھىم نەزەرىيىۋى قاراش، مۇھىم ئىستراتېگىيىلىك ئىدىيە، مۇھىم خىزمەت ئورۇنلاشتۇرمىسىنىڭ ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇلۇشى ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈلۈشىگە كاپالەتلىك قىلىنىدۇ.
ئىلمىي تەرەققىيات قارىشىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئەھۋالىنى نازارەت قىلىش كۈچەيتىلىدۇ. ماكرولۇق تەڭشەش، ئىقتىسادنىڭ ئېشىش ئۇسۇلىنى ئۆزگەرتىش، ئۆز ئالدىغا يېڭىلىق يارىتىش ئىقتىدارىنى ئاشۇرۇش، تەرەققىيات سۈپىتى ۋە ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈش، ئېنېرگىيە تېجەش، بۇلغىما ئازايتىش ۋە ئېكولوگىيىلىك مۇھىتنى ئاسراشنى كۈچەيتىش، يەردىن ئىقتىسادچىللىق بىلەن تۈجۈپىلەپ پايدىلىنىش، خەلق تۇرمۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش ۋە ئۇنى ياخشىلاش، سوتسىيالىستىك يېڭى يېزا قۇرۇش جەھەتتىكى چوڭ سىياسەت، تەدبىرلەرنى نازارەت قىلىش ۋە تەكشۈرۈشنى كۈچەيتىش، ياخشىلاشنى چۆرىدىگەن ھالدا ئىلمىي تەرەققىيات قارىشىنىڭ تەلىپىگە زىت قىلمىشلارنىڭ ئالدى ئېلىنىدۇ ۋە تۈزىتىلىدۇ.
دېموكراتىيە – مەركەزلەشتۈرۈش تۈزۈمىنىڭ ئىجرا قىلىنىش ئەھۋالىنى نازارەت قىلىش كۈچەيتىلىدۇ. ئومۇملۇق مەسىلىلىرى، مۇھىم كادىرلارنى كۆرسىتىش، ۋەزىپىگە تەيىنلەش، ۋەزىپىسىدىن قالدۇرۇش ھەم جازالاش – مۇكاپاتلاش قاتارلىق جەھەتلەرگە چېتىشلىق دېموكراتىيە – مەركەزلەشتۈرۈش تۈزۈمىنىڭ ئىزچىل ئىجرا قىلىنىش ئەھۋالىنى نازارەت قىلىش ۋە تەكشۈرۈش ئەستايىدىل قانات يايدۇرۇلۇپ، پارتىيە كومىتېتى ئومۇمىي يىغىنلىرى بىلەن دائىمىي كومىتېت يىغىنلىرىدىكى كېڭىشىش قائىدىسىگە، تەدبىر بەلگىلەش تەرتىپىنى قەتئىي ئىجرا قىلىشقا كاپالەتلىك قىلىنىپ، شەخسلەر ياكى ئاز ساندىكىلەر ھاكىممۇتلەقلىكىگە قارشى تۇرۇلىدۇ.
رەھبىرىي كادىرلارنىڭ پاك، تەلەپچان بولۇشىغا ئائىت بەلگىلىمىلەرنىڭ ئەمەلىيلىشىشىنى نازارەت قىلىش كۈچەيتىلىدۇ. رەھبىرىي كادىرلارنىڭ بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، نەق پۇل، ئاكسىيە، چىقىم دوكومېنتى ئېلىش – بېرىش ۋە ھەدىيە پاي ئېلىش، بازار سودا پائالىيىتىگە بەلگىلىمىگە خىلاپ ھالدا ئارىلىشىش، ۋەزىپىسىدىكى قۇلايلىقتىن پايدىلىنىپ ئىچكى ئۇچۇرنى ئىگىلەپ پاي چېكى سودىسى قىلىش ۋە تۇرالغۇ مەسىلىسىدە ھوقۇقىدىن پايدىلىنىپ ئۆز كۆمىچىگە چوغ تارتىش قاتارلىق مەسىلىلەر نۇقتىلىق تۈزىتىلىدۇ. رەھبىرىي كادىرلارنىڭ جورىسى، پەرزەنتلىرىنىڭ شەخسىي كەسىپكارلىق قىلىشىغا ئالاقىدار بەلگىلىمىلەر قەتئىي ئىجرا قىلىنىدۇ.
يۇقىرى دەرىجىلىك پارتكوم ۋە ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتلىرىنىڭ تۆۋەن دەرىجىلىك پارتكوم ۋە ئۇلارنىڭ ئەزالىرىنى نازارەت قىلىشى كۈچەيتىلىپ، يۇقىرى دەرىجىلىك پارتكوملارنىڭ تۆۋەن دەرىجىلىك پارتكوم دائىمىي كومىتېت ئەزالىرىنى دائىم تەكشۈرۈش ۋە قەرەللىك تەكشۈرۈش مېخانىزمى مۇكەممەللەشتۈرۈلىدۇ. دائىمىي كومىتېتلارنىڭ ئىچكى نازارەتچىلىكى كۈچەيتىلىپ، ئاساسلىق مەسئۇل دائىمىي كومىتېت ئەزالىرىنىڭ نازارەت قىلىشىنى ئاڭلىق قوبۇل قىلىدۇ. تەڭ دەرىجىلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتلىرىنىڭ دائىمىي كومىتېت ئەزالىرىنى نازارەت قىلىشى كۈچەيتىلىدۇ. پارتىيە قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرىنىڭ رولى تولۇق جارى قىلدۇرۇلۇپ، تەڭ دەرىجىلىك پارتىيە قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرى، ئومۇمىي يىغىننىڭ دائىمىي كومىتېت خىزمەتلىرىنى باھالاش، نازارەت قىلىش تۈزۈمى ئورنىتىش ئۈستىدە ئىزدىنىلىدۇ.
كۆزىتىش خىزمىتى كۈچەيتىلىدۇ. ‹‹جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيىسىنىڭ كۆزىتىش خىزمىتى نىزامى›› تۈزۈلىدۇ. ئۆلكە (ئاپتونوم رايون، شەھەر) لەرنى كۆزىتىش داۋاملىق كۈچەيتىلىدۇ. پۇل مۇئامىلە ئورگىنى، دۆلەتنىڭ مۇھىم تايانچ كارخانىلىرى، ئالىي مەكتەپلەر ۋە دۆلەتنىڭ نۇقتىلىق قۇرۇلۇش تۈرلىرىنى كۆزىتىش كۈچەيتىلىدۇ. مەركەز ۋە دۆلەت ئورگانلىرىنى كۆزىتىش سىناق نۇقتىلىرى خىزمىتى داۋاملىق قانات يايدۇرۇلىدۇ. ھەرقايسى ئۆلكە (ئاپتونوم رايون، شەھەر) لىك پارتكوملار شەھەر (ۋىلايەت، ئوبلاست، ئايماق)لەرنى كۆزىتىشنى ئەستايىدىل قانات يايدۇرۇپ، ئۇنى ناھىيە (شەھەر، رايون، خوشۇن) لەرگىچە كېڭەيتىدۇ، ئۆزىگە قاراشلىق دۆلەت كارخانىلىرى، ئالىي مەكتەپلەر ۋە بىۋاسىتە قاراشلىق ئورگانلارنى كۆزىتىشنى تەدرىجىي قانات يايدۇرىدۇ. مەركەز بىلەن دۆلەت ئورگانلىرى ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ، بىۋاسىتە قاراشلىق ئورۇنلار، خاس (ۋاكالەت) ئاپپاراتلىرىنى كۆزىتىش خىزمىتىنى قانات يايدۇرسا بولىدۇ.
