باش بەت | خەۋەر مەركىزى | گۈزەل شىنجاڭ | مەدەنىيەت | تەڭرىتاغ ئەدەبىياتى | تۇرمۇش | تەڭرىتاغ ئېكرانى | پارتىيە–ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى | بېكىتىمىز
ئۈرۈمچىدە بۈگۈن ھاۋا ئوچۇق بولۇپ، يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃32،تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃21بولىدۇ.
ئەمگەك ۋە ئىجتىمائىي كاپالەتكە ئائىت قىزىق نۇقتا مەسىلىلىرى
2008- 06- 24 18:09 شىنجاڭ گېزىتى

   ئاپتونوم رايونلۇق ئەمگەك ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت نازارىتىنىڭ ‹‹12333›› تېلېفوندا مەسلىھەت بېرىش مەركىزىنىڭ سانلىق ستاتىستىكىسىغا ئاساسلانغاندا، بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا ‹‹12333›› تېلېفوندا مەسلىھەت بېرىش مۇلازىمىتى نەچچە ئون مىڭ قېتىم (ئاپتوماتسىز مۇلازىمەت ۋە ئاپتوماتىك مۇلازىمەت)غا يەتكەن، بۇنىڭ كۆپىنچىسى ‹‹ئەمگەك توختامى قانۇنى››، ‹‹ئىشقا ئورۇنلىشىشنى ئىلگىرى سۈرۈش قانۇنى›› ۋە ئىجتىمائىي سۇغۇرتا جەھەتتىكى ئالاقىدار سىياسەت، ماددىلارغا قارىتىلغان بولۇپ، يولغا قويۇش داۋامىدا ئىشچى – خىزمەتچىلەرنىڭ جانىجان مەنپەئىتىگە چېتىلغان مەسىلىلەر. تۆۋەندە ‹‹12333›› مۇلازىمەت تېلېفونىدا جاۋاب بېرىلگەن قىزىق نۇقتا مەسىلىلىرىنى رەتلەپ، ئوقۇرمەنلەرنىڭ پايدىلىنىشىغا سۇندۇق.

   سوئال: قانداق ئەھۋالدا كارخانىغا مۇقىم مۇددىتى بولمىغان ئەمگەك توختامى ئىمزالاش تەلىپىنى قويۇشقا بولىدۇ؟ ئەگەر ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇن سەۋەبسىز توختام ئىمزالىمىسا ياكى ئەمگەك مۇناسىۋىتىنى بىۋاسىتە بىكار قىلىۋەتسە ئەمگەكچى ھوقۇقىنى قانداق قوغدىشى كېرەك؟

   جاۋاب: مۇقىم مۇددىتى بولمىغان ئەمگەك توختامى ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇن بىلەن ئەمگەكچى پۈتۈشۈش ئارقىلىق ئاخىرلىشىش ۋاقتى بېكىتىلمىگەن ئەمگەك توختامىنى كۆرسىتىدۇ. ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇن بىلەن ئەمگەكچى كېڭىشىش ئارقىلىق مۇقىم مۇددىتى  بولمىغان ئەمگەك توختامى ئىمزالىسا بولىدۇ. تۆۋەندىكى ئەھۋاللارنىڭ بىرىدە، ئەمگەكچى ئەمگەك توختامىنى داۋاملاشتۇرۇش، ئىمزالاشنى ئوتتۇرىغا قويسا ياكى ئۇنىڭغا قوشۇلغان بولسا، ئەمگەكچى مۇددەتلىك ئەمگەك توختامى ئىمزالاشنى ئوتتۇرىغا قويغاندىن باشقا ، مۇقىم مۇددىتى  بولمىغان ئەمگەك توختامى ئىمزالىسا بولىدۇ:

   (1) ئەمگەكچى شۇ  ئورۇندا ئۇدا خىزمەت قىلغان ۋاقتى ئون يىلغا توشقان بولسا؛

   (2) ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇن ئەمگەك توختامى تۈزۈمىنى تۇنجى قېتىم يولغا قويغان ياكى دۆلەت كارخانىسىنىڭ تۈزۈلمىسى ئۆزگەرتىلىپ، ئەمگەك توختامى يېڭىۋاشتىن تۈزۈلگەندە، ئەمگەكچى شۇ ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇندا ئۇدا ئون يىل ئىشلىگەن بولسا ھەم قانۇندا بېكىتىلگەن پېنسىيىگە چىقىش يېشىغا ئون يىلغا يەتمىگەن ۋاقىت قالغان بولسا؛

