باش بەت | خەۋەر مەركىزى | گۈزەل شىنجاڭ | مەدەنىيەت | تەڭرىتاغ ئەدەبىياتى | تۇرمۇش | تەڭرىتاغ ئېكرانى | پارتىيە–ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى | بېكىتىمىز
ئۈرۈمچىدە بۈگۈن ھاۋا ئوچۇق بولۇپ، يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃32،تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃21بولىدۇ.
ئۈرۈمچى شەھىرىدە بۈگۈن 10يولدىكى قاتناشقا چەك قويۇلىدۇ
2008- 06- 17 10:30 ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى

    ئۈرۈمچى شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى 15–ئىيۇن ‹‹بىر قىسىم يول بۆلەكلىرىدە ئامانلىق ساقلاپ ، قاتناشقا چەك قويۇش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇش››نى ئېلان قىلغان بولۇپ، ‹‹ئۇقتۇرۇش››تا بۈگۈن(17–ئىيۇن) ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى بىر قىسم يول بۆلەكلىرىدە ئامانلىق ساقلاپ قاتناشقا چەك قويۇش تەلەپ قىلىندى.

   تونۇشتۇرۇلىشچە ،17–ئىيۇن ئەتىگەن سائەت 5:00تىن چۈش سائەت 12:00گىچە ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ ‹‹نۇرلۇق››،‹‹شەرىق شامىلى››،‹‹ئازادلىق››جەنوبىي ، شىمالىي يوللىرى،‹‹تىنىچلىق››شىمالىي يولى،‹‹خەلق››يولى،‹‹شىنخۇا››شىمالىي يوللىرىدا تەرتىپ بويىچە قاتناشقا تولۇق چەك قويۇلىدىكەن؛ ئەتىگەن سائەت 6:00دىن چۈش سائەت 12:00گىچە ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ ‹‹دوستلۇق يولى››،‹‹شىنجاڭ تىببىي ئۇنىۋېرسىتېتى››يولى، ‹‹بېيجىڭ››يولى،‹‹خېبىي››يوللىرىدا تەرتىپ بويىچە قاتناشقا تولۇق چەك قويۇلىدىكەن؛ سائەت 5:00تىن كەچ سائەت 8:00گىچە ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ ‹‹تاشقى ئايلانما››يولىنىڭ ئىچىدىكى يوللىرىدا ئوتتۇرا ، ئېغىر تىپتىكى يۈك ئاپتوموبىللىرى ھەمدە باشقا رايونلارنىڭ ئاپتوموبىللىرى ، ۋاقىتلىق نومۇر تاختىسى ئىشلىتىۋاتقان ئاپتوموبىللارنىڭ يول يۈرۈشى مەنئىي قىلىنىدىكەن.

   ئۇنىڭدىن سىرت خىزمەت ئېھتىياجىغا ئاساسەن، شەھىرىمىزنىڭ ج خ ئورگىنىغا قاراشلىق كەسىپ بېجىرىدىغان كۆزنەك ئورۇنلار 17–ئىيۇن كەسىپ بېجىرمەيدىكەن، ئىش بىجىرگۈچىلەر باشقا كۈنى بېجىرسە بولىدىكەن.

( مۇھەررىر : قەيـسەر )

نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى

تېلېفون:Tel:0991-8521981       ئەسەر ئەۋەتىڭ         قوشۇۋېلىڭ       قوشۇۋېلىڭ