|
ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئابدۈشۈكۈر راشىدىن ، تەكلىپلىك مۇخبىرىمىز تۇرغۇنجان ئىمىن خەۋىرى ، فوتوسى: 28–ئىيۇن ، مارالبېشى ناھىيىسىنىڭ ئاقساقمارال يېزىسىدىن كەلگەن داڭلىق توغراق پاقلان گۆشى تونۇر كاۋىپى ئۇستىسى مۆمىن غوپۇرنىڭ قەشقەر يەرمەنكىسى نەق مەيدانىدا پۈتۈن پىشۇرغان تونۇر كاۋىپى يەرمەنكە تۇنجى كۈنىدىكى بازىرى ئەڭ ئىتتىك مەھسۇلاتقا ئايلاندى.
تونۇشتۇرۇشىچە ، ئۇ ئالدىنقى قېتىملىق يەرمەنكىگە قاتنىشىپ 150 تىن ئارتۇق پاقلان گۆشى تونۇر كاۋىپى سېتىپ چىقارغان . ئۇ بۇ قېتىم 100 دانە پاقلان تەييارلىغان بولۇپ تۇنجى كۈنىلا 90 نەچچە پاقلان گۆشى تونۇر كاۋىپىنى سېتىپ چىقارغان . ئۇنىڭ تونۇشتۇرىشىچە ، ئۇ بۇ قېتىم گۆش باھاسىنىڭ ئۆرلەپ كېتىشى سەۋەبلىك بازار ئىلگىرىكىدەك بولماسلىقى مۇمكىن دەپ قاراپ ، بىرلا تونۇر ۋە 150 پاقلان تەييارلىغان . ئويلىمىغان يەردىن ئۇنىڭ پاقلان گۆشى تونۇر كاۋاپلىرىنىڭ بازىرى چىقىپ ئۈلگۈرتەلمىگەن . پاقلان گۆشى تونۇر كاۋىپى يەۋاتقان بىر قىسىم ئامما مۇنداق دېدى: بارچۇق قوي گۆشلىرىنىڭ تەمى بەكمۇ يېيىشلىك ھەم تەملىك ئىكەن ، ئالدىنقى قېتىملىق يەرمەنكىدە ئۇنىڭ تونۇر كاۋاپلىرىنىڭ تەمى ئېغىزىمىزدا قالغان ئىدى ، بۇ قېتىم يەنە بىر قېتىم ئېغىز تېگىشكە مۇيەسسەر بولدۇق.

سۈرەتتە: مۆمىن غوپۇر تونۇر كاۋىپى ساتماقتا
|