   (3) ئۇدا ئىككى قېتىم مۇقىم مۇددەتلىك ئەمگەك توختامى ئىمزالىغان ھەم ئەمگەكچىدە ‹‹ئەمگەك توختامى قانۇنى››نىڭ 39 – ماددىسى ۋە 40 – ماددىسىنىڭ 1 – تارمىقى، 2 – تارمىقىدا بەلگىلەنگەن ئەھۋال كۆرۈلمىگەن بولۇپ، ئەمگەك توختامىنى داۋاملىق تۈزگەن بولسا. ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇن ئادەم ئىشلەتكەن كۈندىن باشلاپ بىر يىل توشقىچە ئەمگەكچى بىلەن يازما ئەمگەك توختامى ئىمزالىمىغان بولسا، ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇن ئەمگەكچى بىلەن مۇقىم مۇددىتى بولمىغان ئەمگەك توختامى ئىمزالىغان، دەپ قارىلىدۇ.

   ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇن سەۋەبسىز توختام ئىمزالىمىسا ياكى ئەمگەك مۇناسىۋىتىنى بىۋاسىتە بىكار قىلىۋەتسە، ئەمگەكچى ئەمگەك توختامىنى ئىجرا قىلىدىغان ئورۇن ياكى ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇن تۇرۇشلۇق ئەمگەك ماجىراسى كېسىم كومىتېتىغا بېرىپ كېسىم قىلىپ بېرىش ئىلتىماسى سۇنسا بولىدۇ.

   سوئال: ئەگەر ئەمگەك توختامىنىڭ مۇددىتى توشماستا ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇن ئەمگەكچى بىلەن ئەمگەك توختامى مۇناسىۋىتىنى بىكار قىلسا ئەمگەكچى قانچىلىك ئىقتىسادىي تۆلەم سوممىسى ئالالايدۇ؟

   جاۋاب: ‹‹ئەمگەك توختامى قانۇنى›› يولغا قويۇلۇشتىن ئىلگىرى ئىقتىسادىي تۆلەم سوممىسى ئىشلىگەن ھەر يىلى ئۈچۈن ئەمگەكچىگە بىر ئايلىق ئىش ھەققى بېرىلەتتى، بىر يىلغا توشمىسا بىر يىل بويىچە ھېسابلىناتتى؛ 2008 – يىل 1 – يانۋاردىن كېيىن، ئىقتىسادىي تۆلەم ئەمگەكچىنىڭ شۇ ئورۇندا ئىشلىگەن يىل چېكى بويىچە ھەر بىر يىلى توشسا بىر ئايلىق ئىش ھەققى ئۆلچىمى بويىچە ئەمگەكچىگە بېرىلىدۇ. ئالتە ئايدىن ئاشقان، بىر يىلغا توشمىغان بولسا بىر يىل بويىچە ھېسابلىنىدۇ؛ ئالتە ئايغا توشمىغان بولسا ئەمگەكچىگە يېرىم يىللىق ئىش ھەققى بويىچە ئىقتىسادىي تۆلەم بېرىلىدۇ.

   ئەمگەكچىنىڭ ئايلىق ئىش ھەققى ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇن تۇرۇشلۇق بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەر، رايون بار شەھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى ئېلان قىلغان شۇ جاينىڭ ئالدىنقى يىللىق ئىشچى – خىزمەتچىلەرنىڭ ئوتتۇرىچە ئىش ھەققىنىڭ ئۈچ ھەسسىسىدىن يۇقىرى بولسا، ئۇنىڭغا بېرىلىدىغان ئىقتىسادىي تۆلەم ئۆلچىمى ئىشچى – خىزمەتچىلەرنىڭ ئايلىق ئوتتۇرىچە ئىش ھەققىنىڭ ئۈچ ھەسسىسى بويىچە بېرىلىدۇ، ئىقتىسادىي تۆلەم بېرىش يىل چەكلىمىسى ئەڭ يۇقىرى بولغاندا 12 يىلدىن ئاشمايدۇ.