ئىنتىزام تەكشۈرۈش، مەمۇرىي تەپتىش ئورگانلىرىنىڭ ۋاكالەت ئاپپاراتلىرىنى بىر تۇتاش باشقۇرۇش كۈچەيتىلىدۇ. ئىنتىزام تەكشۈرۈش، مەمۇرىي تەپتىش ئورگانلىرىنىڭ ۋاكالەت ئاپپاراتلىرى خىزمىتىگە ئائىت بەلگىلىمىلەر تۈزۈلۈپ، باشقۇرۇش تۈزۈلمىسى ۋە خىزمەت مېخانىزمى مۇكەممەللەشتۈرۈلىدۇ. تۇرۇشلۇق ئورۇن پارتگۇرۇپپىسى بىلەن مەمۇرىي رەھبەرلىك بەنزىسىنىڭ پارتىيە ئىستىلى، پاكلىق قۇرۇلۇشى مەسئۇلىيەت تۈزۈمىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشىگە ياردەم بېرىلىدۇ ھەم چىرىكلىككە قارشى تۇرۇپ، پاكلىقنى تەشەببۇس قىلىش خىزمىتى تەشكىللىنىدۇ ۋە نازارەت قىلىنىدۇ.
(2) مۇھىم ساھە ۋە ئاچقۇچلۇق ھالقىلاردا ھوقۇق يۈرگۈزۈشىنى نازارەت قىلىش كۈچەيتىلىدۇ
كادىرلار ئىشلىرى ھوقۇقىنى يۈرگۈزۈشنى نازارەت قىلىش كۈچەيتىلدۇ. ‹‹پارتىيە، ھۆكۈمەت رەھبىرىي كادىرلىرىنى تاللاپ ئۆستۈرۈش، ئىشلىتىش خىزمىتى نىزامى›› بىلەن ‹‹پارتىيە، ھۆكۈمەت رەھبىرىي كادىرلىرىنى تاللاپ ئۆستۈرۈش، ئىشلىتىش خىزمىتىنى نازارەت قىلىپ تەكشۈرۈش چارىسى (سىناق تەرىقىسىدە يولغا قويۇلىدۇ)›› ئەمەلىيلەشتۈرۈلىدۇ. كادىرلارنى تاللاپ ئۆستۈرۈش، ئىشلىتىشتىن بۇرۇن تەڭ دەرىجىلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتلىرىدىن پىكىر ئېلىش تۈزۈمى، ئالدىنى ئېلىش، ۋاقتىدا بايقاش، ئەستايىدىل تۈزىتىشنى ئاساس قىلغان كادىرلارنى نازارەت قىلىش خىزمىتى مېخانىزمىدا چىڭ تۇرۇلىدۇ ۋە ئۇ مۇكەممەللەشتۈرۈلىدۇ. كادىرلارنى نازارەت قىلىش خىزمىتى بىرلەشمە يىغىنىنىڭ رولى جارى قىلدۇرۇلىدۇ. كادىرلارنى تاللاپ ئۆستۈرۈش، ئىشلىتىشنىڭ پۈتكۈل جەريانىنى نازارەت قىلىش كۈچەيتىلىپ، تەكشۈرۈش ئارقىلىق چىنلىقىنى يوقىتىش ۋە ‹‹شالتىقى بار كادىرلارنى ئۆستۈرۈش›› نىڭ ئالدى ئۈنۈملۈك ئېلىنىدۇ. ئەمەلدارلارنىڭ يېنىغا قاتراش، ئەمەل تەلەپ قىلىش، ئەمەل سودىسى قىلىش قاتارلىق مەسىلىلەر ئىنچىكە تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىنىپ، ئادەم ئىشلىتىشتىكى ناتوغرا ئىستىل قەتئىي تۈزىتىلىدۇ.
ئەدلىيە ھوقۇقى يۈرگۈزۈشنى نازارەت قىلىش كۈچەيتىلىدۇ. ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتلىرى بىلەن پارتكوملارنىڭ سىياسى – قانۇن كومىتېتلىرى، تەشكىلات بۆلۈمى قاتارلىق تارماقلارنىڭ ئەدلىيە ئورگانلىرىنىڭ پارتىيە تەشكىلاتلىرى ۋە پارتىيىلىك كادىرلارنى نازارەت قىلىش خىزمىتىدىكى ھەمكارلىشىش، ماسلىشىش مېخانىزمى مۇكەممەللەشتۈرۈلىدۇ. خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ ئەدلىيە ئورگانلىرىنى نازارەت قىلىشىغا ئەھمىيەت بېرىلىدۇ. تەپتىش ئورگانلىرىنىڭ قانۇن ئارقىلىق نازارەت قىلىشى كۈچەيتىلىدۇ. ج خ، تەپتىش، سوت ئورگانلىرىنىڭ جىنايى ئىشلار دەۋاسىدا ئىش تەقسىملەپ مەسئۇل بولۇشى، ئۆزئارا ماسلىشىشى، بىر – بىرىنى چەكلىشى كۈچەيتىلىدۇ. ئەدلىيە ئورگانلىرىنىڭ ئىچكى نازارەتچىلىكى ۋە تاشقى نازارەتچىلىكى كۈچەيتىلىپ، قانۇن ئىجراسى قاتتىق بولماسلىق، ئادىل بولماسلىق مەسىلىسىدىن قەتئىي ساقلىنىلىپ ۋە ئۇ تۈزىتىلىپ، ئىجتىمائىي ئادىللىق، ھەققانىيلىق قوغدىلىدۇ.
مەمۇرىي تەستىق ھوقۇقى ۋە مەمۇرىي قانۇن ئىجرا قىلىش ھوقۇقىنى يۈرگۈزۈشنى نازارەت قىلىش كۈچەيتىلىدۇ. ‹‹جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ مەمۇرىي ئىجازەت قانۇنى››، ‹‹جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ مەمۇرىي جازا قانۇنى›› قاتارلىق قانۇن – نىزاملار ئەستايىدىل يولغا قويۇلىدۇ. مەمۇرىي تەستىق ئېلېكترونلۇق نازارەت سىستېمىسى يولغا قويۇلىدۇ. قوبۇل قىلىش بىلەن بېجىرىشنى ئايرىش ۋە تەرتىپنى ئاشكارىلاش يولغا قويۇلۇپ، مەمۇرىي ھوقۇقنىڭ قانۇنلۇق، ئادىل، ئاشكارا يۈرگۈزۈلۈشىگە كاپالەتلىك قىلىنىدۇ.
مالىيە مەبلىغى، پۇل مۇئامىلە تارماقلىرىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش كۈچەيتىلىدۇ. تارماقلارنىڭ خام چوتى، خەزىنە بىرتۇتاش كىرىم – چىقىم قىلىش، ھۆكۈمەت سېتىۋېلىش، ھۆكۈمەتنىڭ باجدىن باشقا كىرىمى ۋە ‹‹كىرىم – چىقىمنى ئايرىۋېتىش›› كە ئائىت بەلگىلىمىلەرنىڭ ئىجرا قىلىنىش ئەھۋالىنى نازارەت قىلىش، تەكشۈرۈش قانات يايدۇرۇلۇپ، ‹‹كىچىك خەزىنە›› داۋاملىق مەخسۇس ئېنىقلىنىدۇ. دۆلەت پۇل مۇئامىلە كارخانىلىرىنىڭ مۈلۈك ھوقۇقى ۋە پېيى بازارغا سېلىنغان پۇل مۇئامىلە كارخانىلىرىنىڭ پاي ھوقۇقى سودىسىنى نازارەت قىلىش كۈچەيتىلىپ، ئۇلارنى پاي ھوقۇقىنى ئۆتۈنۈپ بېرىشكە رىغبەتلەندۈرۈش تۈزۈمى قېلىپلاشتۇرۇلىدۇ. پۇل مۇئامىلىسىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش، ماسلاشتۇرۇش مېخانىزمى ئورنىتىلىدۇ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈلىدۇ. پۇل مۇئامىلە كارخانىلىرىنىڭ ئىچكى تىزگىنلەش مېخانىزمى مۇكەممەللەشتۈرۈلۈپ، نازارەتچىلىك كومىتېتلىرى ۋە ئىچكى تەكشۈرۈش، تەپتىش قىلىش، بەلگىلىمىگە ئۇيغۇنلاشتۇرۇش، مەمۇرىي تەپتىش قىلىش جەھەتتىكى نازارەتچىلىك ئاپپاراتلىرىنىڭ كەسىپچانلىقى ۋە مۇستەقىللىقلىقى ئۆستۈرۈلۈپ، دېلو سادىر بولۇشنىڭ ئالدىنى ئېلىش – تىزگىنلەش خىزمىتى كۈچەيتىلىدۇ.
