باش بەت | خەۋەر مەركىزى | گۈزەل شىنجاڭ | مەدەنىيەت | تەڭرىتاغ ئەدەبىياتى | تۇرمۇش | تەڭرىتاغ ئېكرانى | پارتىيە–ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى | بېكىتىمىز
ئۈرۈمچىدە بۈگۈن ھاۋا ئوچۇق بولۇپ، يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃32،تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃21بولىدۇ.
ئىدارە– ئورۇنلارنىڭ مەبلەغ جۇغلاپ ئۆي سېلىشىغا رۇخسەت قىلىندى
2008- 06- 24 11:05 شىنجاڭ خەلق رادىئو ئىستانسىسى خەۋەرلەر تورى

     ئىشچى–خىزمەتچىلەرنىڭ ئولتۇراق ئۆي قىيىنچىلىقىنى ھەل قىلىش، ئىشچى– خىزمەتچىلەرنىڭ ئولتۇراق ئۆي شارائىتىنى ياخشىلاش ئۈچۈن، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى يېقىندا بەلگىلىمە چىقىرىپ، ئىدارە– ئورۇنلارنىڭ مەبلەغ جۇغلاپ ئۆي سالسا بولىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

     ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى تارقاتقان ‹‹مەبلەغ جۇغلاپ ئۆي سېلىشنى باشقۇرۇشنى يەنىمۇ كۈچەيتىش ۋە قېلىپلاشتۇرۇش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇشى›› دا بۇ يىللىق مەبلەغ جۇغلاپ ئۆي سېلىشتىكى كۆلەم ئۆلچىمى توغرىسىدا بەلگىلىمە چىقىرىلدى. بۇ ئۆلچەمدە— ئادەتتىكى كادىر، ئىشچى- خىزمەتچىلەرنىڭ 75 كۋادرات مېتىر، بۆلۈمچە دەرىجىلىك كادىرلارنىڭ 85 كۋادرات مېتىر، ناھىيە- باشقارما دەرىجىلىك كادىرلارنىڭ 100 كۋادىرات مېتىر، ۋىلايەت دەرىجىلىك كادىرلارنىڭ 130 كۋادىرات مېتىر قىلىپ بېكىتىلدى.

     ئالاقىدار بەلگىلىمىلەرگە ئاساسەن، مەبلەغ جۇغلاپ ئۆي سېلىش ئارقىلىق سېلىنغان ئولتۇراق ئۆيلەر قۇرۇلۇش تەننەرخ باھاسى بويىچە سېتىپ بېرىلىدۇ ھەمدە ئولتۇراق ئۆي قىيىنچىلىقى بار ئائىلىلەرنىڭ ئەھۋالىغا ئاساسەن، ئۆيى يوقلار، خەتەرلىك ئۆيلەردە ئولتۇرىۋاتقانلار ۋە ئولتۇراق ئۆي قىيىنچىلىقى بارلارنىڭ ئىھتىياجى ئالدىن قاندۇرۇلىدۇ. ئولتۇراق ئۆي ئىسلاھاتىدا ئېتىبار باھالىق ئۆي سېتىۋالغانلارنىڭ ئولتۇراق ئۆي كۆلىمى ئۆلچەمگە يەتكەن ياكى مەبلەغ جۇغلاپ ئۆي سېلىشقا قاتنىشىپ،  قىيىنچىلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆيى قۇرۇلۇشىدىن بەھرىمەن بولغان ئىشچى– خىزمەتچىلەر مەبلەغ جۇغلاپ ئۆي سېلىشقا قاتناشسا بولمايدۇ. 
 

 

 

( مۇھەررىر : ئامانگۈل )

نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى

تېلېفون:Tel:0991-8521981       ئەسەر ئەۋەتىڭ         قوشۇۋېلىڭ       قوشۇۋېلىڭ