   بۇ يەردە تىلغا ئېلىنغان ئايلىق ئىش ھەققى ئەمگەكچىنىڭ توختامنى بىكار قىلغان ياكى توختىتىشتىن ئىلگىرىكى 12 ئايلىق ئوتتۇرىچە مائاشىنى كۆرسىتىدۇ.

   سوئال: قايسى كىشىلەر يېڭىدىن كۆپەيگەن ئۈچ خىل كىشىلەر قاتارىدا ياشانغاندا كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسىغا قاتناشسا بولىدۇ؟ سۇغۇرتا ھەققىنى تولۇقلاپ تاپشۇرۇش ئۆلچىمى قانداق بولىدۇ؟ ئۇلارغا قانداق مۇئامىلە قىلىنىدۇ؟

   جاۋاب: يېڭىدىن كۆپەيگەن ئۈچ خىل كىشى دېگىنىمىز  قانۇندا بەلگىلەنگەن پېنسىيىگە چىقىش يېشىدىن  ئاشقان دۆلەت ئورگانلىرى، كەسپىي ئورۇنلار، دۆلەت كارخانىلىرى (دۆلەت ئىگىلىكىدىكى دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق كارخانىلىرىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ)نىڭ مۇقىم ئىشچى – خىزمەتچىلىرى ھەم دۆلەت ئورۇنلىرىدا ئون يىلدىن ئارتۇق ئىشلىگەنلەر؛ بىر قېتىمدىلا ھەربىي سەپتىن قايتىش پۇلى ئالغان، قانۇندا بەلگىلەنگەن پېنسىيىگە چىقىش يېشىدىن ئاشقان ئارمىيىنىڭ سابىق كادىرلىرى ۋە ھەربىي سەپتىن چېكىنگەن كوماندىر – جەڭچىلەر ھەم ھەربىي سەپتىن چېكىنگىنىگە ئون يىلدىن ئاشقانلار؛ قانۇنداق بەلگىلەنگەن پېنسىيىگە چىقىش يېشىدىن ئاشقان چوڭ كوللېكتىپ كارخانىلارنىڭ ئىشچى – خىزمەتچىلىرى ھەم خىزمەت قىلغان ۋاقتى ئون يىلدىن ئاشقانلارنى كۆرسىتىدۇ. يۇقىرىقى شەرتكە ئۇيغۇن كېلىدىغانلار 2007 – يىل 4 – دېكابىردىن 2008 – يىل 31 – دېكابىرغىچە ئۆزىنىڭ ئارخىپىنى ئېلىپ نوپۇسى تۇرۇشلۇق جايدىكى ئىجتىمائىي سۇغۇرتا ئاپپاراتلىرىغا بېرىپ سۇغۇرتا ھەققىنى تولۇقلاپ تاپشۇرۇشنى تەكشۈرۈپ بېكىتىش ۋە بېجىرىش رەسمىيىتىنى بېجىرسە بولىدۇ. 2009 – يىل 1 – يانۋاردىن باشلاپ بۇ خىل كىشىلەرگە سۇغۇرتا ھەققىنى تولۇقلاپ تاپشۇرۇش رەسمىيىتى بېجىرىپ بېرىلمەيدۇ.

