باش بەت | خەۋەر مەركىزى | گۈزەل شىنجاڭ | مەدەنىيەت | تەڭرىتاغ ئەدەبىياتى | تۇرمۇش | تەڭرىتاغ ئېكرانى | پارتىيە–ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى | بېكىتىمىز
ئۈرۈمچىدە بۈگۈن ھاۋا ئوچۇق بولۇپ، يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃32،تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃21بولىدۇ.
ھەر مىللەت خەلقنىڭ كۈچىنى ئۇيۇشتۇرۇپ، يېڭى شانلىق سەھىپە ئاچايلى
2008- 06- 23 10:22 شىنجاڭ گېزىتى

 شىنجاڭنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى،ھەر مىللەت خەلقنىڭ ئورتاق گۈللىنىپ ئالغا باسقانلىقى توغرىسىدا ئومۇمىي بايان

    بۇنىڭدىن 100 يىل ئىلگىرى شۋېتسىيىلىك سۋېن ھېدىن ئاسىيانىڭ مەركىزىگە چوڭقۇرلاپ كىرىپ، كىشىلەرگە شىنجاڭنىڭ ‹‹يىپەك يولى›› دىكى مۇھىم قورغان بولۇشىدىكى سىرىنى ئېچىپ بەرگەن ئىدى؛
100 يىلدىن كېيىن ئامېرىكىنىڭ سابىق زۇڭتۇڭى كلىنتون شىنجاڭدا نۇتۇق سۆزلىگەندە: ‹‹<يىپەك يولى>نىڭ تەرەققىياتى 21 – ئەسىردىكى تەرەققىياتتا ئىنتايىن مۇھىم›› دېدى.

    جۇڭگونىڭ ئالتىدىن بىر قىسىم زېمىنىنى ئىگىلەيدىغان شىنجاڭ پارتىيىنىڭ مىللىي سىياسىتىنىڭ يېتەكچىلىكىدە، جۇڭگوچە مىللىي تېررىتورىيىلىك ئاپتونومىيە تۈزۈمىدە چىڭ تۇرۇپ ۋە ئۇنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، مەملىكىتىمىزدىكى قېرىنداش ئۆلكە، ئاپتونوم  رايون، شەھەرلەر بىلەن بىللە ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنىڭ باھار شامىلىدا بېكىنمىلىكتىن ئېچىۋېتىشكە، قالاقلىقتىن ئالغا ئىلگىرىلەشكە، نامراتلىقتىن بېيىشقا يۈزلەندى، گويا خەن، تاڭ سۇلالىلىرى دەۋردىكى ‹‹غەربىي يۇرتلۇق سودىگەرلەرنىڭ كۈندە دېگۈدەك ئوتتۇرا تۈزلەڭلىككە بېرىپ تۇرۇشى››دەك قايناق مەنزىرە قايتا نامايان بولۇپ قالماستىن، ئىش ئوڭ، ئەل ئىناق، جەمئىيەت مۇقىم بولۇپ، ھەر مىللەت خەلق ئورتاق گۈللىنىپ، تەرەققىي قىلدى.  ھازىر ئۇلارنىڭ تارىختا ئەزەلدىن كۆرۈلۈپ باقمىغان ھاياتىي كۈچى ۋە سېھرىي كۈچى ئۇرغۇپ تاشماقتا.

ئىقتىسادىي قۇرۇلۇشتا مىسلى كۆرۈلمىگەن غايەت زور نەتىجىلەر قولغا كەلتۈرۈلدى

    يەر ئاستىدىكى مول بايلىق تەڭرىنىڭ دېڭىز – ئوكياندىن يىراق بولغان شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقىگە قىلغان سوۋغىسى.

    بۇ يەر ئاستى بايلىقلىرىنى قانداق قىلغاندا ئەمەلىي ئىشلەپچىقىرىش كۈچىگە ئايلاندۇرۇپ، ھەر مىللەت ئاممىسىغا تېخىمۇ ياخشى بەخت ياراتقىلى بولىدۇ؟ ئاز سانلىق مىللەت رايونلىرىنىڭ گۈللىنىشى، تەرەققىي قىلىشىغا تۈرتكە بولۇش ئۈچۈن، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەن ئېگىزدە تۇرۇپ يىراققا نەزەر سېلىپ، شىنجاڭنىڭ بايلىقنى ئېچىش، بايلىقتىن پايدىلىنىشىنى زور كۈچ بىلەن قوللاپ، بۇ خىل ئايلاندۇرۇشنى ئىمكانىيەتكە ئىگە قىلدى.

    ئازادلىقتىن ئىلگىرى، شىنجاڭنىڭ زامانىۋى سانائىتى بىر پارچە بوشلۇق ئىدى، بىرەر كىلومېتىر تۆمۈر يول، تۈزۈكرەك بىرەر زاۋۇت، كانمۇ يوق ئىدى. ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش يولغا قويۇلغاندىن بۇيان، ‹‹بىر قارا، بىر ئاق›› مۇھىم نۇقتا قىلىنغان بايلىق ئۈستۈنلۈكىنى قىممەتكە ئايلاندۇرۇش ئىستراتېگىيىسىنىڭ يولغا قويۇلۇشى ۋە يېڭىچە سانائەتلىشىشنىڭ تېزلىشىشىگە ئەگىشىپ، شىنجاڭ ئەنئەنىۋى يېزا ئىگىلىك چوڭ رايونىدىن زامانىۋى سانائەت چوڭ رايونىغا ئۆتۈشتەك تارىخىي ھالقىشنى ئىشقا ئاشۇرماقتا.

