باش بەت | خەۋەر مەركىزى | گۈزەل شىنجاڭ | مەدەنىيەت | تەڭرىتاغ ئەدەبىياتى | تۇرمۇش | تەڭرىتاغ ئېكرانى | پارتىيە–ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى | بېكىتىمىز
ئۈرۈمچىدە بۈگۈن ھاۋا ئوچۇق بولۇپ، يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃32،تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃21بولىدۇ.
يەر تەۋرەشكە تاقابىل تۇرۇش روھىنى جارى قىلدۇرۇپ، گۈزەل ئىستىقبال يارىتايلى
2008- 06- 19 09:51 شىنجاڭ گېزىتى

     بىر ئاي ئىلگىرى ۋېنچۇەندىكى يەر تەۋرەش ئاپىتىدە جۇڭگونىڭ يېرىمدىن كۆپرەك زېمىنى لەرزىگە كەلدى؛ بىر ئايدىن كۆپرەك ۋاقىتتىن بۇيانقى يەر تەۋرەشكە تاقابىل تۇرۇپ، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇشتىكى مىسلىسىز كۆلەمدىكى، داغدۇغىلىق كۈرەش پۈتكۈل دۇنيانى تەسىرلەندۈردى. يەر تەۋرەشكە تاقابىل تۇرۇپ، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش قەھرىمان – نەمۇنىچىلىرىنىڭ ئىش – پائالىيەتلىرىدىن دوكلات بېرىش ئۆمىكىدىكى قەھرىمان – نەمۇنىچىلارنىڭ سەمىمىي يۈرەك سۆزلىرى بىزگە ھايات – ماماتلىق قۇتقۇزۇش ھەرىكىتىدىكى باتۇرلۇق جاسارىتىنى، مەملىكەت خەلقىنىڭ جاپا – مۇشەققەتتە بىللە بولۇپ، ئاپەتكە تاقابىل تۇرۇشتەك قەھرىمانلىق خىسلىتىنى، ھەممە بىر نىيەتتە يۇرتنى قوغداشتەك مىللىي روھنى، جۇڭگو كومپارتىيىسىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكى ۋە سوتسىيالىزم تۈزۈمىنىڭ غايەت زور ئەۋزەللىكىنى ھېس قىلدۇردى. بۇ زور يەر تەۋرەش ئاپىتى ئالدىدا، پارتىيىدىكى بارلىق يولداشلار، مەملىكەتتىكى ئارمىيە، خەلق گۆش بىلەن قاندەك مۇھەببىتى ئارقىلىق جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ روھى نامايان قىلىنغان جانلىق ئابىدە تىكلەپ، ھەممە بىر نىيەتتە ئىتتىپاقلىشىپ، ۋاقىتلىق قىيىنچىلىققا ئورتاق تاقابىل تۇرۇش روھى ۋە كۈچىنى ئۇيۇشتۇردى.

     دوكلات ئۆمىكىدىكى ئەزالارنىڭ ھەممىسى ئادەتتىكى ئىش ئورنىدىكى كادىرلار، ئامما بولسىمۇ، خەتەرلىك پەيتتە، ھالقىلىق دەقىقىدە ھايات – ماماتلىق سىنىقىنى، قانلىق چېنىقىشنى بېشىدىن ئۆتكۈزۈپ، پەۋقۇلئاددە جاسارىتىنى نامايان قىلىپ، زېمىننى لەرزىگە سالغۇدەك قەھرىمانلىق داستانلىرىنى  پۈتۈپ، يەر تەۋرەشكە تاقابىل تۇرۇپ، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇشتىكى خەتەردىن قورقمايدىغان، ئۆزىنى قۇدرەت تاپقۇزىدىغان، ئۆزىنى ئۇنتۇپ باشقىلارنى قۇتقۇزىدىغان، خالىس تۆھپە قوشىدىغان، مەسئۇلىيىتىنى تولۇق ئادا قىلىپ، ئىتتىپاقلىشىپ، ئۆزئارا ياردەم بېرىدىغان روھنى نامايان قىلدى. ئۇلار دەۋرنىڭ نەمۇنىچىلىرى، جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ پەخىرى، پۈتكۈل جەمئىيەتنىڭ ئۆگىنىش ئۈلگىلىرى.