   ئەسلىدىكى دۆلەت ئىلكىدىكى ئورۇنلارنىڭ ئىشچى – خىزمەتچىلىرى سۇغۇرتا ھەققىنى تولۇقلاپ تاپشۇرۇشنى تەلەپ قىلسا، پرىنسىپ جەھەتتىن ھەر يىلنىڭ ئالدىنقى يىلىدىكى ئاپتونوم رايوننىڭ ئىش ئورنىدىكى ئىشچى – خىزمەتچىلەرنىڭ ئوتتۇرىچە ئىش ھەققى (ئەڭ تۆۋەن بولغاندا ھەر يىلنىڭ ئالدىنقى يىلىدىكى ئاپتونوم رايوننىڭ ئىش ئورنىدىكى ئىشچى – خىزمەتچىلەرنىڭ ئوتتۇرىچە ئىش ھەققىنىڭ% 60 ىدىن تۆۋەن بولسا بولمايدۇ) ھەق تاپشۇرۇش ئاساسىي سانى قىلىنىپ، بىر تۇتاش% 20لىك ھەق نىسبىتى بويىچە تولۇقلاپ تاپشۇرىدۇ. دۆلەت ئىلكىدىكى دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق كارخانىلىرىنىڭ ئىشچى – خىزمەتچىلىرى سۇغۇرتا ھەققىنى تولۇقلاپ تاپشۇرۇشنى تەلەپ قىلسا، 2003 – يىل 1 – ئىيۇلدىن ئىلگىرىكىلەر ش ئۇ ئا ر پ ئى–19 ]2003[ نومۇرلۇق ھۆججىتىدىكى بەلگىلىمە بويىچە بېجىرىلىدۇ، 2003 – يىل 1 – ئىيۇلدىن كېيىنكىلەر ھەر يىلنىڭ ئالدىنقى يىلىدىكى  ئاپتونوم رايوننىڭ ئىش ئورنىدىكى ئىشچى – خىزمەتچىلەرنىڭ ئوتتۇرىچە ئىش ھەققى (ئەڭ تۆۋەن بولغاندا ھەر يىلنىڭ ئالدىنقى يىلىدىكى ئاپتونوم رايوننىڭ ئىش ئورنىدىكى ئىشچى – خىزمەتچىلەرنىڭ ئوتتۇرىچە ئىش ھەققىنىڭ% 40 ىدىن تۆۋەن بولسا بولمايدۇ) ھەق تاپشۇرۇش ئاساسىي سانى قىلىنىپ، بىر تۇتاش% 20 لىك ھەق نىسبىتى بويىچە تولۇقلاپ تاپشۇرىدۇ. چوڭ كوللېكتىپ كارخانىلىرىنىڭ ئىشچى – خىزمەتچىلىرى 1986 – يىل 1 – ئۆكتەبىردىن 1992 – يىل 31 – دېكابىرغىچە ھەر يىلىنىڭ ئالدىنقى يىلىدىكى ئاپتونوم رايوننىڭ ئىش ئورنىدىكى ئىشچى – خىزمەتچىلەرنىڭ ئوتتۇرىچە ئىش ھەققى (ئەڭ تۆۋەن بولغاندا ھەر يىلنىڭ ئالدىنقى يىلىدىكى ئاپتونوم رايوننىڭ ئىش ئورنىدىكى ئىشچى – خىزمەتچىلەرنىڭ ئوتتۇرىچە ئىش ھەققىنىڭ% 60 ىدىن تۆۋەن بولسا بولمايدۇ)نى ھەق تاپشۇرۇش ئاساسىي سانى قىلىپ، بىر تۇتاش% 18 لىك ھەق نىسبىتى بويىچە تولۇقلاپ تاپشۇرىدۇ؛ 1993 – يىل 1 – يانۋاردىن كېيىنكىلەر بىر تۇتاش %20 لىك ھەق نىسبىتى بويىچە تولۇقلاپ تاپشۇرىدۇ.

   شەرتكە ئۇيغۇن كېلىدىغان سۇغۇرتىغا قاتنىشىش تولۇقلىمىسى بېرىلىدىغانلار ئەسلى ئورنىدىن ئايرىلغان يىلى 1 – ئاپرېلدىن باشلاپ قانۇنداق بەلگىلەنگەن پېنسىيىگە چىقىش يېشىغىچە سۇغۇرتا ھەققىنى تولۇقلاپ تاپشۇرىدۇ، تولۇقلاپ تاپشۇرۇش ۋاقتى ئون يىلدىن ئاز بولسا بولمايدۇ. تولۇقلاپ ھەق تاپشۇرغاندىن كېيىن، شۇ كىشىنىڭ ئەسلىدىكى دۆلەت ئورگىنى، كارخانا، كەسپىي ئورۇنلاردا ئىشلىگەن يىل چەكلىمىسى (دۆلەت ئېتىراپ قىلغان ئۇدا ئىستاژى)ۋە ھەربىي ئىستاژى ھەق تاپشۇرۇش يىل چەكلىمىسى، دەپ قارالسا بولىدۇ.

