باش بەت | خەۋەر مەركىزى | گۈزەل شىنجاڭ | مەدەنىيەت | تەڭرىتاغ ئەدەبىياتى | تۇرمۇش | تەڭرىتاغ ئېكرانى | پارتىيە–ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى | بېكىتىمىز
ئۈرۈمچىدە بۈگۈن ھاۋا ئوچۇق بولۇپ، يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃32،تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃21بولىدۇ.
ئاپەتتىن كېيىنكى قايتا قۇرۇش ۋەزىپىسى جۇڭگو ئۈچۈن سىناق
2008- 06- 24 18:04 شىنجاڭ گېزىتى

   سىنگاپوردا چىقىدىغان ‹‹بۈگۈن›› گېزىتىنىڭ 12 – ئىيۇندىكى ‹‹جۇڭگودا يەر تەۋرەش ئاپىتىنىڭ يۈز بەرگىنىگە بىر ئاي بولدى، جۇڭگو زور كۆلەملىك قايتا قۇرۇش خىزمىتىنى باشلىدى›› سەرلەۋھىلىك ماقالىسى. جۇڭگودا يەر تەۋرەش ئاپىتى يۈز بەرگەنلىكىگە بىر ئاي بولدى، ھايات قالغانلار قۇتقۇزۇۋېلىندى، 1 مىليون كىشى ۋاقىتلىق پاناھگاھلارغا ئورۇنلاشتۇرۇلدى، زور تىرىشچانلىق كۆرسىتىش ئارقىلىق، يۇقۇملۇق كېسەلنىڭ ئالدى ئېلىندى.

   ھازىر ئىنتايىن مۈشكۈل بىر باسقۇچ باشلاندى. ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرى سەككىز بال يەر تەۋرەشتە ۋەيران قىلىۋېتىلگەن شەھەر، بازار ۋە ئۇل مۇئەسسەسىلەرنى ئۈچ يىل ئىچىدە قايتا قۇرۇشنى ئۈمىد قىلغان بولسىمۇ، بىراق خەلقئارا مۇتەخەسسىسلەر قايتا قۇرۇشقا كېتىدىغان ۋاقىت تېخىمۇ ئۇزاق بولىدۇ، دەپ قارىدى. خەلقئارا قىزىل كرېست جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى سۇئارىز تورو: خىرىس ئىنتايىن زور، بۇنداق خىرىسقا تاقابىل تۇرۇش ئۇزاق يىل داۋاملىشىدىغان مۇرەككەپ ۋەزىپە. باشتىن ئۆتكەن كەچۈرمىشلىرىمىزنى ئېلىپ ئېيتساق، بۇنداق كەڭ كۆلەملىك يەر تەۋرەش ئاپىتى يۈز بەرگەندىن كېيىن، قايتا قۇرۇشقا بەش يىلدىن ئون يىلغىچە ۋاقىت كېتىدۇ، دېدى.
جۇڭگو بۇ يىل تاشيول، مەكتەپ، ئۆي ۋە ئالاقىلىشىش سىستېمىسىنى قايتا قۇرۇشقا 10مىليارد يۈەن ئاجرىتىدىغانلىقىنى جاكارلىدى. قايتا قۇرۇش خىزمىتىنىڭ ئەڭ گەۋدىلىكى شۇكى، يەر تەۋرەش ئاپىتىدە تەلتۆكۈس ۋەيران بولغان بېيچۇەن ناھىيىسى باشقا جايغا كۆچۈرۈلىدۇ.

   بىراق ئاپەت رايونىدىكى ئاممىنىڭ تۇرمۇشىنى قايتا ئورۇنلاشتۇرۇش يەنىلا ھەممىدىن مۈشكۈل ۋەزىپە بولۇشى مۇمكىن. يەر تەۋرەش ئاپىتىدە 69 مىڭدىن ئارتۇق كىشى قازا قىلدى، ھازىرغىچە 17مىڭدىن ئارتۇق كىشىنىڭ ئىز – دېرىكى يوق، تەخمىنەن 15 مىليون كىشى ئۆي – ماكانىدىن ئايرىلدى. ئاپەت رايونىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇش خىزمىتىدە  ۋەزىپە ئېغىر، يول يىراق. جۇڭگو ھۆكۈمىتى دەسلەپكى ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش ھەرىكەتلىرى ئارقىلىق، نۇرغۇن مەدھىيىگە ئېرىشكەن بولسىمۇ، بىراق ئاشكارا بولمىغان ئىش بېجىرىش ئۇسۇلىدىن ئەندىشە قىلىش تەدرىجىي كۈچىيىۋاتىدۇ، ئاممىمۇ جامائەت مەبلىغىنى خىيانەتچى ئەمەلدارلارنىڭ قالايمىقان ئىشلىتىپ كېتىشىدىن ئەندىشە قىلماقتا.

   مۇتەخەسسىسلەر مۇنداق دېدى: جۇڭگودا مۇكەممەل ئىجتىمائىي كاپالەتلەندۈرۈش سىستېمىسى يوق، شۇڭا ئاپەت رايونىدىكى ئاممىنىڭ نورمال تۇرمۇشىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشكە ياردەم بېرىش ئۈچۈن، قانۇنىي جەھەتتىن ياردەم بېرىش، تەربىيىلەش ۋە پسىخىك مەدەت پىلانىنى كېڭەيتىش زۆرۈر.

   ب د ت نىڭ جۇڭگودا تۇرۇشلۇق ئاپەت ئىشلىرىنى باشقۇرۇش گۇرۇپپىسىنىڭ مەسئۇلى، دوكتور ۋېي يىڭيىڭ: قايتا قۇرۇش ئىشىنى قانداق بىر تەرەپ قىلىشتەك ئىجتىمائىي مەسىلە ئۈستىدە جۇڭگو تاكى بۈگۈنگىچە ئاشكارىلىغان تەپسىلاتلار ئىنتايىن ئاز بولسىمۇ، بىراق تارىخىي پاكىتلار شۇنى ئىسپاتلىدىكى، بۇنىڭدا چوقۇم ئېھتىياتچان بولۇشقا توغرا كېلىدۇ، دېدى.

   ۋېي يىڭيىڭ مۇنداق دېدى: قايتا قۇرۇش بىلەنلا ئىش تۈگىمەيدۇ. بۇنىڭدىن كېيىنكى يەر تەۋرەش خېيىمخەتىرى ھەم ئاپەت رايونىدىكى ئاممىغا ياردەم بېرىش، نەپەقە بېرىش ۋە ئۇلار ئۇچرىغان روھىي زەربىنى نەزەردە تۇتۇش كېرەك. جۇڭگو ئۇل مۇئەسسەسە ۋە كاپالەتلەندۈرۈش سىستېمىسىنى ‹‹ياخشىلىشى›› كېرەك. سىچۇەن يەر تەۋرەش ئاپىتى يۈز بەرمەستىن ئىلگىرىلا غەربىي قىسىمدىكى خېلى نامرات، ئانچە تەرەققىي تاپمىغان 12 ئۆلكىنىڭ بىرى ئىدى، شۇڭا قايتا قۇرۇلماقچى بولغان ئىمارەتلەر ۋە مۇلازىمەتلەر ئىلگىرىكىدىن ياخشى بولۇشى كېرەك.
       ‹‹يەر شارى ۋاقىت گېزىتى››دىن  

( مۇھەررىر : لالە )

نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى

تېلېفون:Tel:0991-8521981       ئەسەر ئەۋەتىڭ         قوشۇۋېلىڭ       قوشۇۋېلىڭ