|
25–ئىيۇن،ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ئىشلىرى كەسپىي يىغىنىدىن ئىگىلىنىشىچە:ھازىرغىچە،ئاپتونوم رايونىمىز تاپشۇرىۋالغان ،ۋېنچۈەن يەرتەۋرەش ئاپىتىگە قىلىنغان ئىئانىنىڭ سوممىسى 492مىلىيون565يۈزمىڭ يۈەنگە يەتتى.
ئىگىلىنىشىچە،ئاپەت يۈزبەرگەندىن كېيىن،ئاپتونوم رايونىمىز چاقماق تېزلىكىدە ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش،ئىئانە توپلاش رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى قۇرۇپ،ئالتە ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش،ئىئانە توپلاش قىزىق لىنىيەلىك تېلېفونىنى ئاچتى ۋە ئاپتونوم رايونلۇق قىزىل كىرىس جەمئىيىتى ، ساخاۋەتچىلەر جەمئىيىتى بىلەن ماسلىشىپ،ئىئانە توپلاش ھېسابات نۇمۇرىنى ئېلان قىلدى؛رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى ئىچىدە 24سائەتلىك دىجورنىلىق تۈزۈمىنى يولغا قويدى،پۈتۈن شىنجاڭدىكى ئىئانە ئەھۋالىنى ۋاقتىدا ئىگىلەپ،ھەرقايسى جايلاردىكى ئىئانە خىزمىتىگە يىتەكچىلىك قىلدى.
ئاپتونوم رايونلۇق ساخاۋەتچىلەر جەمئىيىتى ئۇدا 16مەيدان خەيىر–ساخاۋەت ئويۇنى،خەيىر–ساخاۋەت سېتىش پائالىيتى ئۇيۇشتۇرۇپ،ئاپتونوم رايوننىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا ،ئاپەت رايونىغا مېھرىبانلىق يەتكۈزۈش دولقۇنىنى كۆتۈردى.
|