    2007 – يىلى شىنجاڭدىن ئېلىنغان نېفىت، تەبىئىي گاز 44 مىليون 940 مىڭ توننىغا يېتىپ، داچىڭ نېفىتلىكىدىن ئېشىپ، مەملىكەت بويىچە 1 – ئورۇندا تۇردى. غەربنىڭ گازىنى شەرققە يەتكۈزۈشتە لىنىيە  تۇتاشتۇرۇلدى، جۇڭگو – قازاقىستان نېفىت تۇرۇبىسى پۈتتى، مەملىكەت بويىچە ئەڭ زور نېفىت ئايرىش بىلەن نېفىت خىمىيىنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈش تۈرى تېز قۇرۇلماقتا، شىنجاڭنىڭ مەملىكەت بويىچە مۇھىم ئىستراتېگىيىلىك ئېنېرگىيە بازىسى بولۇش ئورنىغا يەنىمۇ ئاساس سېلىندى.

    2007 – يىلى شىنجاڭنىڭ سانائەت قوشۇلما قىممىتى 137 مىليارد 800 مىليون يۈەنگە يېتىپ، 1978 – يىلىدىكىدىن 15.9 ھەسسە ئاشتى. نېفىت، نېفىت خىمىيە كەسپى شىنجاڭنىڭ خەلق ئىگىلىكى قۇرۇلمىسىدا ‹‹ئېغىر ۋەزىپىلەرنى ئۈستىگە ئېلىپ››، تۆھپە نىسبىتى% 75 تىن ئاشتى.

    تەكلىماكان قۇملۇقىنىڭ جەنۇبىي گىرۋىكىگە جايلاشقان خوتەن شەھىرىدىكى تۇرسۇنگۈل 2007 – يىل 25 – ئاۋغۇست ماڭا مۇنداق بىر ھېسابات قىلىپ بەردى: 2003 – يىلى ئائىلىمىز كۆمۈر، ئوتۇن ئۈچۈنلا 2300 يۈەن ئەتراپىدا چىقىم قىلغان ئىدۇق؛ ھازىر ھەر كۇب مېتىرىنىڭ باھاسى 0.88 يۈەن بولغان تەبىئىي گاز ئىشلىتىۋاتىمىز، ئايلىق تەبىئي گاز ئىشلىتىش چىقىمىمىز 20 يۈەنگىمۇ يەتمەيدۇ، بۇنداق ھېسابلىغاندا، بىر يىلدا 240 يۈەنمۇ كەتمەيدۇ. نېفىت، تەبىئىي گاز كەسپىنىڭ تەرەققىي قىلىپ، زورىيىشى بىلەن تۇرسۇنگۈلنىڭ ئائىلە كىرىمى ئېشىپ، تۇرمۇش تەننەرخى تۆۋەنلىدى.

    نېفىت، تەبىئىي گاز كەسپىنىڭ تەرەققىياتى يەرلىكتىكىلەرنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشىغا تۈرتكە بولدى، ھازىر شىنجاڭدا نېفىت، نېفىت خىمىيە كارخانىلىرىدىكى ئىشچى – خىزمەتچىلەرنىڭ سانى ئاپتونوم رايون بويىچە سانائەت كارخانىلىرى ئىشچى – خىزمەتچىلىرى ئومۇمىي سانىنىڭ تەخمىنەن %15 ىنى ئىگىلەيدۇ.

    نېفىت، تەبىئي گاز چارلاش، ئېچىش سېلىنمىسىنىڭ تەخمىنەن ئۈچتىن بىر قىسمىنى يەرلىكتىكى ئالاقىدار ساھەلەر قوبۇل قىلىپ ھەزىم قىلدى، بۇ يەرلىكنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتىغا كۈچلۈك تۈرتكە بولدى.
ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنىڭ دەسلىپىدە تېخى خىلۋەت، كىچىك بازا ھېسابلىنىدىغان كورلا تارىم نېفىتلىكىنىڭ ئېچىلىشىغا ئەگىشىپ، ناھايىتى تېزلا باياشاتلىق، زامانىۋىلىققا يۈزلىنىپ، ‹‹كىچىك شاڭخەي›› گە ئايلاندى. كورلىغا ئوخشاش قاراماي، مايتاغ، كۇچا، پوسكام... قاتارلىق نېفىت يېڭى شەھەرلىرى تەڭرىتاغنىڭ جەنۇبى ۋە شىمالىغا چېچىلغان مەرۋايىتتەك كۆزنى قاماشتۇرماقتا.

    قىسقىغىنا ئون نەچچە يىلدا شىنجاڭ ‹‹بىر قارا›› ئىستراتېگىيىسىنى يولغا قويۇشتىن ھەر خىل قېزىلما بايلىقلارنى ئېچىشتا ھەممە گۈللەر تەكشى ئېچىلىشتەك تارىخىي مۇساپىنى باشتىن كەچۈردى. ھازىر مىڭ يىلدىن بۇيان ئۇيقۇدا ياتقان لوپنۇر كۆلىدە گۈلدۈرلىگەن ماشىنىلار ئاۋازى ئاڭلانماقتا، شەرقىي جۇڭغار، ئىلى، قۇمۇل، كۇچا – باي قاتارلىق كۆمۈر بازىلىرى قۇرۇلۇشى جىددىي ئىشلەنمەكتە، شىنجاڭ ئېلىمىزنىڭ كۆمۈر  ئېلېكتر، نېفىت خىمىيە بازىسى ۋە رەڭلىك مېتال قاتارلىق مۇھىم ئىستراتېگىيىلىك بايلىق ئىزباسما رايونى بولۇش نىشانىغا قاراپ پۈتۈن كۈچى بىلەن ئاتلانماقتا، شىنجاڭنىڭ ئاساسلىق بايلىقلىرىنىڭ دۆلەت ئىقتىسادىنىڭ تىرىكى بولۇش رولى كۈنسايىن گەۋدىلەنمەكتە.

    مول سۇ، تۇپراق، يورۇقلۇق، ئىسسىقلىق بايلىقىغا تايىنىپ شىنجاڭنىڭ ئاشلىق، پاختا، چارۋىچىلىق، باغۋەنچىلىكتىن ئىبارەت تۆت  خاس يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى بازىسى قۇرۇلۇشى بىرلىكتە ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە:
پاختا مۇھىم نۇقتا قىلىنغان خاس ئىقتىسادىي زىرائەت كۆلىمى تېرىقچىلىق ئومۇمىي كۆلىمىنىڭ يېرىمدىن ئارتۇقراقىنى ئىگىلىدى، شىنجاڭ مەملىكەت بويىچە ئەڭ چوڭ ئەلا سۈپەتلىك پاختا ئىشلەپچىقىرىش بازىسى بولۇپ قالدى.

