|
ئەزىزانە قەشقەر بىر سېھىرلىك ماكان، بۇ ئۇنىڭ قويۇق يەرلىك ۋە مىللىي ئالاھىدىلىككە ئىگە گۈزەل قەدىمىي يۇرت بولغانلىقىدا؛ ئەزىزانە قەشقەر نامىنى ئاڭلىغانلىكى كىشىنى گۈزەل ھېس – تۇيغۇلارغا باشلايدىغان قەدىمىي مەدەنىيەت بۆشۈكى، بۇ ئۇنىڭ مەھمۇد قەشقىرى، يۈسۈپ خاس ھاجىپتەك تالاي ئىلىم – ئېرپان سەردارلىرىنى ئۆز قوينىدا يېتىشتۈرۈپ، مەملىكىتىمىز، ھەتتا دۇنيا مەدەنىيەت خەزىنىسىگە ئالەمشۇمۇل تۆھپىلەرنى قوشقانلىقىدا؛ ئەزىزانە قەشقەر ھاياتىي كۈچى ئۇرغۇپ تۇرىدىغان ئىستىقباللىق گۆھەر ماكان، بۇ ئۇنىڭ ئاپتونوم رايونىمىزدىكى بىردىنبىر ئەنئەنە بىلەن زامانىۋىلىق بىرلەشتۈرۈلگەن ‹‹دۆلەت دەرىجىلىك تارىخىي مەدەنىيەت داڭلىق شەھىرى›› بولغانلىقىدا.
ئۆزگىچە شانلىق مەدەنىيەت سەمەرىلىرى ئارقىلىق تارىختىن بۇيان جاھان ئەھلىنى مەھلىيا قىلىپ كېلىۋاتقان بۇ ئەزىز دىيار 18 – ئىيۇن تىنچلىق، دوستلۇقنىڭ سىمۋولى بولغان ئولىمپىك مۇقەددەس ئوتىنى كۈتۈۋېلىش بىلەن يەنە بىر قېتىم دۇنيا خەلقنىڭ دىققەت مەركىزىگە ئايلاندى. جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ 100 يىللىق ئىنتىزارلىقى – 2008يىللىق بېيجىڭ ئو ت م نىڭ مۇقەددەس مەشئىلى قەشقەردە كۈچ ئۇلاپ يەتكۈزۈلۈپ، دوستلۇق، مېھرىبانلىق، تىنچىلىق ئۇچۇرى ئەزىزانە قەشقەرنىڭ جاي – جايلىرىغا تارقىتىلدى، ‹‹تېخىمۇ ئېگىز، تېخىمۇ تېز، تېخىمۇ كۈچلۈك›› بولۇشتىن ئىبارەت مۇقەددەس ئولىمپىك روھى قەشقەردىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ قەلب تۆرىدىن چوڭقۇر ئورۇن ئالدى. ھاياتىي كۈچكە تولغان، پارلاق ئىستىقبالغا ئىگە گۈزەل قەشقەرنىڭ شانۇ – شۆھرىتى دۇنيا خەلقىگە نامايان قىلىندى. ‹‹ئورتاق بىر دۇنيا، ئورتاق بىر ئارزۇ››دىن ئىبارەت ئولىمپىك شوئارى، ‹‹يېشىل ئولىمپىك، پەن – تېخنىكىلىق ئولىمپىك، ئىنسانىي ئولىمپىك››تىن ئىبارەت ئولىمپىك ئىدىيىسى قەشقەردىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ يۈرىكىنىڭ قات – قېتىدىن ئۇرغۇپ چىققان ‹‹جۇڭگو، غەيرەت قىل! بېيجىڭ، غەيرەت قىل! سىچۇەن، غەيرەت قىل!›› دېگەن مەدەت سادالىرىغا قوشۇلۇپ، دۇنيادىكى تىنچلىقپەرۋەر خەلقلەرنىڭ ئىناقلىق، ئاسايىشلىققا بولغان ئورتاق ئىنتىلىشى، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ ۋەتىنىمىزنىڭ تېخىمۇ گۈللەپ ياشنىشى، بېيجىڭ ئو ت م نىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆتكۈزۈلۈشى ۋە سىچۇەندىكى ئاپەتكە ئۇچرىغان خەلقنىڭ يۇرت – ماكانىنى قايتا قۇرۇشىغا بولغان سەمىمىي تىلىكى سۈپىتىدە قەشقەر دىيارىنى لەرزىگە كەلتۈردى.