     پۈتكۈل جەمئىيەتتە يەر تەۋرەشكە تاقابىل تۇرۇپ، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش ئۇلۇغ روھىنى ئۆگىنىش، تەشۋىق قىلىش ۋە ئەۋج ئالدۇرۇشتا، خەتەرلىك ۋاقىت ۋە ھايات – ماماتلىق پەيتتە باتۇرلارچە ئوتتۇرىغا چىقىپ، قۇربان بېرىشتىن قورقمايدىغان ئىنقىلابىي قەھرىمانلىق روھنى كۈچەپ ئەۋج ئالدۇرۇش؛ پارتىيە ۋە خەلقنىڭ مەنپەئىتىنى ھەممىدىن ئەلا بىلىدىغان، ئاممىنى قېرىندىشىدەك كۆرىدىغان يۈكسەك پەزىلەتنى كۈچەپ ئەۋج ئالدۇرۇش؛ ئومۇم ئۈچۈن ئۆزىنى ئۇنتۇپ، باشقىلارنىڭ مەنپەئىتىنى ئەلا بىلىپ، خالىس تۆھپە قوشۇدىغان يۈكسەك پەزىلەتنى كۈچەپ ئەۋج ئالدۇرۇش؛ ھېرىپ – چارچاشتىن قورقماي داۋاملىق كۈرەش قىلىدىغان، ئېگىلمەس – سۇنماس قەھرىمانلىق روھىنى كۈچەپ ئەۋج ئالدۇرۇش كېرەك.

   تەبىئەت دۇنياسىدىكى چوڭ بالايىئاپەتلەر بىر مىللەتنىڭ ئىرادىسى ۋە خىسلىتىنى سىنايدىغان سىناق. ئازاب ئىچىدە يېڭى كۈچ مۇجەسسەملىنىدۇ، كىشى ئۇڭۇشسىزلىقتىن كېيىن چوقۇم تېخىمۇ قەيسەر بولىدۇ. يەر تەۋرەشكە تاقابىل تۇرۇپ ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش ئۇلۇغ روھى پارتىيىدىكى يولداشلارنى، خەلق قەلبىنى مۇجەسسەملەشتۈرىدىغان غايەت زور كۈچ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئۇلۇغ ئىشلىرىنى ۋۇجۇدقا چىقىرىپ، شىنجاڭنىڭ ھالقىما تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشىمىزدىكى قىممەتلىك روھى بايلىق. ئۇ بىزگە ھەر قانداق جاپا – مۇشەققەت، خېيىمخەتەر ئالدىدا بىر نىيەتتە ئىتتىپاقلىشىپ، تېخىمۇ غەيرەتكە كېلىپ، قىيىنچىلىقتىن قورقماي ئالغا ئىلگىرىلىسەكلا، چوقۇم يىمىرىلمەس كۈچ ئۇيۇشتۇرۇپ، بارلىق خېيىمخەتەر، خىرىسلار ئۈستىدىن غەلىبە قىلالايدىغانلىقىمىزنى چۈشەندۈرۈپ بەردى.

     يەر تەۋرەشكە تاقابىل تۇرۇپ ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش داۋاملاشماقتا، ئاپەتتىن كېيىنكى قايتا قۇرۇش ۋەزىپىسى جاپالىق، مۈشكۈل، ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىيات ۋەزىپىسى ئېغىر، يول يىراق. يەر تەۋرەشكە تاقابىل تۇرۇپ، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇشنىڭ ئومۇميۈزلۈك غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن بىز تېخىمۇ جاپالىق تىرىشچانلىق كۆرسىتىشىمىز كېرەك.

( مۇھەررىر : ئامانگۈل )

نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى

تېلېفون:Tel:0991-8521981       ئەسەر ئەۋەتىڭ         قوشۇۋېلىڭ       قوشۇۋېلىڭ