    چىلان، ئۆرۈك، نەشپۈت، ئانار... تارىم ئويمانلىقى ئەتراپىنى نۇقتا قىلغان شىنجاڭ پۈتۈن مەملىكەت، دۇنياغا ئەڭ زور، ئەڭ شېرىن مېۋە – چېۋە تەخسىسىنى سۇندى، باغۋەنچىلىك پاختىدىن قالسا دېھقانلارنىڭ يەنە بىر مۇھىم كىرىمنى ئاشۇرۇش مەنبەسى بولۇپ قالدى.

    ئاپتونوم رايوننىڭ سابىق رەئىسى ئىسمائىل تىلىۋالدى ئۆز كەچۈرمىشىنى كۆپ قېتىم ئەسلەپ مۇنداق دېگەن: ‹‹بۇنىڭدىن 30 نەچچە يىل ئىلگىرى، قەشقەردىن ئۈرۈمچىگە ئالىي مەكتەپتە ئوقۇشقا كېلىش ئۈچۈن ئاپتوبۇستا يەتتە كېچە – كۈندۈز يول يۈرەتتۇق. ھازىر ئايروپىلاندا بىر يېرىم سائەتتىلا كېلەلەيمىز، پويىزغا ئولتۇرساقمۇ بىر كېچە – كۈندۈزلا كېتىدۇ. ››، شۇنداق، ھازىر تاشيول، تۆمۈر يول، خەلق ئاۋىئاتسىيىسى شىنجاڭنىڭ ھەممە تەرەپكە تۇتىشىدىغان ستېرېئولۇق قاتناش تورىنى شەكىللەندۈردى، شىنجاڭنىڭ دۇنيا بىلەن بولغان ئارىلىقى بارغانسېرى يېقىنلاشماقتا. 

    نۆۋەتتە، شىنجاڭ تۆمۈر يولىنىڭ غول لىنىيىدە توشۇش مۇساپىسى 3010 كىلومېتىرغا يەتتى، تاشيول مۇساپىسى 143 مىڭ كىلومېتىردىن ئاشتى؛ دۆلىتىمىزدىكى ئاۋىئاتسىيە بېكىتى ئەڭ كۆپ، ئاۋىئاتسىيە لىنىيىسى ئەڭ ئۇزۇن بولغان شىنجاڭنىڭ ئاۋىئاتسىيە ترانسپورت تورى دۆلىتىمىز ئىچى – سىرتىدىكى 65 چوڭ، ئوتتۇرا شەھەر ۋە ئاپتونوم رايونىمىزدىكى 12 ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەر بىلەن تۇتىشىدۇ.

    ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش يولغا قويۇلغاندىن تارتىپ 2007 – يىلىغىچە، شىنجاڭ پۈتكۈل جەمئىيەتنىڭ تۇراقلىق مۈلۈككە جەمئىي 1 تىرىليون 262 مىليارد 470 مىليون يۈەن مەبلەغ سالدى، بۇ ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشتىن ئىلگىرىكى 29 يىلدىكىنىڭ 109.1 ھەسسىسىگە توغرا كېلىدۇ، بۇنىڭ ئىچىدە دۆلەت سالغان مەبلەغ % 44.4 نى ئىگىلەيدۇ.

    2004 – يىلى ئومۇمىي لىنىيە بويىچە تۇتاشتۇرۇلۇپ تىجارەت باشلىغان غەربنىڭ گازىنى شەرققە يۆتكەش قۇرۇلۇشى شەرقىي، غەربىي قىسىمدىكى جايلار ۋە لىنىيە بويىدىكى جايلارنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولىدىغان يېڭى ماتور بولۇپ قالدى، تارىم دەرياسى ۋادىسىنى ئۇنىۋېرسال تۈزەش ئۈنۈمگە ئېرىشتى. سۇچىلىق، ئېنېرگىيە، قاتناش، ئۇچۇر ۋە نېفىت خىمىيە سانائىتىگەچېتىشلىق   بىر تۈركۈم نۇقتىلىق قۇرۇلۇشلار كەينى – كەينىدىن قۇرۇلۇپ، شىنجاڭنى كەڭ كۆلەمدە ئېچىش، كەڭ كۆلەمدە راۋاجلاندۇرۇشقا كۈچلۈك مەدەت بولدى، پۇقرالارغا كۆرۈنەرلىك پايدا ئېلىپ كەلدى.

    ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش يولغا قويۇلغاندىن بويان، شىنجاڭ دۇنيانى ئېچىۋېتىلگەن نەزەر بىلەن قارشى ئېلىپ، سىرتقى ئىقتىسادنى پائال راۋاجلاندۇردى. قورغاستىن ئالاتاۋ ئېغىزىغىچە، خونچىراپتىن تۆمۈرتامغىچە بولغان چېگرا ئېغىزلىرىدا ئوخشىمىغان دۆلەت، ئوخشىمىغان ئىرق، ئوخشىمىغان تىلدىكى سودىگەرلەرنىڭ ئايىغى ئۈزۈلمىدى، چېگرا رايوننىڭ سودىسى جۇش ئۇرۇپ راۋاجلاندى.

    شىنجاڭدىكى 29 پورت دۆلىتىمىزنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە ئەتراپتىكى رايونلارغا بىۋاسىتە يۈزلىنىشىدىكى سودا يولى ھېسابلىنىدۇ. شىنجاڭنىڭ بۇلتۇرقى تاشقى سودا ئىمپورت – ئېكسپورت ئومۇمىي سوممىسى 13 مىليارد 716 مىليون دوللارغا يېتىپ، 1978 – يىلىدىكىدىن 595 ھەسسە ئېشىپ، غەربىي شىمال بويىچە 1 – ، مەملىكەت بويىچە 15 – ئورۇننى ئىگىلىدى.