دۆلەت مۈلكىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش كۈچەيتىلىدۇ.
دۆلەت مۈلكىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ئاپپاراتلىرى، ھۆكۈمەتنىڭ فۇنكسىيىلىك تارماقلىرى ۋە سىرتتا تۇرۇشلۇق نازارەتچىلىك كومىتېتلىرىنىڭ رولى تولۇق جارى قىلدۇرۇلۇپ، كارخانىلارنىڭ دۆلەت مۈلكى ھوقۇقى ۋە پېيى بازارغا سېلىنغان شىركەتلەرنىڭ دۆلەت پاي ھوقۇقى سودىسى، چوڭ مەبلەغ سېلىش تەدبىرلىرىنى بەلگىلەش قاتارلىق ئىشلارنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش كۈچەيتىلىدۇ. كارخانىلارنى قايتا تەشكىللەش، تۈزۈلمىسىنى ئۆزگەرتىش، ۋەيران قىلىش ۋە دۆلەت كاپىتالى تىجارىتىنىڭ ھەرقايسى ھالقىلىرىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش كۈچەيتىلىدۇ. دۆلەت (چېگرا) سىرتىدىكى دۆلەت مۈلكىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش سالمىقى ئاشۇرۇلىدۇ. دۆلەت كارخانىلىرىنىڭ چوڭ – چوڭ تەدبىر بەلگىلەش، چوڭ تۈرلەرنى ئورۇنلاشتۇرۇش، كۆپ سوممىلىق مەبلەغنى ئايلاندۇرۇش ئىشلىرى ۋە كادىرلارنى ۋەزىپىگە تەيىنلەش – قالدۇرۇش قاتارلىقلاردا كوللېكتىپ تەدبىر بەلگىلەش ئەھۋالى نازارەت قىلىنىدۇ ۋە تەكشۈرۈلىدۇ.
(3) نازارەتچىلىك سۇبيېكتلىرىنىڭ رولى جارى قىلدۇرۇلىدۇ
پارتىيىنىڭ ئىچكى نازارەتچىلىكى كۈچەيتىلىدۇ ۋە ياخشىلىنىدۇ. ‹‹جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيىسىنىڭ ئىچكى نازارەتچىلىك نىزامى (سىناق تەرىقىسىدە يولغا قويۇلىدۇ)›› ئەمەلىيلەشتۈرۈلىدۇ. دېموكراتىك تۇرمۇش يىغىنىنىڭ ئۇسۇلى ھەقىقىي يوسۇندا ياخشىلىنىپ، پارتىيىنىڭ ئىچكى سىياسىي تۇرمۇشنىڭ پرىنسىپاللىقى ئاشۇرۇلۇپ، تەنقىد ۋە ئۆزىنى ئۆزى تەنقىد قىلىش ھەقىقىي قانات يايدۇرۇلۇپ، رەھبەرلىك بەنزىلىرىنىڭ ئەزالىرى ئوتتۇرىسىدىكى ئۆزئارا نازارەت قىلىش كۈچەيتىلىدۇ. رەھبىرىي كادىرلارنىڭ ئىككى تەشكىلىي تۇرمۇش يىغىنىغا قاتنىشىش تۈزۈمىدە چىڭ تۇرۇلۇپ، پارتىيە ئەزالىرى، ئاممىنىڭ نازارەتچىلىكى قوبۇل قىلىنىدۇ. پارتىيىلىك رەھبىرىي كادىرلار ئۆزلىرىگە مۇناسىۋەتلىك ئىشلارنى دوكلات قىلىش توغرىسىدىكى بەلگىلىمىلەر ئىجرا قىلىنىپ، يەرلىك پارتكوم ئەزالىرى، ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتلىرىنىڭ ئەزالىرىغا پارتىيە ئىچىدە سوئال قويۇش ۋە سۈرۈشتۈرۈش چارىسى يولغا قويۇلۇپ، رەھبىرىي كادىرلار خىزمەت ۋە پاكلىق دوكلاتى بېرىش، ئىبرەت سۆھبىتى ئۆتكۈزۈش ۋە خەت – ئالاقە ئەۋەتىپ سۈرۈشتۈرۈش تۈزۈمى ئەمەلىيلەشتۈرۈلىدۇ. پارتىيە ئىشلىرىنى ئاشكارىلاش ئىلگىرى سۈرۈلۈپ، پارتىيە ئەزالىرىنىڭ سۇبيېكتلىق ئورنىغا ھۆرمەت قىلىنىپ، ئۇلارنىڭ پارتىيىنىڭ ئىچكى نازارەتچىلىكىدىكى مەسئۇلىيىتى ۋە ھوقۇقى ئەمەلىيلەشتۈرۈلۈپ، پارتىيە ئىچىدە دېموكراتىك مۇزاكىرە قىلىش مۇھىتى يارىتىلىدۇ. ‹‹جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيىسىنىڭ پارتىيە ئەزالىرىنىڭ ھوقۇقىغا كاپالەتلىك قىلىش نىزامى›› ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇلۇپ، پارتىيە ئەزالىرىنىڭ تەنقىد قىلىش، تەكلىپ بېرىش، پاش قىلىش جەھەتتىكى ھوقۇقىغا ھەقىقىي يوسۇندا كاپالەتلىك قىلىنىدۇ. پارتىيىنىڭ ئىنتىزام تەكشۈرۈش تارماقلىرى بىلەن تەشكىلات تارماقلىرىنىڭ ئالاقىدار ئەھۋاللارنى خەۋەرلەندۈرۈش تۈزۈمى ئورنىتىلىدۇ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈلىدۇ. ھەر دەرىجىلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش، مەمۇرىي تەپتىش ئورگانلىرى ۋە ئۇلارنىڭ خىزمەتچىلىرى پارتىيە تەشكىلاتى، پارتىيە ئەزالىرى ۋە خەلقنىڭ نازارىتىنى ئاڭلىق قوبۇل قىلىدۇ.
خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ نازارەت قىلىشىغا مەدەت بېرىلىدۇ ۋە كاپالەتلىك قىلىنىدۇ. ‹‹جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ھەر دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتايلىرى دائىمىي كومىتېتلىرىنىڭ نازارەتچىلىكى قانۇنى›› يولغا قويۇلۇپ، خەلق ھۆكۈمىتى، خەلق سوت مەھكىمىسى، خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ مەخسۇس خىزمەت دوكلاتىنى ئاڭلاپ ئۆتۈش ۋە قاراپ چىقىش، نەق چوتنى تەكشۈرۈش ۋە تەستىقلاش، خەلق ئىگىلىكى ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىيات پىلانى، خام چوت ئىجرا قىلىش ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلات ۋە مۇپەتتىش خىزمىتى توغرىسىدىكى دوكلاتنى ئاڭلاپ ئۆتۈش ۋە قاراپ چىقىش، قانۇن ئىجراسىنى تەكشۈرۈشكە تەشكىللەش، ئۆلچەملىك ھۆججەتلەرنى رويىخەتكە ئېلىپ تەكشۈرۈش قاتارلىق ئۇسۇللار ئارقىلىق خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ مەمۇرىي ئاپپارات، سوت ئاپپاراتلىرى، تەپتىش ئاپپاراتلىرىنى نازارەت قىلىشى كۈچەيتىلىدۇ. شۇ دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتلىرى بىر تۇتاش ئورۇنلاشتۇرغان خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرىنىڭ تەكشۈرۈش خىزمىتىگە ئەھمىيەت بېرىلىپ، خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرىنىڭ تەكلىپ ۋە تەۋسىيىلىرى ئەستايىدىل بېجىرىلىدۇ.