بۇ كۈنى قەشقەر شەھىرى توزدەك ياسانغانىدى، ‹‹يېڭى بېيجىڭ، يېڭى ئولىمپىك، يېڭى قەشقەر، يېڭى تەرەققىيات››، ‹‹قەشقەر خەلقى قولنى قولغا تۇتۇشۇپ، بېيجىڭ ئو ت م غا ئورتاق مەدەت بېرەيلى!›› دېگەندەك شوئارلار ھەممە ياقتا ئالاھىدە كۆزگە تاشلىناتتى. سەھەر ئۈرۈمچى ۋاقتى سائەت بەش بولا – بولمايلا، چىرايلىق بايراملىق كىيىملىرىنى كېيىشكەن كىشىلەر قوللىرىدىكى كىچىك بەش يۇلتۇزلۇق قىزىلبايراق، ئولىمپىك بايرىقىنى پۇلاڭلاتقىنىچە توپ – توپ بولۇپ، ھېيتگاھ مەيدانى، ‹‹خەلق›› مەيدانى ۋە ئولىمپىك مەشئىلى يەتكۈزۈلىدىغان ھەرقايسى يول بويلىرىغا سەلدەك ئېقىشقا باشلىدى. بىر سائەتكە قالمايلا، بۇ ئىككى مەيدان ئادەم دېڭىزىغا ئايلىنىپ، يول بويلىرىدا كىشىلەر توپىدىن ‹‹سۈنئىي تام›› شەكىللەندى.
قەشقەر ۋىلايەتلىك فىلىم شىركىتىنىڭ 57 ياشلىق كادىرى ئابلىمىت ئابدۇشۈكۈر قولىدىكى بايراقلارنى پۇلاڭلاتقىنىچە مۇنداق دېدى: بۇ ئولىمپىك مەشئىلىنىڭ يۇرتىمىز قەشقەرگە تۇنجى قېتىم كېلىشى، بىزنىڭمۇ ئولىمپىك مەشئىلىنى تۇنجى قېتىم يېقىن ئارىلقتىن كۆرۈشىمىز، شۇڭا ھەممەيلەن ھاياجانلىق، ئىپتىخارلىق ھېسسىياتىمىزنى باسالماي قېلىۋاتىمىز. ھەممىمىز ئولىمپىك مەشئىلىنىڭ قەشقەردە يەتكۈزۈلگەنلىكىدىن، ئولىمپىك مەشئىلىنى كۈتۈۋېلىپ، بېيجىڭ ئو ت م غا مەدەت بېرىش پۇرسىتىگە ئېرىشكەنلىكىمىزدىن ئىنتايىن خۇشال.
ئۈرۈمچى ۋاقتى سائەت 30:7 دا، قەشقەر ‹‹خەلق›› مەيدانىدىكى ھەر مىللەت ئامما رادىئودىن ھېيتگاھ مەيدانىدا مەشئەلنى كۈچ ئۇلاپ يەتكۈزۈش پائالىيىتىنىڭ باشلانغانلىق خەۋىرىنى ئاڭلاپ، تېخىمۇ ھاياجانلاندى ھەم قولىدىكى بايراقلارنى پۇلاڭلاتقىنىچە پۈتۈن دىققىتىنى رادىئو دولقۇنلىرىغا ئاغدۇردى.يول بويىدىكى ئامما چەكسىز ھاياجانلىق ئىلكىدە ‹‹جۇڭگو، غەيرەت قىل! بېيجىڭ، غەيرەت قىل! سىچۇەن، غەيرەت قىل!›› دېگەن شوئارلارنى توۋلاپ، قەشقەردىكى 3 مىليون 800 مىڭدىن كۆپرەك ھەر مىللەت خەلقنىڭ بېيجىڭ ئو ت م غا بولغان گۈزەل تىلەكلىرى، ۋەتىنىمىزنىڭ گۈللەپ ياشنىشىغا بولغان ئارزۇ – ئۈمىدلىرىنى ئىپادىلىدى. ھەر قايسى ئىدارە – ئورگانلار تەشكىللىگەن چاسا ئەترەتلەر يول بويلىرىدا تۈرلۈك گىمناستىكا، ئۇسسۇل ماھارەتلىرىنى كۆرسىتىپ، كەيپىياتنى تېخىمۇ يۇقىرى دولقۇنغا كۆتۈردى.