    ئۈرۈمچى خەلقئارا سودا مەركىزىنىڭ قۇرۇلۇشى تېزلىتىلدى، جۇڭگو – قازاقىستان  ھەمكارلىشىپ قۇرغان قورغاس خەلقئارا چېگرا سودىسى ھەمكارلىق مەركىزىنىڭ قۇرۇلۇشى رەسمىي باشلاندى، بۇنىڭ بىلەن شىنجاڭ جۇڭگونىڭ غەربكە ئېچىۋەتكەن باش ئىستىھكامىغا ئايلاندى. ئۇدا 16 يىل ئۆتكۈزۈلگەن ئۈرۈمچى سودا يەرمەنكىسى جۇڭگونىڭ غەربىي رايونى ۋە ئەتراپتىكى دۆلەتلەردە ناھايىتى زور تەسىرچانلىققا ئىگە كاتتا سودا يەرمەنكىسى بولۇپ قالدى. دۇنيادىكى 500 كۈچلۈك كارخانا ئارىسىدىكى كوكا كولا، كورىيەنىڭSK ، ياپونىيىنىڭ ‹‹سېكىسۇئى››، دانىيەنىڭ  ‹‹كالىسبېرىگ›› قاتارلىق كارخانىلىرى شىنجاڭغا كىردى، شىنجاڭنىڭ ئېچىۋېتىش سەۋىيىسى ئۈزلۈكسىز ئاشتى.

    ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش يولغا قويۇلغان 30 يىل مابەينىدە، شىنجاڭنىڭ خەلق ئىگىلىكى يىلدا ئوتتۇرا ھېساب بىلەن% 10.3 لىك  ئېشىش سۈرئىتى بىلەن راۋاجلاندى، 2007 – يىلى ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى 349 مىليارد 442 مىليون يۈەنگە يېتىپ، 1978 – يىلىدىكىدىن 16.4 ھەسسە ئاشتى، كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغانGDP   كۆرسەتكۈچى 16 مىڭ 860 يۈەنگە يېتىپ، خەلقنىڭ تۇرمۇشىدىكى قورساق توق، كىيىم پۈتۈن بولۇشتىن ھاللىقلىققا يۈزلىنىشتەك تارىخىي ئۆزگىرىش ئومۇمىي جەھەتتىن ئىشقا ئاشتى.

مىللىي تېررىتورىيىلىك ئاپتونومىيە تۈزۈمىنىڭ مەزمۇنى تېخىمۇ بېيىدى

    جۇڭگونىڭ نەچچە مىڭ يىللىق تارىخىغا نەزەر سالىدىغان بولساق، يېڭى جۇڭگودىكى مىللىي تېررىتورىيىلىك ئاپتونومىيە تۈزۈمى ۋە مىللىي سىياسەتنىڭ ئەڭ ياخشى ئىكەنلىكىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ. دۇنيادىكى باشقا دۆلەتلەر بىلەن سېلىشتۇرغاندا، بىزنىڭ مىللىي تېررىتورىيىلىك ئاپتونومىيە تۈزۈمىمىز ۋە مىللىي سىياسىتىمىز ئەڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك.

     ئاپتونومىيە ئورگانلىرى ئاپتونومىيە ھوقۇقىنى تولۇق يۈرگۈزدى. ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى ئاساسىي قانۇن ۋە مىللىي تېررىتورىيىلىك ئاپتونومىيە قانۇنى ئاتا قىلغان ھوقۇقىغا ئاساسەن، شىنجاڭنىڭ ئالاھىدىلىكى ۋە ئېھتىياجىغا ئاساسەن مۇسۇلمانچە يېمەكلىكلەرنى باشقۇرۇش نىزامنامىسى، كارىزنى قوغداش نىزامنامىسى، نوپۇس ۋە پىلانلىق تۇغۇت نىزامنامىسى قاتارلىق يەرلىك نىزامدىن 165 نى، قانۇن كۈچىگە ئىگە قارار ۋە بەلگىلىمىلەردىن 101 نى تۈزۈپ ۋە ماقۇللاپ، ئاپتونومىيىلىك جايلارنىڭ سىياسىي، ئىقتىسادىي، مەدەنىيىتى جەھەتلەردىكى ئاپتونومىيە ھوقۇقىنى قوغداشنى مۇھىم قانۇنىي كاپالەتكە ئىگە قىلىندى.

     ئاز سانلىق مىللەت كادىرلىرى ئىشلىتىلدى. سەيپىدىن ئەزىزى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ بىرىنچى نۆۋەتلىك رەئىسى بولۇپ سايلانغاندىن باشلاپ شىنجاڭدىكى مىللىي ئاپتونومىيىلىك جايلاردىكى ھۆكۈمەتنىڭ ئاساسلىق رەھبەرلىكىنى ئاساسەن ئاپتونومىيىنى يولغا قويغان مىللەتلەرنىڭ پۇقرالىرى ئۈستىگە ئالدى، ئاز سانلىق مىللەتلەر ھەر دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتايلىرىدا تولۇق ۋەكىللىك ھوقۇقىغا ئىگە بولدى. ھازىر ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ئاز سانلىق مىللەت كادىرى 348 مىڭغا يېتىپ، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى كادىرلار ئومۇمىي سانىنىڭ يېرىمىدىن كۆپرەكىنى ئىگىلىدى، بۇ ئازادلىقنىڭ دەسلەپكى مەزگىللىرىدىكى ئاز سانلىق مىللەت كادىرلىرى ئومۇمىي سانىنىڭ 110 ھەسسىسىدىن كۆپرەكىگە توغرا كېلىدۇ. ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ دۆلەتنىڭ چوڭ ئىشلىرى ۋە يەرلىك ئىشلارغا قاتنىشىش ۋە باشقۇرۇش ھوقۇقى كۈچلۈك كاپالەتكە ئىگە قىلىندى.
 ئاز سانلىق مىللەت كادىرلىرىنى تەربىيىلەش كۈچەيتىلدى. ئىسلاھات – ئېچىۋېتىش يولغا قويۇلغاندىن بۇيان، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم ئاز سانلىق مىللەت كادىرلىرىنى تەربىيىلەش پىلانى ۋە باسقۇچلۇق نىشاننى بېكىتىپ، پارتىيە مەكتىپى ۋە كادىرلار مەكتىپىدە تەربىيىلەش، ئاپتونوم رايوننىڭ ئىچى – سىرتىدا ۋەزىپە بىلەن چېنىقىشقا ئەۋەتىش، باشقا جايلار بىلەن ئالماشتۇرۇش قاتارلىق يوللار بىلەن كادىرلارنىڭ ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش ئىقتىدارىنى كۈچەيتتى. 1999 – يىلىدىن باشلاپ جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئىككى ۋىلايەت، بىر ئوبلاست شۇنىڭدەك بىر قىسىم چەت –  يىراق جايلاردىكى ئاز سانلىق مىللەتلەر توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان يېزا  – بازارلاردا خىزمەت قىلىدىغان، يېشى 40 تىن تۆۋەن 8000 مىللىي ۋە خەنزۇ كادىرنى تۈركۈمگە بۆلۈپ،  ئىككى يىل خىزمەتتىن ئايرىپ تەربىيىلىدى ۋە ۋەزىپە بىلەن چېنىقىشقا ئەۋەتتى. ھازىر ئاز سانلىق مىللەت كادىرلىرى شىنجاڭنىڭ ئىسلاھات – ئېچىۋېتىش ۋە زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىدىكى غول كۈچلەرگە ئايلاندى.

