|

ئىختىيارىي مۇخبىرلىرىمىز ئابدۇشۈكۈر راشىدىن ، مۇھەممەتئىمىن زېبىبۇللا ، قەمەردىللا دولقۇن ، ئەنۋەرجان مەتنىيازلار خەۋىرى ، فوتوسى : بۇ يىلقى 4- نۆۋەتلىك ‹‹ جۇڭگو–شىنجاڭ قەشقەر خەلقئارا سودا يەرمەنكىسى›› 28- ئىيۇندىن 2- ئىيۇلغىچە قەشقەر شەھەرلىك پەن –تېخنىكا مەدەنىيەت مەيدانىدا ئۆتكۈزۈلىدۇ .
قەشقەر ۋىلايىتىدىكى مۇناسىۋەتلىك تارماقلار بۇ قېتىمقى ‹‹ قەشقەر خەلقئارا سودا يەرمەنكىسى›› نى كۆلىمى چوڭ ، دەرىجىسى يۇقىرى، ئالاھىدىلىكى گەۋدىلىك ، شەكلى يېڭى ، جەلىپ قىلىش كۈچى كۈچلۈك ، تەسىر دائىرىسى كەڭ بولغان رايون خاراكتېرلىك خەلقئارالىق كاتتا سودا كېڭىشىش مەرىكىسىگە ئايلاندۇرۇش ئۈچۈن ، ئىنتېرنېت تورى ، ۋاستىچى شىركەتلەر ۋە تۈرلۈك يەرمەنكە سودا كېڭىشىش يىغىنى قاتارلىق كۆپ خىل ئۇسۇللاردىن پايدىلىنىپ سودىگەر چاقىرىپ ، مەبلەغ جەلىپ قىلىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلىدى . ئۇلار يەنە ‹‹ شىئەن سودا كېڭىشىش يىغىنى›› ، ‹‹ تىيەنجىن سودا كېڭىشىش يىغىنى›› ۋە چاڭجىياڭ دېلتىسى ، جۇجىياڭ دېلتىسى، پاكىستان ، قىرغىزىستان ، تاجىكىستان قاتارلىق دۆلەت ، رايون ، ئۆلكە ، شەھەر ۋە سودا كېڭىشىش يىغىنلىرىغا مەخسۇس ئۆمەك ئەۋەتىپ ، دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدىكى كارخانىچىلار ، سودىگەرلەر بىلەن تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئۇچرىشىپ ، ئۇلارغا قەشقەرنىڭ مەبلەغ سېلىش مۇھىتىنى تەشۋىق قىلدى ھەمدە 8000 پارچە تەكلىپنامە تارقىتىپ ، ئۇلارنى قەشقەرگە كېلىپ كېتىشكە تەكلىپ قىلدى .
نۆۋەتتە ، قەشقەر شەھىرىدىكى كوچىلار ۋە ئىمارەتلەر رەڭدار بېزىلىپ ، رەتلىك ، پاكىزە ، ئازادە تۈسكە كىردى . كېچىدە چاقنىغان رەڭدار كوچا چىراقلىرى ۋە بېزەك چىراقلار شەھەر قىياپىتىگە ھۆسىن قوشۇپ ، قەشقەرنى ئىسمى–جىسمىغا لايىق ‹‹يىپەك يولىدىكى نۇرلۇق مەرۋايىت››قا ئايلاندۇردى.






















|