— ئولىمپىك مەشئىلىنىڭ قەشقەرگە كەلگەنلىكى بىزنى چەكسىز ھاياجانلاندۇردى، بۇ قەشقەردىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ بەخت – تەلىيى، ئولىمپىك ئۈچۈن خىزمەت قىلىش ھەر بىرىمىزنىڭ بەختى ۋە ئىپتىخارى –، دېدى قەشقەر ۋىلايەتلىك 1 – خەلق دوختۇرخانىسى ئىچكى كېسەللەر 1 – بۆلۈمىنىڭ دوختۇرى رەنا غېنى، – دوختۇرخانىمىزدىكى 20 دوختۇر – سېسترا ھاياجانلىق ھېسسىياتىمىز، ئو ت م غا بولغان سەمىمىي تىلەكلىرىمىزنى ئىپادىلەش ئۈچۈن بىر ئايدىن كۆپرەك ۋاقىت ئىچىدە بۇ كوللېكتىپ گېمناستىكىنى تەييارلىدۇق. ئولىمپىك ئاساسىي تېمىسىنى گەۋدىلەندۈرۈش ئۈچۈن ھەرىكەت شەكىللىرىنى ئو ت م غا ماسلاشتۇرۇش بىلەن بىللە، كىيىم – كىچەكلىرىمىزگىمۇ ئولىمپىك بەش ھالقىسى، ئولىمپىك مەشئىلى قاتارلىقلارنىڭ سۈرىتىنى چۈشۈردۇق. ئولىمپىك مەشئىلىنى يەتكۈزۈش پۇرسىتىگە ئېرىشەلمىگەن بولساقمۇ، مۇشۇنداق ھاياجانلىق مىنۇتلاردا، ئۆزىمىز تەييارلىغان بۇ نومۇرنى كۆرسىتىپ، ئولىمپىك مەشئىلىنى شەھىرىمىزدە يەتكۈزۈش پائالىيىتىگە ئاۋاز قوشالىغانلىقىمىزدىن، بېيجىڭ ئو ت م غا مەدەت بېرەلىگەنلىكىمىزدىن ئىنتايىن خۇشال بولدۇق.
ئولىمپىك مەشئىلى ئاخىرقى نۇقتا قەشقەر ‹‹خەلق›› مەيدانىغا كەلگەندە، تەقەززالىقتىن كۆزى تۆت بولغان ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ھاياجانلىق ھېسسىياتلىرى ئاخىرقى چەككە يەتتى. چوڭ – كىچىك بايراقلار توختىماي پۇلاڭلاپ، رىتىملىق مەدەت سادالىرى پەلەككە يېتىپ، قەشقەر ‹‹خەلق›› مەيدانى شاد – خۇراملىق دېڭىزىغا ئايلاندى. 208 – مەشئەل يەتكۈزگۈچى داۋۇت ھاشىم مەغرۇر قەدەملەر بىلەن سەھنىگە چىقىپ، مەشئەل ئوتىنى چوغدانغا تۇتاشتۇردى، ‹‹جۇڭگو، غەيرەت قىل! ئولىمپىككە مەدەت بېرەيلى!›› دېگەن ھاياجانلىق سادالار يىراق – يىراقلارغا تارقىلىپ، قەشقەر ئاسمىنىنى لەرزىگە كەلتۈردى. قەشقەر پىداگۇگىكا ئىنىستىتۇتى ۋە قەشقەر ۋىلايىتىدىكى ئوتتۇرا مەكتەپلەردىن تەشكىللەنگەن 2500 ئوقۇغۇچى رەڭگارەڭ كىيىملەرنى كىيىپ، ‹‹خەلق›› مەيدانىدا ئولىمپىك بەش ھالقىسى، بېيجىڭ ئو ت م نىڭ قۇت بەلگىسىنىڭ شەكىللىرىنى ھاسىل قىلىپ، نەپىس ئۇسسۇل ھەرىكەتلىرى ۋە قولىدىكى بايراقلار بىلەن مەيداندا ئاجايىپ گۈزەل مەنزىرە ھاسىل قىلدى.
— ئولىمپىك مەشئىلىنىڭ يۇرتۇم قەشقەرگە كەلگەنلىكىدىن، قەشقەردىكى ئاخىرقى مەشئەل يەتكۈزگۈچى بولۇپ، مۇقەددەس چوغدانغا ئوت تۇتاشتۇرۇش پۇرسىتىگە ئېرىشكەنلىكىمدىن ئىنتايىن خۇشالمەن،دېدى داۋۇت ھاشىم ھاياجانلىق ھېسسىياتىنى باسالمىغان ھالدا،بۇ قەشقەردىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ پەخرى. ماڭا مۇشۇنداق پۇرسەتنى بەرگەن پارتىيە، ھۆكۈمەتكە، ھەر مىللەت خەلققە كۆپتىن – كۆپ رەھمەت ئېيتىمەن، بېيجىڭ ئو ت م نىڭ غەلىبىلىك ئۆتكۈزۈلۈشىنى تىلەيمەن، سىچۇەندىكى ئاپەتكە ئۇچرىغان قېرىنداشلىرىمىزنىڭ قايغۇنى كۈچكە ئايلاندۇرۇپ، يۇرت – ماكانىنى تېزرەك قايتا قۇرۇشىنى، گۈزەل كەلگۈسىگە ئۈمىد – ئىشەنچ بىلەن قارىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.