   شەرتكە ئۇيغۇن كېلىدىغان سۇغۇرتا ھەققىنى تولۇقلاپ تاپشۇرىدىغانلار كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسىنى تولۇقلاپ تاپشۇرغاندىن كېيىن، دۆلەت بەلگىلىگەن پېنسىيىگە چىقىشنى تەستىقلاش شەرتىنى ھازىرلىغان بولسا، دەم ئېلىش رەسمىيىتىنى بېجىرسە بولىدۇ ھەم پېنسىيىگە چىقىشى تەستىقلانغان ئاينىڭ كېيىنكى ئېيىدىن باشلاپ، كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسى تەمىناتىدىن بەھرىمەن بولىدۇ. ئۆتۈپ كەتكىنى بىردەك تولۇقلاپ بېرىلمەيدۇ، تەمىناتى ش ئۇ ئا ر خ ھ–107]1997[ نومۇرلۇق ھۆججىتى ۋە  ش ئۇ ئا ر خ ھ–59 ]2006[ نومۇرلۇق ھۆججىتىدىكى بەلگىلىمە بويىچە بېكىتىلىدۇ.

   سوئال: ئۈرۈمچى شەھەر ئاھالىسى شەھەر، بازار ئاھالىسىنىڭ ئاساسىي داۋالىنىش سۇغۇرتىسىغا قاتناشقاندىن كېيىن، قانداق تەمىناتتىن بەھرىمەن بولالايدۇ؟

   جاۋاب: ئۈرۈمچى شەھەرلىك ئەمگەك ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت ئىدارىسىنىڭ 262 ]2007[  نومۇرلۇق ھۆججىتىدىكى بەلگىلىمىگە ئاساسەن، ئۈرۈمچى شەھەر ئاھالىسى شەھەر، بازار ئاھالىسىنىڭ ئاساسىي داۋالىنىش سۇغۇرتىسىغا قاتناشقاندىن كېيىن،  داۋالىنىشتا  ئالدى بىلەن بەلگىلەنگەن  مەھەللە سەھىيە مۇلازىمەت مەركىزى(پونكىتى)دە داۋالىنىدۇ، ئاغرىقلارنىڭ كېسەل كۆرسىتىشى، داۋالىنىشى  بەلگىلەنگەن مەھەللە سەھىيە مۇلازىمەت ئاپپاراتى بىلەن چەكلىنىدۇ.  كېسەل ئەھۋالى سەۋەبلىك دوختۇرخانا ئالمىشىپ داۋالىنىشقا توغرا كەلسە، دەرىجىگە ئايرىپ داۋالاش، دەرىجىمۇ – دەرىجە يۆتكەپ داۋالاش ۋە قوش يۆنىلىشلىك يۆتكىلىپ داۋالاش تۈزۈمى يولغا قويۇلىدۇ.  تەستىقلاتماي دوختۇرخانا ئالمىشىپ داۋالانغانلار  ئاساسىي داۋالىنىش سۇغۇرتىسى تەمىناتىدىن  بەھرىمەن بولالمايدۇ. سۇغۇرتىغا قاتناشقان شەھەر، بازار ئاھالىسى ئوخشىمىغان دەرىجىدىكى بەلگىلەنگەن داۋالاش ئاپپاراتىدا داۋالانسا،  تۇنجى قېتىم بالنىستا يېتىش ھەققى ئۈچۈن 1 – دەرىجىلىك داۋالاش ئاپپاراتىنىڭ  200 يۈەن، 2 – دەرىجىلىك داۋالاش ئاپپاراتىنىڭ 300 يۈەن، 3 – دەرىجىلىك داۋالاش ئاپپاراتىنىڭ 600 يۈەن بولىدۇ.  بىر يىل ئىچىدە ئوخشاش دەرىجىلىك داۋالاش ئاپپاراتىدا بالنىستتا يېتىپ داۋالانسا، شۇ ئاپپاراتنىڭ ئۆلچىمى بويىچە پەقەت بىرلا قېتىم ھەق ئېلىنىدۇ، ئوخشىمىغان دەرىجىدىكى داۋالاش ئاپپاراتىدا بالنىستتا يېتىپ داۋالانسا، ئوخشىمىغان دەرىجىدىكى داۋالاش ئاپپاراتىنىڭ ھەق ئۆلچىمى بويىچە تولۇقلاپ ھەق ئېلىنىدۇ.