     پارتىيىنىڭ دىن سىياسىتى كىشىلەر قەلبىگە يەنىمۇ چوڭقۇر ئورنىدى. شىنجاڭدا ھەر مىللەت ئاممىنىڭ دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكى بار. ھېچكىم دىنغا ئېتىقاد قىلغانلىقى سەۋەبىدىن كەمسىتىش ۋە بىئادىل مۇئامىلىگە ئۇچرىمايدۇ. ھازىر شىنجاڭنىڭ دىنىي ساھەسىدىكى 1800 دىن ئارتۇق زات ھەر دەرىجىلىك خەلق ۋەكىللەر قۇرۇلتىيى، سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشىدە ۋەزىپە ئۆتەۋاتىدۇ. ئۇلار ھاكىمىيەت ئىشلىرىغا پائال قاتنىشىپ، ھاكىمىيەت ئىشلىرىنى مۇھاكىمە قىلىپ، ھۆكۈمەتنىڭ دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكى سىياسىتىنى ئىزچىللاشتۇرۇشنى نازارەت قىلىدۇ.

ئىجتىمائىي ئىشلار مۇقىم تەرەققىي قىلدى، ھەر مىللەت ئامما تېخىمۇ كۆپ نەپتىن بەھرىمەن بولدى 

    پارتىيىنىڭ رەھبەرلىكىدە، شىنجاڭ مىللىي تېررىتورىيىلىك ئاپتونومىيە تۈزۈمىنىڭ ئەۋزەللىكىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، ھەر مىللەت خەلقنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق – مەنپەئىتىگە كاپالەتلىك قىلىپ، ئىقتىسادنىڭ راۋاجلىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش بىلەن بىر ۋاقىتتا، جەمئىيەتنىڭ ئىلگىرىلىشىگە تۈرتكە بولدى. ھازىر شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلق پارتىيىنىڭ مىللەتلەر سىياسىتىنىڭ پارلاق نۇرى ئاستىدا، ئىسلاھات ئېلىپ بېرىش – ئىشىكنى ئېچىۋېتىشنىڭ نەتىجىلىرىدىن ئەڭ كۆپ بەھرىمەن بولىدىغان دەۋرگە قەدەم قويدى.

    شەھەر – يېزىلارنىڭ يەر تەۋرەشكە چىداملىق ئۆي قۇرۇلۇشى، ئاپتونوم رايونىمىز يېزىلىرىدىكى 2 مىليون 390 مىڭ ھەر مىللەت ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىغا چېتىلىدىغان ھەقسىز مەجبۇرىيەت مائارىپىدىن تارتىپ ‹‹چېگرا رايوننى گۈللەندۈرۈپ، خەلقنى بېيىتىش ھەرىكىتى›› پىلانىغىچە، مەركەز ۋە ئاپتونوم رايون مىللىي رايونلارنىڭ تەرەققىياتىنى تېزلىتىش ئۈچۈن يولغا قويغان بىر قاتار خەلقنى ئاساس قىلغان قۇرۇلۇشلار شىنجاڭدا مىللەتلەرنىڭ ئىتتىپاق بولۇشى ھەم جەمئىيەتنىڭ مۇقىم بولۇشىنى ئىلگىرى سۈردى.

    مەكىت ناھىيىسىدىن كەلگەن دولان مۇقامچىلىرى 21 – ئاپرېل 13 – نۆۋەتلىكCCTV  ياش ناخشىچىلارنىڭ تېلېۋىزوردا ماھارەت كۆرسىتىش مۇسابىقىسىدە قەدىمىي ئەلنەغمە تۈرىدە كۈمۈش مۇكاپاتقا ئېرىشتى. ناخشىچىلارنىڭ كۆپىنچىسى دېھقان بولۇپ، ئۇلار ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ سەنئەت خەزىنىسىدىكى ئەڭ يارقىن نۇقتىنى قايناق ھېسسىياتى بىلەن ئورۇنلىدى. بۇ شىنجاڭنىڭ ئاز سانلىق مىللەت مەدەنىيەت ئىشلىرىنى زور كۈچ بىلەن تەرەققىي قىلدۇرۇشتا قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىلىرىنىڭ بىرى. ئازادلىقتىن بۇرۇن يوقىلىش گىردابىغا بېرىپ قالغان جۇڭگو شىنجاڭنىڭ مۇقام سەنئىتى نەچچە ئەۋلاد كىشىلەرنىڭ تىرىشچانلىقى بىلەن 2005 – يىل ب د ت تەرىپىدىن ئىنسانلارنىڭ ئاغزاكى ۋە غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرىدىكى ۋەكىللىك ئەسەرلەر قاتارىغا كىرگۈزۈلدى. ئون ئىككى مۇقام دۇنيا سەھنىسىدە ئورۇندالدى، ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ مەدەنىيەت – سەنئەت گۆھىرى ئەزەلدىن ھازىرقىدەك ھەممىنىڭ دىققىتىنى قوزغىمىغانىدى.

