باش بەت | خەۋەر مەركىزى | گۈزەل شىنجاڭ | مەدەنىيەت | تەڭرىتاغ ئەدەبىياتى | تۇرمۇش | تەڭرىتاغ ئېكرانى | پارتىيە–ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى | بېكىتىمىز
ئۈرۈمچىدە بۈگۈن ھاۋا ئوچۇق بولۇپ، يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃32،تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃21بولىدۇ.
‹‹خۇشاللىققا چۆمگەن قەشقەر ، ئىناق جەنۇبىي شىنجاڭ›› ناملىق چوڭ تىپتىكى ئەدەبىيات–سەنئەت كېچىلىكى قەشقەر خەلق مەيدانىدا ئۆتكۈزۈلدى
2008- 06- 30 09:51 تەڭرىتاغ تورى

     ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئابلىمىت سوپىھاجى خەۋىرى ، فوتوسى: 4–نۆۋەتلىك ‹‹جۇڭگو شىنجاڭ قەشقەر ئوتتۇرا ئاسىيا–جەنۇبىي ئاسىيا سودا يەرمەنكىسى›› گە ئاتاپ مەخسۇس تەييارلانغان ‹‹خۇشاللىققا چۆمگەن قەشقەر، ئىناق جەنۇبىي شىنجاڭ›› ناملىق چوڭ تىپتىكى ئەدەبىيات–سەنئەت كېچىلىكى 28–ئىيۇن كەچ قەشقەر خەلق مەيدانىدا ئۆتكۈزۈلدى . ‹‹قەشقەر سودا يەرمەنكىسى›› گە قاتنىشىش ئۈچۈن مەملىكەت ئىچى ۋە سىرتىدىن كەلگەن ھۆكۈمەت ئەربابلىرى ، كارخانىچىلار ، سودىگەرلەر شۇنداقلا ئاپتونوم رايونىمىزدىكى بىر قىسىم رەھبەرلىرى ۋە قەشقەردىكى ھەر مىللەت خەلق ئاممىسى بولۇپ 5000 دىن ئارتۇق كىشى بۇ قېتىمقى سەنئەت كېچىلىكىنى كۆردى.

     سەنئەت كېچىلىكىدە شىياڭگاڭ ، تەيۋەن ، بېيجىڭ قاتارلىق ئۆلكە ، رايون ، شەھەرلەردىن كەلگەن داڭلىق سەنئەت چولپانلىرى بىلەن قەشقەر ۋىلايىتىدىكى كەسپىي سەنئەتچىلەر كەڭ تاماشىبىنلارغا ئېسىل سەنئەت نومۇرلىرىنى تەقدىم قىلىپ ، بۇ قېتىمقى ‹‹قەشقەر سودا يەرمەنكىسى››نى تېخىمۇ يۇقىرى پەللىگە كۆتۈردى.

  

قەشقەرنىڭ ئوبراز ئەلچىسى ، داڭلىق ناخشىچى ئەركىن ئابدۇللا قاغىلىق خەلق ناخشىسى «قۇياشقا ئەڭ يېقىن كىشىلەر»نى ئورۇندىماقتا

سەنئەت كېچىلىكىدىكى نادىر نومۇرلاردىن تاللانما

 

( مۇھەررىر : قەيسەر )

نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى

تېلېفون:Tel:0991-8521981       ئەسەر ئەۋەتىڭ         قوشۇۋېلىڭ       قوشۇۋېلىڭ