باش بەت | خەۋەر مەركىزى | گۈزەل شىنجاڭ | مەدەنىيەت | تەڭرىتاغ ئەدەبىياتى | تۇرمۇش | تەڭرىتاغ ئېكرانى | پارتىيە–ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى | بېكىتىمىز
ئۈرۈمچىدە بۈگۈن ھاۋا ئوچۇق بولۇپ، يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃32،تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃21بولىدۇ.
جۇڭگو شىنجاڭ قەشقەر ئوتتۇرا ئاسىيا —جەنۇبىي ئاسىيا سودا يەرمەنكىسى داغدۇغىلىق باشلاندى
2008- 06- 28 12:48 تەڭرىتاغ تورى

  

    ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئابدۇشۈكۈر راشىدىن خەۋىرى ، فوتوسى :   دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدا بەلگىلىك تەسىر قوزغاپ كەلگەن 4 – نۆۋەتلىك ‹‹جۇڭگو شىنجاڭ قەشقەر ئوتتۇرا ئاسىيا —جەنۇبىي ئاسىيا سودا يەرمەنكىسى›› بۈگۈن (28 – ئىيۇن) قەشقەر پەن – تېخنىكا مەدەنىيەت مەيدانىدا داغدۇغىلىق ئېچىلدى . 4 – نۆۋەتلىك ‹‹قەشقەر سودا يەرمەنكىسى›› بىر قېتىملىق شەرق – غەرب ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىپ ، ئوتتۇرا ئاسىيا — جەنۇبىي ئاسىيا رايونلىرىنىڭ ئىقتىسادىنى ئۆز ئارا ئىلگىرى سۈرۈپ ، تاشقى سودىنى كېڭەيتىپ ، خەلقئارا ئىقتىساد – سودا ئالماشتۇرۇش ۋە ھەمكارلىقنى ئاساسىي تېما قىلغان رايون خاراكتېرلىك خەلقئارا ئىقتىساد – سودا كاتتا يىغىنى .

      باشلىنىش مۇراسىمىغا شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايوننىڭ مۇئاۋىن رەئىسى خۇ ۋېي ، جۇڭگونىڭ پاكىستاندا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى لو جاۋخۇي ، جۇڭگونىڭ ئاففانىستاندا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى ياڭ خۇلەن ، تيەنجىن شەھەرلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى ، ئىقتىساد –سودا ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ ئۆمەك باشلىقى لى يالى ، شەندۇڭ ئۆلكىلىك ئىقتىساد – سودا ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ باشلىقى خۇاڭ فېڭشيې،   قەشقەر ۋىلايەتلىك پارتكومنىڭ شۇجىسى شى داگاڭ ، قەشقەر ۋىلايەتلىك مەمۇرىي مەھكىمىنىڭ ۋالىيسى ئەكبەر غۇپۇر ، قىرغىزىستاننىڭ جۇڭگودا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى ساربايوف ، پاكىستان ئولتۇراق ئۆي ۋە جامائەت قۇرۇلۇشى مىنىستىرى رەھمەت كاكار ، تاجىكىستان دۆلەتلىك سودا – سانائەتچىلەر بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسى كارمايوف، ئۆزبېكىستان دۆلەتلىك سودا – سانائەتچىلەر بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسى ئاتاخوجا ئەنۋەر ، قازاقىستاننىڭ جۇڭگودا تۇرۇشلۇق باش ئەلچى مەسلىھەتچىسى ۋۇۋاجانوف ، ئاففانىستاننىڭ جۇڭگودا تۇرۇشلۇق باش ئەلچى مەسلىھەتچىسى ئابدۇسالام قاتارلىقلار قاتناشتى .

      باشلىنىش مۇراسىمىغا يەنە تاجىكىستان ، پاكىستان ، تۈركمەنىستان ، قازاقىستان ، ئۆزبېكىستان ، ئاففانىستان ، ھىندىستان قاتارلىق دۆلەتلەردىن كەلگەن مۇناسىۋەتلىك رەھبەرلەر ، سودا ۋەكىللەر ئۆمەكلىرى، شۇنداقلا شەندۇڭ ، تيەنجىن قاتارلىق دۆلەت ئىچىدىكى 22 ئۆلكە ، رايون ، شەھەردىن كەلگەن  مۇناسىۋەتلىك رەھبەرلەر ، ئىقتىساد – سودا ۋەكىللەر ئۆمەكلىرى ۋە كارخانا، سودىگەرلەر ، شىياڭگاڭ ، تەيۋەندىن كەلگەن ئىقتىساد – سودا ۋەكىللەر ئۆمىكى ، كارخانا ، سودىگەرلەر ھەمدە  ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەرقايسى ۋىلايەت –ئوبلاستلارنىڭ رەھبەرلىرى، كارخانىچىلار، سودىگەرلەر قاتناشتى.

رەھبەرلەر كۆرگەزمىگە قويۇلغان مەھسۇلاتلارنى كۆزدىن كەچۈرمەكتە

     باشلىنىش مۇراسىمىدىن كېيىن ، رەھبەرلەر ۋە مېھمانلار ھەرقايسى كۆرگەزمە زاللىرىغا بېرىپ ، كۆرگەزمىگە قويۇلغان مەھسۇلاتلارنى كۆزدىن كەچۈردى .  ئىگىلىنىشىچە ، بۇ قېتىمقى يەرمەنكە 7–ئاينىڭ 3–كۈنىگىچە ئۆتكۈزۈلىدىكەن.

قەشقەر يەرمەنكىسىدىن كۆرۈنۈش

 

( مۇھەررىر : ئامانگۈل )

نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى

تېلېفون:Tel:0991-8521981       ئەسەر ئەۋەتىڭ         قوشۇۋېلىڭ       قوشۇۋېلىڭ