باش بەت | خەۋەر مەركىزى | گۈزەل شىنجاڭ | مەدەنىيەت | تەڭرىتاغ ئەدەبىياتى | تۇرمۇش | تەڭرىتاغ ئېكرانى | پارتىيە–ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى | بېكىتىمىز
ئۈرۈمچىدە بۈگۈن ھاۋا ئوچۇق بولۇپ، يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃32،تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃21بولىدۇ.
ئولمىپىك تەنھەركەت يىغىننىڭ مەشئېلى ئاپتونوم رايونىمىزدا يەتكۈزۈلۈشكە باشلىدى
2008- 06- 17 10:47 ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى

    بېيجىڭ ئولمىپىك تەنھەركەت يىغىننىڭ مەشئېلى بۈگۈن (17–ئىيۇن)مەملىكىتىمىز ئومومىي يەر كۆلىمىنىڭ ئالتىدىن بىر قىسىمىنى ئىگىلەيدىغان ئاپتونوم رايونىمىز تەۋەسىدە يەتكۈزۈلۈشكە باشلىدى.624مەشئەلچى ئولمىپىك تەنھەركەت يىغىنىنىڭ مەشئېلىنى ئاپتونوم رايونىمىز تەۋەسىدە يەتكۈزىدۇ،بۇنىڭ ئارسىدا ئاز سانلىق مىللەت مەشئەلچىلىرى تەخمىنەن %45نى ئىگىلەيدۇ.

    بېيجىڭ ئولمىپىك تەنھەركەت يىغىننىڭ مەشئېلىنى كۈچ ئۇلاپ يەتكۈزۈش مۇساپىسىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇمىسى بويىچە،مەشئەل 16–ئىيۇن كەچتە چۇڭچىڭدىن ئايرۇپىلان بىلەن ئۈرۈمچىگە ئېلىپ كېلىندى. بۈگۈندىن باشلاپ ئاپتونوم رايونىمىز تەۋەسىدە ئۈچ كۈن يەتكۈزىلىدۇ.ئولمىپىك تەنھەركەت يىغىننىڭ مەشئېلى تەڭرىتاغنىڭ جەنوبىي ۋە شىمالىدىن ئۆتكۈزۈلۈپ،ئاسىيا قىتئەسىنىڭ جۇغراپىيىلىك مەركىزى–ئۈرۈمچى شەھىرى،قەدىمىي‹‹يىپەك يولى››دىكى مۇھىم جاي–قەشقەر شەھىرى،جۇمھۇرىيەت بويىچە ھەربىيلەر بوز يەر ئۆزلەشتۈرۈلگەن تۇنجى شەھەر–شىخەنزە شەھىرى ۋە تەڭرىتاغنىڭ شىمالدىكى مەرۋايىت–سانجى شەھىرىدىن ئىبارەت تۆت شەھەردە كۈچ ئۇلاپ يەتكۈزۈلىدۇ،ئومومىي مۇساپىسى 3000كىلومېتىردىن ئاشىدۇ.

   ئاپتونوم رايونىمىزدا مەشئەل يەتكۈزۈشكە قاتنىشىدىغان 624مەشئەلچى ئارسىدا ئىشچى،دېھقان،يەككە تىجارەتچى،زىيالىي،دوختۇر،ئوقۇتقۇچى،ئوقۇغۇچى،ھەربىي،مەمۇر ۋە جەمئىيەتنىڭ ھەر قايسى ساھىسىدىكى كىشىلەر بار؛مەملىكىتىمىزدىكى داڭلىق ئەربابلار،شىياڭگاڭلىق قېرىنداشلاردىن باشقا،ئامېرىكا گېرمانىيە قاتارلىق دۆلەت ۋە رايونلاردىن كەلگەن چەتئەل تەۋەلىدىكى ئەربابلارمۇ بار.

( مۇھەررىر : قەيـسەر )

نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى

تېلېفون:Tel:0991-8521981       ئەسەر ئەۋەتىڭ         قوشۇۋېلىڭ       قوشۇۋېلىڭ