ھۆكۈمەت مەخسۇس ئاپپاراتىنىڭ نازارەت قىلىشىغا مەدەت بېرىلىدۇ ۋە كاپالەتلىك قىلىنىدۇ. مەمۇرىي تەپتىشلىكنىڭ فۇنكسىيىلىك رولى تولۇق جارى قىلدۇرۇلۇپ، قانۇن ئىجراسى مەمۇرىي تەپتىشلىكى، پاكلىق مەمۇرىي تەپتىشلىكى ۋە ئۈنۈم مەمۇرىي تەپتىشلىكى پائال قانات يايدۇرۇلىدۇ. مەمۇرىي قانۇن ئىجراسى مەسئۇلىيەت تۈزۈمىنىڭ ئەمەلىيلىشىش ئەھۋالىنى نازارەت قىلىش، تەكشۈرۈش كۈچەيتىلىپ، ھۆكۈمەتنىڭ نەتىجە – ئۈنۈم باشقۇرۇشى ۋە مەمۇرىي مەسئۇلىيەتنى سۈرۈشتۈرۈش تۈزۈمى يولغا قۇيۇلىدۇ. مەمۇرىي ئىنتىزامغا خىلاپ دېلولار ئىنچىكە تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ. مەمۇرىي مۇلازىمەت مەركىزىنىڭ قۇرۇلۇشى ۋە باشقۇرۇلۇشى كۈچەيتىلىدۇ. ۋالىي (نازىر) دەرىجىلىكتىن تۆۋەن پارتىيە – ھۆكۈمەت ئاساسلىق رەھبىرىي كادىرلىرىنىڭ ئىقتىسادىي مەسئۇلىيىتىنى تەپتىش قىلىش تۈزۈمى ئەمەلىيلەشتۈرۈلىدۇ. ئۆلكە باشلىقى (مىنىستىر) دەرىجىلىك ئاساسلىق رەھبىرىي كادىرلارنىڭ ئىقتىسادىي مەسئۇلىيىتىنى تەپتىش قىلىش سىناق تەرىقىسىدە يولغا قويۇلىدۇ. نۇقتىلىق مەخسۇس مەبلەغ ۋە مۇھىم مەبلەغ سېلىش تۈرلىرىنى ئىقتىسادىي تەپتىش قىلىش كۈچەيتىلىدۇ. تەپتىش قىلىش نەتىجىسى قانۇن بويىچە ئېلان قىلىنىپ، تەپتىش قىلىش نەتىجىسىنىڭ ئەمەلىيلىشىشى ئىلگىرى سۈرۈلىدۇ. جامائەت خەۋپسىزلىكى، مالىيە، يەر، قۇرۇلۇش، مۇھىت ئاسراش جەھەتتىكى فۇنكسىيىلىك تارماقلارنىڭ قانۇن بويىچە نازارەت قىلىشىغا مەدەت بېرىلىدۇ.
ئەدلىيە نازارەتچىلىكىگە مەدەت بېرىلىدۇ ۋە كاپالەتلىك قىلىنىدۇ. خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ مەمۇرىي دەۋا دېلولىرىنى قانۇن بويىچە قوبۇل قىلىشى، سوت قىلىشى ۋە ئىجرا قىلىشىغا مەدەت بېرىلىدۇ، مەمۇرىي ئورگانلارنىڭ مەمۇرىيەتنى قانۇن بويىچە يۈرگۈزۈشى نازارەت قىلىنىدۇ ۋە قوغدىلىدۇ. خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ ۋەزىپە دائىرىسىدىكى جىنايەتنى قانۇن بويىچە تەكشۈرۈپ بېجىرىشىگە ۋە ئۇنىڭ ئالدىنى ئېلىشىغا مەدەت بېرىلىپ، جىنايى ئىشلار دەۋاسى، ھەق تەلەپ ئىشلىرىنى سوت قىلىش پائالىيىتى ۋە مەمۇرىي دەۋانى قانۇنىي جەھەتتىن نازارەت قىلىشى كۈچەيتىلىدۇ.
سىياسىي كېڭەشنىڭ دېموكراتىك نازارەت قىلىشىغا مەدەت بېرىلىدۇ ۋە كاپالەتلىك قىلىنىدۇ. سىياسىي جەھەتتە كېڭىشىش تەدبىر بەلگىلەش تەرتىپىگە كىرگۈزۈلۈپ، دېموكراتىك نازارەت قىلىش مېخانىزمى مۇكەممەللەشتۈرۈلىدۇ. سىياسىي كېڭەشنىڭ يىغىن، مەخسۇس تېما تەتقىقاتى، ئەزالار كۆزىتىش، تەكلىپ بېرىش، جەمئىيەت ئەھۋالى، خەلق رايى ئۇچۇرىنى ئىنكاس قىلىش قاتارلىق شەكىللەر ئارقىلىق، دۆلەتنىڭ ئاساسىي قانۇن ۋە قانۇن، نىزام، بەلگىلىمىلىرىنىڭ يولغا قويۇلۇشى، مۇھىم فاڭجېن – سىياسەتلەرنىڭ ئىزچىللاشتۇرۇلۇشى ۋە ئىجرا قىلىنىشى، دۆلەت ئورگانلىرى ۋە ئۇنىڭ خىزمەتچىلىرىنىڭ مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىشى ۋە پاكلىق ئەھۋالى قاتارلىقلارنى نازارەت قىلىشىغا مەدەت بېرىلىدۇ. ھەر دەرىجىلىك پارتكوم، ھۆكۈمەتلەر سىياسىي كېڭەش، دېموكراتىك پارتىيە – گۇرۇھلار ۋە پارتىيە – گۇرۇھسىز زاتلارنىڭ نازارەتچىلىك رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، ئۇلارنىڭ تەنقىدى ۋە تەكلىپىنى ئەستايىدىل ئاڭلاپ، ئەھۋاللاردىن قەرەللىك خەۋەرلەندۈرۈپ، نازارەت قىلىشنى ئاڭلىق قوبۇل قىلىدۇ. سىياسىي كېڭەش ئەزالىرىنىڭ تەكلىپ – تەۋسىيىلىرى ئەستايىدىل بېجىرىلىدۇ.