    ئازادلىقتىن كېيىن، پارتىيە ۋە ھۆكۈمەت مەدەنىيەت ئىشلىرىغا مالىيىدىن مەبلەغ ئاجرىتىش سىياسىتىدە ئىزچىل چىڭ تۇردى. غەربىي رايوننى كەڭ ئېچىۋەتكەندىن بۇيان، ئاپتونوم رايونىمىزغا 2 مىليارد 484 مىليون يۈەن مەخسۇس خىراجەت ئاجرىتىپ، ئاپتونوم رايونىمىزدا ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىگە ۋارىسلىق قىلىش، قوغداش ۋە ئۇنى يەنىمۇ ئەۋج ئالدۇرۇشقا كاپالەتلىك قىلدى.

    شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، شىنجاڭدا پەن – تېخنىكا، مائارىپ، سەھىيە، تەنھەرىكەت، رادىئو – تېلېۋىزىيە قاتارلىق تۈرلۈك ئىجتىمائىي ئىشلار جۇش ئۇرۇپ راۋاجلاندى.

     بالىلار مەكتەپتە، ياخشى مەكتەپلەردە ئوقۇيالايدىغان بولدى. 18 ياشلىق قازاق قىز رېسجان يۇرتىغا تۆت مىڭ كىلومېتىر كېلىدىغان خاڭجۇدا تولۇق ئوتتۇرىنى پۈتكۈزدى، ئۇ بۇ يىل ئالىي مەكتەپكە ئىمتىھان بېرىشنىڭ ئالدىدا، ئۇنىڭ كۆكتوقايدىكى 86 ياشلىق چوڭ دادىسى ئاباقاي مەمنۇن بولۇپ: ‹‹مەن ھازىرغىچە تاغ ئارىسىدىن چىقىپ باقمىدىم، پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتنىڭ نەۋرەمنى مۇشۇنداق ياخشى ئوقۇش پۇرسىتىگە ئېرىشتۈرگىنىگە چىن كۆڭلۈمدىن رەھمەت ئېيتىمەن›› دېدى.

    2000  – يىلدىن باشلاپ، رېسجانغا ئوخشاش چەت – ياقا رايوندىكى ئاز سانلىق مىللەت ئوقۇغۇچىلىرى ئىچكىرىدىكى تەرەققىي قىلغان 28 ئۆلكىدە ئېچىلغان شىنجاڭ تولۇق ئوتتۇرا سىنىپلىرىدا ئوقۇيدىغان بولدى، ئۇلارغا ئوخشاش سۈپەتلىك ئوقۇتۇش شارائىتىغا ئېرىشكەنلەر ھازىر 18 مىڭ 600 گە يەتتى.

    ئاباقايغا ئوخشاش كونا جەمئىيەتنى باشتىن كەچۈرگەنلەر بۇنى ئويلاپمۇ باقمىغانىدى. 1949 – يىل شىنجاڭدا ئاران بىر ئالىي مەكتەپ بولۇپ، %90 كىشى ساۋاتسىز ئىدى. ھالبۇكى 2007 – يىلغا قەدەر، شىنجاڭدىكى ھەر خىل مەكتەپلەردە ئوقۇۋاتقان ئوقۇغۇچىلارنىڭ سانى 4 مىليون 444 مىڭغا يەتتى، بۇنىڭ ئىچىدە ئاز سانلىق مىللەت ئوقۇغۇچىلىرى% 60 نى ئىگىلىدى، ئاپتونوم رايون بويىچە 92 ناھىيە، شەھەر، رايون توققۇز يىللىق مەجبۇرىيەت مائارىپىنى ئومۇملاشتۇرۇپ، ياشلار – قىرانلاردا ساۋاتسىزلىقنى ئاساسىي جەھەتتىن تۈگەتتى.

    شىنجاڭ ئاز سانلىق مىللەتلەر مائارىپىنى ئالدىن راۋاجلاندۇرۇشتا چىڭ تۇردى، مەملىكەت بويىچە ئالدى بىلەن يولغا قويۇلغان ‹‹ئىككى كەچۈرۈم، بىر ياردەم›› سىياسىتىدە 2 مىليون 390 مىڭ ئوقۇغۇچى نەپكە ئېرىشتى، ياردەمگە ئېرىشكەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ% 70 كە يېقىنى ئازسانلىق مىللەت ئوقۇغۇچىسى.

    بالىلاردىن باشلاپ تۇتۇلغان ‹‹ قوش تىل ›› مائارىپى شەھەرلەردىن يېزا – بازارلارغا تارقالدى، ئوتتۇرا مەكتەپتە سىنىپ ئېچىشتىن ئوقۇش يېشىغا توشمىغانلار باسقۇچىدا سىنىپ ئېچىشقا قاراپ يۆتكەلدى. ئازسانلىق مىللەتلەردىن بولغان ئائىلە باشلىقلىرىنىڭ پەرزەنتلىرىگە كىچىكىدىن باشلاپ خەنزۇچە ئۆگىتىشى ئادەتكە ئايلاندى، نۇرغۇن ئائىلە باشلىقى خەنزۇچە بىلەن مىللىيچىغا تەڭ ئېتىبار بېرىشنىڭ بالىلارنى ياراملىق قىلىشتىكى يول ئىكەنلىكىنى ئاڭلىق تونۇپ يەتتى. 