   شەھەر، بازارلاردىكى سۇغۇرتىغا قاتناشقان ئاھالە دەرىجىسى ئوخشىمايدىغان داۋالاش ئاپپاراتىدا بالنىستتا يېتىپ داۋالانغاندىكى  بەلگىلىمىگە ئۇيغۇن داۋالاش ھەققى دەسلەپ دوختۇرخانىغا تاپشۇرىدىغان ئۆلچەمدىن يۇقىرى،  ئەڭ يۇقىرى چىقىم قىلىش چېكىدىن تۆۋەن بولسا، بىر تۇتاش پىلانلىنىدىغان فوندىدىن تۆلىنىدۇ، شەخسلەرمۇ بەلگىلىك نىسبەتتە ئۆز ئۈستىگە ئالىدۇ. تۆلەش نىسىبىتى مۇنداق:  بىرىنچى دەرىجىلىك داۋالاش ئاپپاراتى(مەھەللە سەھىيە مۇلازىمەت مەركىزىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ) بىر تۇتاش پىلانلىنىدىغان فوندىدىن% 60 چىقىم قىلىنىدۇ؛ شەخسلەر% 40 نى ئۆز ئۈستىگە ئالىدۇ؛  ئىككىنچى دەرىجىلىك داۋالاش ئاپپاراتى بىر تۇتاش پىلانلىنىدىغان فوندىدىن% 50 چىقىم قىلىدۇ، شەخسلەر% 50 نى ئۆز ئۈستىگە ئالىدۇ؛ ئۈچىنچى دەرىجىلىك داۋالاش ئاپپاراتى بىر تۇتاش پىلانلىنىدىغان فوندىدىن% 40 چىقىم قىلىدۇ، شەخسلەر% 60 نى ئۆز ئۈستىگە ئالىدۇ. بىر يىلدا  ئەڭ كۆپ بولغاندا 25 مىڭ يۈەن چىقىم قىلىنىدۇ.

   شەھەر ئاھالىسىگە قۇلايلىق بولسۇن ئۈچۈن، ئۈرۈمچى شەھىرى يەنە شەھەر، بازار ئاھالىسى مەھەللە سەھىيە مۇلازىمەت ئاپپاراتى ئامبۇلاتورىيىسىدە داۋالىنىش پۇلىنى بىر تۇتاش پىلانلاش تۈزۈمى ئورنىتىپ،  بىر تۇتاش پىلانلىنىدىغان ئامبۇلاتورىيىدە داۋالىنىش پۇلىنى قۇرامىغا يەتكەن ھەر بىر ئادەمگە يىلغا 30 يۈەندىن پۇل بېرىش ئۆلچىمى بويىچە بىر تۇتاش پىلانلىنىدىغان ھەقتىن چىقىرىپ، بۇنى ئائىلە ئەزالىرى ئورتاق ئىشلىتىشكە بولىدىغان قىلدى.  بىر تۇتاش پىلانلىنىدىغان ئامبۇلاتورىيە پۇلىنى ئائىلە ئەزالىرىنىڭ ئامبۇلاتورىيىدە كۆرۈنۈش چىقىمى ئورنىدا ئىشلەتسە بولىدۇ، ئەگەر بۇ پۇلنى شۇ يىلى ئىشلىتىپ بولالمىسا،  كېلەر يىلى داۋاملىق ئىشلەتسە بولىدۇ.

   سۇغۇرتىغا قاتناشقان شەھەر، بازار ئاھالىسى بەلگىلەنگەن داۋالاش ئاپپاراتىدا بالنىستتا يېتىپ داۋالىنىش چىقىمىنىڭ  شەخسلەر تۆلەشكە تېگىشلىك قىسمىغا شەخسلەر نەق پۇل تاپشۇرىدۇ؛ بىر تۇتاش پىلانلىنىدىغان فوندىدىن چىقىم قىلىشقا تېگىشلىك قىسمىنى، بەلگىلەنگەن داۋالاش ئاپپاراتى كېيىنكى ئاينىڭ 1 – كۈندىن  10 – كۈنىگىچە شەھەرلىك ئىجتىمائىي سۇغۇرتا ئىشلىرىنى بېجىرىش ئاپپاراتىغا بېرىپ ھېسابات قىلىدۇ.

( مۇھەررىر : لالە )

نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى

تېلېفون:Tel:0991-8521981       ئەسەر ئەۋەتىڭ         قوشۇۋېلىڭ       قوشۇۋېلىڭ