ئاممىنىڭ نازارەتچىلىكىگە مەدەت بېرىلىدۇ ۋە كاپالەتلىك قىلىنىدۇ. ‹‹جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ھۆكۈمەت ئۇچۇرىنى ئاشكارىلاش نىزامى›› يولغا قويۇلۇپ، ھۆكۈمەت تورى قۇرۇلۇشى ئىلگىرى سۈرۈلۈپ، ھۆكۈمەت ئىشلىرىنىڭ ئاشكارا بولۇشى چوڭقۇرلاشتۇرۇلۇپ، ھۆكۈمەت ئۇچۇرلىرىنى ئېلان قىلىش تۈزۈمى مۇكەممەللەشتۈرۈلۈپ، ئىجتىمائىي ئىسپات ئاڭلاش، مۇتەخەسسىسلەردىن مەسلىھەت سوراش قاتارلىق تۈزۈملەر ئىلگىرى سۈرۈلۈپ، تەدبىر بەلگىلەشنىڭ ئاشكارىلىق دەرىجىسى ۋە ئاممىنىڭ ئىشتىراك قىلىش دەرىجىسى ئۆستۈرۈلىدۇ. زاۋۇت ئىشلىرىدا ئاشكارا بولۇش، كەنت ئىشلىرىدا ئاشكارا بولۇش ۋە جامائەت كەسپى، كارخانا ئورۇنلىرىنىڭ ئىش بېجىرىشى ئاشكارا بولۇش ئىلگىرى سۈرۈلىدۇ. ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى، كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقى، ئاياللار بىرلەشمىسى قاتارلىق خەلق تەشكىلاتلىرىنىڭ نازارەتچىلىك رولى جارى قىلدۇرۇلىدۇ. رەھبىرىي كادىرلار ھال ئېيتىپ كەلگەن ئاممىنى قوبۇل قىلىش تۈزۈمى ئەمەلىيلەشتۈرۈلۈپ، ئەرزىيەت، پاش قىلىش خىزمەت مېخانىزمى مۇكەممەللەشتۈرۈلۈپ، ئەرزىيەت يولى راۋانلاشتۇرۇلىدۇ. خەلقنىڭ بىلىش ھوقۇقى، ئىشتىراك قىلىش ھوقۇقى، ئىپادىلەش ھوقۇقى، نازارەتچىلىك ھوقۇقى قانۇن بويىچە كاپالەتلەندۈرۈلىدۇ.
جامائەت پىكرى نازارەتچىلىكى كۈچەيتىلىدۇ ۋە ياخشىلىنىدۇ. ‹‹جامائەت پىكرى نازارەتچىلىكى خىزمىتىنى يەنىمۇ كۈچەيتىش ۋە ياخشىلاش توغرىسىدىكى پىكىر›› ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇلۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈلۈپ، ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ توغرا جامائەت پىكرى نازارەتچىلىكىنى قانات يايدۇرۇشىغا ئەھمىيەت بېرىلىدۇ ۋە ئۇنىڭغا مەدەت بېرىلىدۇ. ھەر دەرىجىلىك رەھبىرىي كادىرلار جامائەت پىكرى نازارەتچىلىكىگە توغرا مۇئامىلە قىلىپ، جامائەت پىكرى نازارەتچىلىكىنى قوبۇل قىلىش ئاڭلىقلىقىنى كۈچەيتىپ، ئاممىنىڭ پىكرى ۋە ساداسىغا قۇلاق سېلىپ، خىزمەتلەرنى ئىلگىرى سۈرىدۇ ۋە ياخشىلايدۇ. ئاخبارات ۋاسىتىلىرى ئىلمىي نازارەت قىلىش، قانۇن بويىچە نازارەت قىلىش ۋە ئىجابىي نازارەت قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، كەسپىي ئەخلاققا رىئايە قىلىپ، توغرا يۆنىلىشنى ئىگىلەپ، ئىجتىمائىي ئۈنۈمگە ئەھمىيەت بېرىدۇ.
دۆلەتنىڭ چىرىكلىكنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئورگانلىرىنىڭ فۇنكسىيىلىك رولى جارى قىلدۇرۇلىدۇ. چىرىكلىكنىڭ ئالدىنى ئېلىش خىزمىتىگە بولغان تەشكىللەپ ماسلاشتۇرۇش، ئۇنىۋېرسال پىلانلاش ۋە سىياسەت بەلگىلەش كۈچەيتىلىپ، چىرىكلىكنىڭ ئالدىنى ئېلىشتىكى مۇھىم ئىسلاھات تەدبىرلىرى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىنىدۇ ۋە تەھلىل قىلىپ دەلىللىنىدۇ. چىرىكلىكنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۇچۇرلىرىدىن ئورتاق بەھرىمەن بولۇش مېخانىزمى ۋە چىرىكلىك خەۋپ – خەتىرى ئاگاھ مېخانىزمى بەرپا قىلىنىدۇ. چىرىكلىكنىڭ ئالدىنى ئېلىش خىزمىتىنىڭ ئۈنۈملۈك چارىلىرى يەكۈنلىنىپ، چىرىكلىكنىڭ ئالدىنى ئېلىش خىزمىتىنىڭ سەۋىيىسى ئۆستۈرۈلىدۇ.
نازارەتچىلىك ئارقىلىق چەكلەش مېخانىزمى مۇكەممەللەشتۈرۈلىدۇ. تەدبىر بەلگىلەش ھوقۇقى، ئىجرا قىلىش ھوقۇقى، نازارەت قىلىش ھوقۇقى ھەم ئۆزئارا چەكلەيدىغان، ھەم ئۆزئارا ماسلىشىدىغان ھوقۇق قۇرۇلمىسى ۋە ھەرىكەت مېخانىزمى ئورنىتىلىپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈلۈپ، چىرىكلىكنىڭ ئالدىنى ئېلىش تەلىپى ھوقۇق قۇرۇلمىسى ۋە ھەرىكەت مېخانىزمىنىڭ ھەر قايسى ھالقىسىدا ھەقىقىي ئەمەلىيلەشتۈرۈلۈپ، ‹‹ھوقۇق ئىجارىكەشلىكى›› نىڭ يۈز بېرىش پۇرسىتى ئەڭ چوڭ دەرىجىدە ئازايتىلىدۇ. پارتىيىنىڭ ئىچكى نازارەتچىلىكى بىلەن پارتىيىنىڭ تاشقى نازارەتچىلىكىنى ئۆز ئارا بىرلەشتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇلۇپ، نازارەتچىلىك بىرىكمە كۈچى ۋە ئەمەلىي ئۈنۈمى كۈچەيتىلىدۇ.
بەشىنچى، تۈزۈلمە، مېخانىزم، تۈزۈم ئىسلاھاتى چوڭقۇرلاشتۇرۇلىدۇ
(1) كادىرلار ۋە ئەدلىيە تۈزۈلمە ئىسلاھاتى ئىلگىرى سۈرۈلىدۇ
كادىرلارنى تاللاپ ئۆستۈرۈش، ئىشلىتىش تۈزۈمى مۇكەممەللەشتۈرۈلىدۇ. دېموكراتىك بولۇش، ئاشكارا بولۇش، رىقابەتلىشىش، ياخشىلىرىنى تاللاشتا چىڭ تۇرۇلۇپ، كادىرلارنى تاللاپ ئۆستۈرۈش، ئىشلىتىشنىڭ ئىلمىي مېخانىزمى شەكىللەندۈرۈلىدۇ. كادىرلارنى ئىشلىتىشكە كۆرسىتىش تۈزۈمى ئۆلچەملەشتۈرۈلۈپ، يەرلىك پارتكوملار مۇھىم كادىرلارنى ئىشلىتىشنى مۇزاكىرە قىلغاندا نامسىز بېلەت تاشلاپ ئاۋاز بېرىش ئۇسۇلىنى قوللىنىدۇ. ئاشكارا تاللاش، خىزمەت ئورنىغا رىقابەت بىلەن چىقىش، ئارتۇق نامزاتلىق سايلاش چارىسى مۇكەممەللەشتۈرۈلۈپ، دېموكراتىك كۆرسىتىش، دېموكراتىك باھالاش ۋە سايلام جەريانىدىكى پارا بېرىپ سايلىنىش قاتارلىق مەسىلىلەر كۈچەپ ھەل قىلىنىپ، ئادەم تاللاش، ئىشلىتىشنىڭ ئىشەنچىلىكلىك دەرىجىسى ئۆستۈرۈلىدۇ. مەمۇرلارنىڭ نورمال چېكىنىش مېخانىزمى بەرپا قىلىنىپ، رەھبىرىي كادىرلارنىڭ ۋەزىپە مۇددىتى، ئۆزىنى چەتكە ئېلىش ۋە ئالماشتۇرۇش تۈزۈمى مۇكەممەللەشتۈرۈلىدۇ. كادىرلارنى سىناش – باھالاش سىستېمىسى مۇكەممەللەشتۈرۈلۈپ، تەكشۈرۈش نەتىجىسىنىڭ كادىرلارنى ئىشلىتىش ۋە نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشتىكى رولى جارى قىلدۇرۇلىدۇ.