    كىشىلەرنىڭ كېسەل كۆرسىتىشىگە ئىقتىسادى يار بېرىدىغان بولدى. شەھەرلىكلەر كېسەل كۆرسىتىشتە كاپالەتكە ئىگە بولدى. 2003 – يىلى يولغا قويۇلغان دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق رايونلىرىدا يېڭىچە ھەمكارلىشىپ داۋالىنىشنى نۇقتىدا سىناق قىلىش خىزمىتى دېھقان، چارۋىچىلارنىمۇ شەھەرلىكلەرگە ئوخشاشلا كېسەل بولغاندا داۋالىنالايدىغان ئىمكانىيەتكە ئىگە قىلدى ھەم دۆلەتنىڭ ياردەم پۇلىدىن بەھرىمەن قىلدى. بۇ يىل ھەمكارلىشىپ داۋالىنىشقا قاتناشقان دېھقان، چارۋىچىلارنىڭ يىللىق توپلىغان مەبلىغى بۇلتۇرقىدىن  بىر قاتلاندى. 49 يوقسۇللار دوختۇرخانىسىنىڭ قۇرۇلۇشى ئاپتونوم رايوندىكى ئالاھىدە قىيىنچىلىقى بارلارنىڭ كېسەل كۆرسىتىش تەلىپىنى قاندۇردى. ئىشسىزلىق، ئىشتا يارىلىنىش، كۈتۈنۈش، داۋالىنىش، تۇغۇت، يېزىلاردىكى تۆۋەن كاپالەت قاتارلىق ھەرخىل ئىجتىمائىي كاپالەت تەدبىرلىرىنىڭ قاپلىنىش دائىرىسى ئۈزلۈكسىز كېڭىيىپ، شەھەر – يېزىلارنى قاپلىغان، بارلىق ئاممىغا نەپ يەتكۈزىدىغان چوڭ تور شەكىللەنمەكتە.

    شىنجاڭدا كىشىلەرنىڭ ئوتتۇرىچە ئۆمرى 1949 – يىلىدىكى 30 ياشقا توشمايدىغان سەۋىيىدىن ھازىرقى 71.12 ياشقا يەتتى. شىنجاڭ خەلقئارا تىببىي ئىلىم جەمئىيىتى تەرىپىدىن دۇنيادىكى ئۇزاق ئۆمۈر كۆرىدىغان تۆت تەبىئىي رايوننىڭ بىرى قاتارىغا كىرگۈزۈلدى، ھەر 1 مىليون كىشى ئىچىدە 100 ياشقا كىرگەنلەرنىڭ سانى جەھەتتە مەملىكەت بويىچە 1 – ئورۇندا تۇرىدۇ، ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ ساغلاملىق سەۋىيىسى زور دەرىجىدە يۇقىرى كۆتۈرۈلدى.

     ئۆيى يوقلار ئۆيدە ئولتۇرالايدىغان، بىخەتەر ئۆيدە ئولتۇرالايدىغان بولدى. ئۆيى يوقلار ئۆيدە ئولتۇرالايدىغان بولۇش شىنجاڭدىكى ھەرمىللەت خەلقىگە نىسبەتەن ئېيتقاندا، ئەمدى خام خىيال ئەمەس. 2004 – يىلىدىن ھازىرغىچە 32 مىليارد 100 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىنغان يەر تەۋرەشكە چىداملىق ئۆي قۇرۇلۇشىدا شىنجاڭدىكى 6 مىليون 910 مىڭ كىشى ئەۋلادمۇ ئەۋلاد كېسەك ئۆيدە ئولتۇرۇشتەك تارىخقا خاتىمە بېرىپ، ئازادە  – يورۇق، پۇختا سېلىنغان يەر تەۋرەشكە چىداملىق ئۆيگە كۆچۈپ كىردى. 

مىللەتلەر بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك ئىناق ئۆتمەكتە، قول تۇتۇشۇپ ئىناقلىق، مۇقىملىق بەرپا قىلماقتا

    شىنجاڭدا ئازسانلىق مىللەتلەرنىڭ نوپۇسى ئومۇمىي نوپۇسنىڭ % 60 تىن كۆپرەكنى ئىگىلەيدۇ. 50 نەچچە يىلدىن بۇيان، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت  خەلقى ھەمنەپەس، تەقدىرداش، قەلبداش بولۇپ، بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك ئىناق ئۆتتى.

    سىچۇەن ۋېنچۇەندە كۈچلۈك يەر تەۋرىگەندىن كېيىن، خوتەن ۋىلايىتىنىڭ قاراقاش ناھىيىسىدىكى مەمتىمىن رەجەپ ئىسىملىك دېھقان شۇنچە ئۇزۇن يولنى بېسىپ، 15 مىڭ يۈەن نەق پۇل ۋە قۇرۇق ئۈزۈم، ياڭاقنى ئېلىپ، سىچۇەندىكى ئاپەت رايونىغا باردى.

    ئۇ ئاپەت رايونىدىكى ئازاب چېكىۋاتقان تۇققانلىرىنى كۆرمەكچى!

    شىنجاڭ زېمىنىدا كىشىنى تەسىرلەندۈرىدىغان بۇنداق ھېكايىلەر ئېغىزدىن ئېغىزغا كۆچۈپ تارالماقتا: داۋۇت ھاشىم يەر تەۋرەشتە ئائىلىسىدىكىلەرنىڭ ئامانلىقىنى ئويلاشماي، يۇرتداشلىرىنى قۇتقۇزدى؛ خەنزۇ قىز ستۇدېنت قارا نىيەتلەر تەرىپىدىن بۇلانغاندا، غېنى جۈمەنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىپ ‹‹ قولۇڭنى تارت!، ئۇ مېنىڭ سىڭلىم ›› دەپ توۋلىدى؛ ئىككى ياشلىق قىرغىز بالا كۆيۈپ كەتكەندە، خەنزۇ دوختۇر ۋۇدېڭيۈن پۇتىدىكى 13 يەردىن تېرىنى كېسىپ ئېلىپ، بالىغا كۆچۈردى؛ مەۋلانجاننىڭ ھاياتى خەۋپكە ئۇچرىغاندا، خەنزۇ قىز ۋاڭ يەننا قەتئىيلىك بىلەن بىر بۆرىكىنى ئۇنىڭغا تەقدىم قىلدى...