ئولىمپىك مەشئىلىنىڭ قەشقەردە يەتكۈزۈلۈشى قەشقەر خەلقىنى ھاياجانلاندۇرۇپلا قالماي، مەشئەل يەتكۈزگۈچىلەرنى تېخىمۇ ھاياجانغا سالدى. قەشقەردىكى تۇنجى مەشئەل يەتكۈزگۈچى ‹‹پەلەك شاھى›› ئادىل ھوشۇر مۇنداق دېدى: مەن 2004 – يىلى تۇنجى قېتىم ئو ت م نىڭ مۇقەددەس مەشئىلىنى يەتكۈزۈش پۇرسىتىگە ئېرىشكەنىدىم. ئەينى چاغدا، ئافىنا ئو ت م نىڭ مەشئىلىنى يېڭىدىن قۇرۇلۇش قىلىنىۋاتقان بېيجىڭ ئو ت م نىڭ ئاساسلىق مەيدانى— دۆلەت تەنتەربىيە مەيدانى ئالدىدا يەتكۈزگەن. بۇ قېتىم مۇشۇ مەيداندا ئۆتكۈزۈلىدىغان مۇسابىقىنىڭ مەشئىلىنى يۇرتۇم قەشقەردە يەتكۈزۈپ ئىنتايىن ھاياجانلاندىم. بۇ بىر قېتىملىق ئىناقلىق سەپىرى بولۇپلا قالماي، تېخىمۇ مۇھىمى، ئۆز ئارا مېھىر – شەپقەت يەتكۈزۈش سەپىرى. مەن 13 – ئىيۇل بېيجىڭدىكى ‹‹بادالىڭ›› سەددىچىن سېپىلىغا تارتىلغان 2008 مېتىر ئۇزۇنلۇقتىكى پولات سىمدا مېڭىش پائالىيىتى ئارقىلىق بېيجىڭ ئو ت م غا تېخىمۇ ئەمەلىي مەدەت بېرىمەن.
مەشئەل يەتكۈزگۈچىلەر ئىچىدە قەشقەر ۋىلايىتىنىڭ ۋالىيسى ئەكبەر غوپۇرمۇ بار بولۇپ، ئۇ مۇنداق دېدى: بۈگۈن قەشقەردىكى ھەر مىللەت خەلق ئۈچۈن ئۇنتۇلغۇسىز بىر كۈن بولدى. مەن ئولىمپىك مۇقەددەس مەشئىلىنى كۆتۈرۈپ، يۈكسەك ئولىمپىك غايىسى بىلەن دوستلۇق، مېھرىبانلىق، تىنچلىق ئۇچۇرىنى ئەزىزانە قەشقەرنىڭ كوچا – رەستىلىرىدە يەتكۈزۈپ، قەشقەردىكى ھەر مىللەت خەلق بىلەن بۇ ئۇنتۇلغۇسىز مىنۇتلارنى باشتىن كۆچۈرگىنىمدىن ئىنتايىن خۇشالمەن. ئو ت م نىڭ بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلۈشى قەشقەرنىمۇ قاينام – تاشقىنلىققا چۆمدۈردى، ئىشىنىمەنكى، ئولىمپىك مۇقەددەس مەشئىلىنىڭ ئىلھامى بىلەن ئەزىزانە قەشقەر تېخىمۇ ئىناقلىققا تولىدۇ، كېلەچىكى پارلاق بولىدۇ.
‹‹بۈگۈن بىزگە شاد بايرام، قوياشتەك چاقنىدى ھەريان››، بۇ ناخشىچى مۇھەممەتئىمىن ئەمەت مەشئەل يەتكۈزۈش پائالىيىتىدىن كېيىنكى ‹‹قەشقەر بېيجىڭغا بەخت تىلەيدۇ›› ناملىق چوڭ تىپىتىكى سەنئەت پائالىيىتىدە ئېيتقان ‹‹بايرامغا تەنتەنە›› ناملىق ناخشىنىڭ تۇنجى مىسراسى، ئۆز نۆۋىتىدە ئەزىزانە قەشقەردىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ ‹‹ئىناقلىق سەپىرى››دىن ئالغان ئورتاق تەسىراتى ئىدى.
|