ئەدلىيە خىزمەت ھوقۇقى تەقسىماتى ئەۋزەللەشتۈرۈلىدۇ. خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ دەۋا پائالىيەتلىرىنى قانۇنىي نازارەت قىلىش تەرتىپى، تەدبىرى ۋە دائىرىسى مۇكەممەللەشتۈرۈلىدۇ. جازانى كېمەيتىش، شەرتلىك قويۇپ بېرىش، داۋالىنىش ئۈچۈن كېپىلگە بېرىش، جازانى ۋاقتىنچە تۈرمە سىرتىدا ئىجرا قىلىش، جازا ئۆتەۋاتقان جاينى ئۆزگەرتىش شەرتلىرى بىلەن كېسىم تەرتىپى مۇكەممەللەشتۈرۈلىدۇ. ئەدلىيە خادىملىرىنىڭ قانۇن ئىجراسىدىكى خاتالىقى، قانۇن – ئىنتىزامغا خىلاپلىق قىلىش مەسئۇلىيىتىنى سۈرۈشتۈرۈش ۋە رەھبىرىي كادىرلارنىڭ ۋەزىپىسىنى ئادا قىلماسلىق مەسئۇلىيىتىنى سۈرۈشتۈرۈش قاتارلىق تۈزۈملەر مۇكەممەللەشتۈرۈلىدۇ. قانۇنغا، دەۋاغا چېتىشلىق ئەرزىيەت خىزمىتى مېخانىزمى مۇكەممەللەشتۈرۈلىدۇ. ئەدلىيە باشقۇرۇش تۈزۈمى ۋە ئەدلىيە مالىيە كاپالەت مېخانىزمى ئىسلاھ قىلىنىپ مۇكەممەللەشتۈرۈلىدۇ. سوت قىلىشتا ئاشكارا بولۇش، تەپتىش ئىشلىرىدا ئاشكارا بولۇش ۋە ساقچى ئىشلىرىدا ئاشكارا بولۇش پائال ئىلگىرى سۈرۈلىدۇ. قانۇننى بىردەك تەتبىقلاش تۈزۈمى مۇكەممەللەشتۈرۈلۈپ، ئەدلىيە خادىملىرىنىڭ ئەركىن ئۆلچەش ھوقۇقىنى يۈرگۈزۈشى ئۆلچەملەشتۈرۈلۈپ، قانۇننى قاتتىق، ئادىل، مەدەنىي ئىجرا قىلىشقا كاپالەتلىك قىلىنىدۇ.
(2) مەمۇرىي باشقۇرۇش ۋە ئىجتىمائىي تۈزۈلمە ئىسلاھاتى ئىلگىرى سۈرۈلىدۇ
‹‹مەمۇرىي باشقۇرۇش تۈزۈلمە ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش توغرىسىدىكى پىكىر›› ئىزچىللاشتۇرۇلۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈلۈپ، ھۆكۈمەت بىلەن كارخانىنى ئايرىش، ھۆكۈمەت بىلەن مۈلۈكنى ئايرىش، ھۆكۈمەت بىلەن كەسپىي ئورۇنلارنى ئايرىش، ھۆكۈمەت بىلەن بازار ۋاسىتىچى تەشكىلاتىنى ئايرىشنى ئىلگىرى سۈرۈش تېزلىتىلىدۇ. ھۆكۈمەت فۇنكسىيىسى تىرىشىپ ئۆزگەرتىلىپ، مۇناسىۋەت راۋانلاشتۇرۇلۇپ، قۇرۇلما سەرخىللاشتۇرۇلۇپ، ئۈنۈم ئۆستۈرۈلۈپ، مۇلازىمەتچان ھۆكۈمەت، مەسئۇلىيەتچان ھۆكۈمەت، قانۇن ئىدارە قىلىدىغان ھۆكۈمەت ۋە پاك ھۆكۈمەت بەرپا قىلىنىدۇ.
ئىجتىمائىي تۈزۈلمە ئىسلاھاتى چوڭقۇرلاشتۇرۇلۇپ، جامائەت مۇلازىمىتى كېڭەيتىلىپ، ئىجتىمائىي باشقۇرۇش مۇكەممەللەشتۈرۈلىدۇ. مائارىپ، سەھىيە ئىشلىرىنىڭ ئىسلاھاتى ۋە تەرەققىياتى ئىلگىرى سۈرۈلۈپ، تۇرالغۇ ئىسلاھاتى ۋە قۇرۇلۇشى كۈچەيتىلىپ، ئىجتىمائىي كاپالەت سىستېمىسى مۇكەممەللەشتۈرۈلۈپ، ئوقۇيدىغانلار ئوقۇيالايدىغان بولۇش، ئىشلىگەنلەر ھەق ئالالايدىغان بولۇش، كېسەل بولغانلار داۋالىنالايدىغان بولۇش، ياشانغانلار كۈتۈنەلەيدىغان بولۇش، ئۆيى يوقلار ئۆيدە ئولتۇرالايدىغان بولۇش ئىمكانىيىتىگە تىرىشىپ ئىگە قىلىنىدۇ.
(3) مالىيە، باج، پۇل مۇئامىلە ۋە سېلىنما تۈزۈلمە ئىسلاھاتى ئىلگىرى سۈرۈلىدۇ
خام چوت باشقۇرۇش تۈزۈم ئىسلاھاتى چوڭقۇرلاشتۇرۇلۇپ، خام چوت مەبلەغ تەقسىماتى ئۆلچەملەشتۈرۈلۈپ، مالىيە يۆتكىمە چىقىم تۈزۈمى مۇكەممەللەشتۈرۈلۈپ ۋە ئۆلچەملەشتۈرۈلۈپ، خام چوت مەزمۇنى ۋە يۆتكىمە چىقىم ئەھۋالى جەمئىيەتكە تەدرىجىي ئاشكارىلىنىدۇ. خەزىنە بىر تۇتاش كىرىم – چىقىم قىلىش مېخانىزمى مۇكەممەللەشتۈرۈلۈپ، خەزىنە يەككە ئىسچوتى سىستېمىسى تاكامۇللاشتۇرۇلىدۇ. ‹‹كىرىم – چىقىمنى ئايرىۋېتىش›› باشقۇرۇش تۈزۈمى ئىسلاھاتى چوڭقۇرلاشتۇرۇلۇپ، ھۆكۈمەتنىڭ باجدىن باشقا كىرىمنى باشقۇرۇش سىستېمىسى ئورنىتىلىدۇ ۋە تاكامۇللاشتۇرۇلىدۇ. دۆلەت يېرىنى ئىشلىتىش ھوقۇقىنى ئۆتۈنۈش كىرىمى فوند خام چوت باشقۇرۇشىغا ھەقىقىي كىرگۈزۈلىدۇ. پارتىيە، ھۆكۈمەت ئورگانلىرىنىڭ رەھبىرىي كادىرلىرى ۋە دۆلەت كەسپىي، كارخانا ئورۇنلىرىدىكى رەھبىرىي خادىملارنىڭ ۋەزىپە دائىرىسىدىكى ئىستېمال ئىسلاھاتى ئىلگىرى سۈرۈلىدۇ. مەمۇرىي كەسپىي ئورۇنلارنىڭ دۆلەت مۈلكىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش تۈزۈمى مۇكەممەللەشتۈرۈلۈپ، مۈلۈك تەقسىماتىنى باشقۇرۇش چارىسى ۋە تەقسىملەش ئۆلچىمى قاتتىق ئىجرا قىلىنىدۇ. ئورگان كەسپىي ئورۇنلىرىنىڭ مائاش كىرىم تەقسىمات تۈزۈمى يەنىمۇ ئىسلاھ قىلىنىپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈلۈپ، ياردەم پۇللىرى، تولۇقلىمىلار داۋاملىق ئېنىقلىنىدۇ ۋە قېلىپلاشتۇرۇلىدۇ. باج تۈزۈمى ئىسلاھاتى پائال مۇقىم ئىلگىرى سۈرۈلۈپ، شەخسلەر تاپاۋەت بېجى تۈزۈمى مۇكەممەللەشتۈرۈلۈپ، باج تەڭشەش كۈچەيتىلىدۇ. تۈرلۈك باج ئېتىبار سىياسەتلىرى قېلىپلاشتۇرۇلۇپ، باجنى ئازايتىش ۋە كەچۈرۈم قىلىش قاتتىق كونترول قىلىنىدۇ. باج ئىشلىرىنىڭ ئاشكارا بولۇشى يولغا قويۇلۇپ، باج باشقۇرۇش خادىملىرى تۈزۈمى مۇكەممەللەشتۈرۈلىدۇ.