    كىشىنى تەسىرلەندۈرىدىغان بۇنداق ھېكايىلەر شىنجاڭدىكى قان بىلەن گۆشتەك يېقىن مىللەتلەر مۇناسىۋىتىنى يورۇتۇپ بەردى. شىنجاڭدىكى مىللەتلەر مۇناسىۋىتى ئەزەلدىن بۇنداق ئىناق بولۇپ باقمىغان.

    شىنجاڭدىكى ھەرمىللەت خەلقىنىڭ شىنجاڭنى ئورتاق ئېچىش تارىخى بۈگۈنكى كۈنگىچە داۋاملاشتى. ئازادلىقتىن كېيىن، مىڭلىغان ، ئونمىڭلىغان خەنزۇ كادىر، ئامما پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ چاقىرىقىغا ئاۋاز قوشۇپ، مەملىكەتنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن چېگرا رايون قۇرۇلۇشىغا ياردەم بەردى؛ ھالبۇكى بۈگۈنكى كۈندە ئازسانلىق مىللەت ئاممىسىدىن ئىچكىرى ئۆلكىلەرگە بېرىپ تىجارەت قىلىدىغان ۋە ئىشلەيدىغانلارمۇ يىلدىن يىلغا كۆپەيدى. قوش يۆنىلىشلىك يۆتكىلىش مىللەتلەر مۇناسىۋىتىنى قويۇقلاشتۇرۇپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى كۈچەيتتى.

    مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى شىنجاڭدىكى ھەرمىللەت خەلقىنىڭ ھاياتلىق مەنبەسى. جەنۇبىي شىنجاڭ يېزىلىرىغا بارسىڭىز، ئەۋلادمۇ ئەۋلاد دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىقنى ئاساس قىلغان ئازسانلىق مىللەت ئاممىسىنىڭ ھازىر كۆكتاتنى پارنىكتا تېرىۋاتقانلىقى، خەنزۇ يۇرتداشلارنىڭمۇ باقمىچىلىقنى راۋاجلاندۇرغانلىقىنى كۆرىسىز. بۈگۈنكى شىنجاڭدا خەنزۇلارنىڭ ئەنئەنىۋى بايرىمى چاغاندا  بولسۇن ياكى مۇسۇلمانلارنىڭ قۇربان ھېيتى، روزى ھېيتتا بولسۇن، ھەرمىللەت خەلقى ئۆزئارا قىزغىن ھېيتلىشىدۇ. خەنزۇلار چاغاندا جۇۋاۋا يەپلا قالماي، يەنە ئۈستەلگە ساڭزا، باقالى قاتارلىق ئازسانلىق مىللەتنىڭ ئەنئەنىۋى يېمەكلىكىنى تىزماقتا؛ نۇرغۇن ئازسانلىق مىللەتتىن بولغان قېرىنداشلارمۇ چاغاننىڭ ھارپىسى پوجاڭزا ئېتىپ يېڭى يىلنى كۈتۈۋالماقتا.

    ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ ئۆزئارا ئىشىنىشى، ئۆزئارا ھۆرمەت قىلىشى، ئۆزئارا ئۆگىنىشى، ئۆزئارا قوللىشى، ئۆزئارا چۈشىنىشى ئادەتكە ئايلاندى، باراۋەر، ئىتتىپاق بولغان، ئۆزئارا ياردەم بېرىدىغان، ئىناق بولغان سوتسىيالىستىك مىللەتلەر مۇناسىۋىتى يېڭى ۋەزىيەتتە يەنىمۇ مۇستەھكەملەندى ۋە تەرەققىي قىلدى.

    بۇ خىل مىللەتلەر مۇناسىۋىتىنىڭ شەكىللىنىشى پارتىيىنىڭ مىللەتلەر نەزەرىيىسى، مىللەتلەر سىياسىتىنىڭ شىنجاڭدا ئۇزاققىچە ئىزچىللاشتۇرۇلۇش ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئۇلۇغ ئەمەلىيىتىدىن كەلگەن.

    1982 – يىلىدىن باشلاپ ئاپتونوم رايوندا مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى تەرەققىياتى بويىچە تۆت قېتىم تەقدىرلەش پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلدى. ئۈلگىلەرنىڭ چاقىرىق كۈچى ۋە ئويۇشتۇرۇشچانلىقى ئارقىلىق، شىنجاڭ زېمىنىدا ‹‹ كومپارتىيە ياخشى، سوتسىيالىزم ياخشى، ۋەتەن چوڭ ئائىلىسى ياخشى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ياخشى ›› دەيدىغان كۈچلۈك ئاساسىي مېلودىيە ياڭرىدى.

    ئۇدا 26 يىل قانات يايدۇرۇلغان مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى تەربىيىسى ئېيى پائالىيىتى كىشىلەرنى ياخشى تەربىيىلەپ، مىللەتلەرنىڭ ئىتتىپاقلىشىپ تەرەققىي قىلىش ئىدىيىسىنى شىنجاڭدىكى ھەرمىللەت خەلقىنىڭ قەلبىدىن چوڭقۇر يىلتىز تارتقۇزۇپ، شىنجاڭنىڭ ئۈزلۈكسىز تەرەققىي قىلىپ ئالغا بېسىشى، گۈللىنىشىدىكى ئۇل تاش بولۇپ قالدى.

    پارتىيىنىڭ مىللەتلەر سىياسىتىنىڭ شانلىق نۇرىدا،  شىنجاڭدىكى ھەرمىللەت خەلق ئىتتىپاقلىشىپ جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلىسە، شىنجاڭنى تېخىمۇ گۈزەل قىلىپ قۇرۇپ چىقىپ، جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىگە يېڭى تۆھپىلەرنى قوشالايدۇ!

( مۇھەررىر : لالە )

نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى

تېلېفون:Tel:0991-8521981       ئەسەر ئەۋەتىڭ         قوشۇۋېلىڭ       قوشۇۋېلىڭ