پۇل مۇئامىلە كارخانىلىرى، شىركەتلىرىنى باشقۇرۇش مۇكەممەللەشتۈرۈلۈپ، زامانىۋى پۇل مۇئامىلە كارخانىسى تۈزۈمى بەرپا قىلىنىدۇ. چىقىمنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش سىستېمىسى، ئىسچوت باشقۇرۇش سىستېمىسى مۇكەممەللەشتۈرۈلۈپ، پۇل مۇئامىلە ئىسچوتىدا ھەقىقىي ئىسىم قوللىنىش تۈزۈمى قانۇن بويىچە ئەمەلىيلەشتۈرۈلىدۇ. پۇل يۇيۇشقا قارشى ھەمكارلىق مېخانىزمى مۇكەممەللەشتۈرۈلۈپ، مۇئەييەن غەيرىي پۇل مۇئامىلە ئورگانلىرى بىرلىككە كەلگەن پۇل يۇيۇشقا قارشى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش سىستېمىسىغا تەدرىجىي كىرگۈزۈلۈپ، كۆپ سوممىلىق مەبلەغ ۋە گۇمانلىق سودا مەبلىغىنى كۆزىتىش كۈچەيتىلىدۇ. پاي چېكى بازارغا سېلىنغان شىركەتلەرنىڭ ساختا ئۇچۇرلارنى ئېلان قىلىش ۋە بازارنى تىزگىنلەش قاتارلىق ھەرىكەتلىرىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىش تۈزۈمى مۇكەممەللەشتۈرۈلىدۇ.
‹‹كارخانىنىڭ مەبلەغ سېلىش تۈرىنى تەكشۈرۈپ تەستىقلاش ۋە ئەنگە ئالدۇرۇشنى باشقۇرۇش نىزامنامىسى›› تۈزۈپ چىقىلىپ، كارخانىنىڭ مەبلەغ سېلىشىنى تەكشۈرۈپ تەستىقلاش تۈزۈمى، ئەنگە ئېلىش تۈزۈمى قېلىپلاشتۇرۇلىدۇ. ھۆكۈمەت مەبلىغى تۈرلىرىدە تەدبىر بەلگىلەش مېخانىزمى تاكامۇللاشتۇرۇلۇپ، مۇھىم تۈرلەرنى مۇتەخەسسىسلەر باھالاش ۋە دەلىللەش تۈزۈمى، ئاشكارىلاش ۋە مەسئۇلىيەتنى سۈرۈشتۈرۈش تۈزۈمى مۇكەممەللەشتۈرۈلىدۇ. تىجارەتسىز ھۆكۈمەت مەبلىغى تۈرىنى ۋاكالىتەن قۇرۇش تۈزۈمى يولغا قويۇلىدۇ.
(4) دۆلەت كارخانىلىرىنىڭ ئىسلاھاتى ئىلگىرى سۈرۈلىدۇ
دۆلەت كارخانىلىرىنىڭ شىركەت تۈزۈمى، پاي تۈزۈمى ئىسلاھاتى چوڭقۇرلاشتۇرۇلىدۇ. زامانىۋى كارخانا تۈزۈمى، شىركەتنىڭ قانۇنىي ئىگىلىك ئىدارە قىلىش قۇرۇلمىسى مۇكەممەللەشتۈرۈلىدۇ. چوڭ دۆلەت كارخانىلىرىنىڭ مۇدىرىيەت قۇرۇلۇشى كۈچەيتىلىپ، مۇدىرىيەت تەسىس قىلمىغان كارخانىلار پارتكوم (پارتگۇرۇپپا) شۇجىسى ۋە باش دىرېكتورنى ئايرىم تەسىس قىلىش تەدرىجىي يولغا قويۇلىدۇ. دۆلەت كارخانىلىرىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش تۈزۈلمە ئىسلاھاتى ئىلگىرى سۈرۈلىدۇ. دۆلەتنىڭ كاپىتال ئىگىلىك خام چوتى، كارخانا ئىگىلىكىنىڭ نەتىجىلىرىنى باھالاش ۋە كارخانىنىڭ مۇھىم تەدبىر بەلگىلەشتىكى سەۋەنلىكىنى سۈرۈشتۈرۈش قاتارلىق تۈزۈملەر مۇكەممەللەشتۈرۈلىدۇ. دۆلەت كارخانىلىرى ۋە دۆلەت كاپىتالى پاي كونترول ئورنى، يېتەكچىلىك ئورنىغا ئىگە كارخانىلارنىڭ رەھبىرىي خادىملىرىنىڭ ئىقتىسادىي مەسئۇلىيىتىنى تەپتىش قىلىش تۈزۈمى بەرپا قىلىنىدۇ ۋە تاكامۇللاشتۇرۇلىدۇ. دۆلەت كارخانىلىرىدىكى ئىگىلىك باشقۇرغۇچىلارنىڭ ئىش ھەققى تۈزۈمى ۋە دۆلەت كارخانىلىرىنىڭ باشقۇرۇش قاتلىمىدىكىلەرنىڭ مەبلەغ سېلىپ پاي تۇتۇش تۈزۈمى مۇكەممەللەشتۈرۈلۈپ، كىرىم تەقسىمات تەرتىپى قېلىپلاشتۇرۇلىدۇ. دۆلەت پۇل مۇئامىلە مۈلكى، مەمۇرىي، كەسپىي مۈلۈك ۋە تەبىئىي بايلىق مۈلكىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش تۈزۈمى مۇكەممەللەشتۈرۈلۈپ، جۇڭگوچە دۆلەت كارخانىلىرىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش تۈزۈلمىسى تۇرغۇزۇلىدۇ.
(5) زامانىۋى بازار سىستېمىسى قۇرۇلۇشى ۋە ئالاقىدار ئىسلاھاتلار ئىلگىرى سۈرۈلىدۇ
قۇرۇلۇش تۈرىگە خېرىدار چاقىرىش، خېرىدار بولۇش تۈزۈمى مۇكەممەللەشتۈرۈلىدۇ. سالاھىيەتنى ئالدىن قاتتىق تەكشۈرۈش، خېرىدار چاقىرىش ئۇقتۇرۇشىنى ئېلان قىلىش، خېرىدار بولۇش، خېرىدارنى باھالاپ بېكىتىش، شۇنداقلا خېرىدار باھالاش مۇتەخەسسىسلىرىنى باشقۇرۇش تۈزۈمى ۋە جازالاش چارىسى يولغا قويۇلىدۇ. قۇرۇلۇش تۈرىگە خېرىدار چاقىرىش، خېرىدار بولۇشنى مەمۇرىي نازارەت قىلىش مېخانىزمى تاكامۇللاشتۇرۇلىدۇ.
ئېلېكترونلۇق خېرىدار چاقىرىش، خېرىدار بولۇش چارىسى تەتقىق قىلىپ بېكىتىلىدۇ. بىرلىككە كەلگەن خېرىدار چاقىرىش، خېرىدار بولۇش ئۇچۇر سۇپىسى تەدرىجىي ھازىرلىنىپ، ئۇچۇر بايلىقىنىڭ ئاشكارا بولۇش، ئۇنىڭدىن ئورتاق بەھرىلىنىش ئىشقا ئاشۇرۇلىدۇ.
يەر ئېلىش، ئىشلىتىش ھوقۇقىنى ئۆتۈنۈپ بېرىش تۈزۈمى قېلىپلاشتۇرۇلىدۇ. يەر ئېلىش تۈزۈمى ئىسلاھاتى ئىلگىرى سۈرۈلۈپ، يەر ئېلىش تەرتىپى قېلىپلاشتۇرۇلۇپ، يەر ئېلىش تۆلىمى ۋە ئورۇنلاشتۇرۇش چارىسى مۇكەممەللەشتۈرۈلىدۇ. تىجارەتلىك يەر ئىشلىتىشتە خېرىدار چاقىرىش، كىمئارتۇق قىلىپ سېتىش، ۋىۋىسكا ئېسىپ ئۆتۈنۈش تۈزۈمى يەنىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈلۈپ، دۆلەت قۇرۇلۇشىغا يەر ئىشلىتىش ھوقۇقىنى ئۆتۈنۈش تەرتىپى قېلىپلاشتۇرۇلىدۇ. يەرنى ھەقلىق ئىشلىتىش تۈزۈمى ۋە كان تەكشۈرۈش ھوقۇقى، كان ئېچىش ھوقۇقىنى ھەقلىق ئىشلىتىش تۈزۈمى ئىسلاھاتى چوڭقۇرلاشتۇرۇلىدۇ.
مۈلۈك ھوقۇقى سودا بازىرى قۇرۇلۇشى ئىلگىرى سۈرۈلىدۇ. دۆلەت مۈلۈك ھوقۇقى سودىسىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشنىڭ قانۇن، نىزام، بەلگىلىمە سىستېمىسى بەرپا قىلىنىپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈلۈپ، كارخانا دۆلەت مۈلۈك ھوقۇقى سودىسى يولغا قۇيۇلىدۇ. كارخانا دۆلەت مۈلۈك ھوقۇقى ۋە پاي چېكى بازارغا سېلىنغان شىركەتلەرنىڭ دۆلەت پاي ھوقۇق سودىسىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش تەدبىرى مۇكەممەللەشتۈرۈلۈپ، ئۇچۇر ئارقىلىق كۆزىتىش سىستېمىسى نۇقتىلىق قۇرۇلۇپ ۋە كېڭەيتىلىپ، سودىنى ھەرىكەتچان نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ئىشقا ئاشۇرۇلىدۇ.
مۈلۈك ھوقۇقى سودىسى ساھەسىنىڭ تەلەپچان تەشكىلات بولۇش قۇرۇلۇشى كۈچەيتىلىدۇ.
ھۆكۈمەت بىر تۇتاش سېتىۋېلىش تۈزۈمى ئىسلاھاتى چوڭقۇرلاشتۇرۇلىدۇ. ھۆكۈمەتنىڭ بىر تۇتاش سېتىۋېلىش دائىرىسى ۋە كۆلىمى كېڭەيتىلىدۇ. ‹‹باشقۇرۇش بىلەن سېتىۋېلىشنى ئايرىش›› قەتئىي يولغا قويۇلۇپ، ھۆكۈمەت بىر تۇتاش سېتىۋېلىشنىڭ ھەر قايسى ھالقىلىرىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش كۈچەيتىلىدۇ. بىرلىككە كەلگەن ئېلېكترونلۇق ھۆكۈمەت بىر تۇتاش سېتىۋېلىش سىستېمىسى تەتقىق قىلىنىپ قۇرۇپ چىقىلىدۇ. دۆلەت كارخانىلىرىنىڭ ماددىي ئەشيا سېتىۋېلىشتىكى خېرىدار چاقىرىش، خېرىدار بولۇش خىزمىتى قېلىپلاشتۇرۇلىدۇ.
ئىجتىمائىي ئىناۋەت سىستېمىسى تاكامۇللاشتۇرۇلىدۇ. كەسىپلەرنىڭ ئىناۋەت خاتىرىسى مۇكەممەللەشتۈرۈلىدۇ. لەۋزىدە تۇرمىغانلارغا تەنبىھ بېرىش تۈزۈمى ۋە لەۋزىدە تۇرغانلارنى مۇكاپاتلاش تۈزۈمى مۇكەممەللەشتۈرۈلىدۇ. ئالاقىدار تارماقلار بىلەن ساھەلەرنىڭ ئىناۋەت ئۇچۇرى بايلىقى بىرىكتۈرۈلۈپ، ئۇنىۋېرسال سانلىق مەلۇمات ئامبىرى قۇرۇلۇپ، ئىناۋەت ئۇچۇرىدىن ئورتاق بەھرىلىنىش مېخانىزمى تەدرىجى شەكىللەندۈرۈلىدۇ.
ئالتىنچى، ئاممىنىڭ مەنپەئىتىگە زىيان يەتكۈزىدىغان ناتوغرا ئىستىل تۈزىتىلىدۇ
(1) مەخسۇس تۈزەش كەڭ قانات يايدۇرۇلىدۇ
مال باھاسى، ئېكولوگىيىلىك مۇھىتنى قوغداش، يېمەكلىك – دورا سۈپىتى، بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش، يەر ئېلىش، چېقىش – كۆچۈرۈش قاتارلىق جەھەتلەردىكى ئاممىنىڭ ئىنكاسى ئەڭ كۈچلۈك بولغان مەسىلىلەر نۇقتىلىق ھەل قىلىنىدۇ. مۇھىت بۇلغىنىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تۈزەش سىياسەت – تەدبىرلىرىنىڭ ئەمەلىيلىشىش ئەھۋالىنى نازارەت قىلىپ تەكشۈرۈش كۈچەيتىلىپ، مۇھىت ئاسراش مەسئۇلىيىتىنى ئەستايىدىل ئادا قىلمىغان، ئاممىنىڭ مۇھىت ھوقۇق – مەنپەئىتىگە ئېغىر زىيان سالغان جايلار ۋە ئورۇنلاردىكى ئالاقىدار خادىملار، بولۇپمۇ رەھبىرىي كادىرلارنىڭ مەسئۇلىيىتى سۈرۈشتۈرۈلىدۇ. يېمەكلىك – دورا بۇيۇملىرى بىخەتەرلىكىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش تۈزۈمى مۇكەممەللەشتۈرۈلۈپ، زور سۈپەت بىخەتەرلىكى ۋەقەلىرى قاتتىق بىر تەرەپ قىلىنىدۇ. بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش قانۇن – نىزاملىرىنىڭ ئىجرا قىلىنىش ئەھۋالىنى نازارەت قىلىپ تەكشۈرۈش قانات يايدۇرۇلۇپ، جاۋابكارلىق، ۋەقەنى تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىش سالمىقى يەنىمۇ ئاشۇرۇلۇپ، ۋەقەنىڭ پەردە ئارقىسىدىكى ۋەزىپىسىنى ئادا قىلماسلىق، مەسئۇلىيەتسىزلىك قىلىش قىلمىشى ۋە چىرىكلىشىش مەسىلىسى قەتئىي تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ. يەر ئېلىش، يەر ئىشلىتىش ۋە قېزىلما بايلىقنى ئېچىش داۋامىدىكى ئىنتىزامغا، قانۇنغا خىلاپ قىلمىشلار قاتتىق تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ.
|