باش بەت | خەۋەر مەركىزى | گۈزەل شىنجاڭ | مەدەنىيەت | تەڭرىتاغ ئەدەبىياتى | تۇرمۇش | تەڭرىتاغ ئېكرانى | پارتىيە–ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى | بېكىتىمىز
ئۈرۈمچىدە بۈگۈن ھاۋا ئوچۇق بولۇپ، يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃32،تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃21بولىدۇ.
جىددىي ئەھۋاللارغا تاقابىل تۇرۇش، خەتەردىن ساقلىنىش ئورۇنلىرى كەم بولسا بولمايدۇ
2008- 06- 16 11:54 شىنجاڭ گېزىتى

    ماتېرىياللاردا كۆرسىتىلىشىچە، ئېلىمىزنىڭ %70تىن كۆپرەك چوڭ شەھىرى، %50تىن كۆپرەك نوپۇسى ئېغىر كەلكۈن، يەر تەۋرەش ئاپىتى يۈز بېرىدىغان دېڭىز ياقىسى ۋە شەرقىي رايونلاردا ئىكەن. ئەمما بەزى شەھەرلەرنىڭ ئاپەتكە تاقابىل تۇرۇش ئىقتىدارى ئاجىزراق ئىكەن. بېيجىڭ، شاڭخەي، لەنجۇ، جىنەن قاتارلىق شەھەرلەردىن باشقا نۇرغۇن شەھەردە جىددىي ئەھۋاللارغا تاقابىل تۇرۇش، خەتەردىن ساقلىنىش ئورۇنلىرى ئاساسىي جەھەتتىن يوق ئىكەن. بەزى جايلاردا جىددىي ئەھۋاللارغا تاقابىل تۇرۇش، خەتەردىن ساقلىنىش ئورۇنلىرى بولسىمۇ، سانى ئاز، كۆلىمى كىچىك ئىكەن ياكى تەشۋىقات ياخشى ئىشلەنمىگەچكە، شەھەر ئاھالىسى ئۇ يەردىن قانداق پايدىلىنىشنى بىلمەيدىكەن.

    جىددىي ئەھۋاللارغا تاقابىل تۇرۇش، خەتەردىن ساقلىنىش ئورۇنلىرى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش خەلقئارادا قوللىنىلىۋاتقان تەبىئىي ئاپەتكە تاقابىل تۇرۇش ۋە ئۇنىڭ ئالدىنى ئېلىشتىكى ئۈنۈملۈك تەدبىر. ياپونىيىدە يول، تۆمۈريول ۋە باغچا قاتارلىق ئۇل مۇئەسسەسە قۇرۇلۇشلىرىدا يەر تەۋرەشكە تاقابىل تۇرۇش، بىخەتەر بولۇش مۇھىم نۇقتا قىلىنىدۇ. نۇرغۇن شەھەردە ھۆكۈمەت بېكىتكەن پاناھلىنىش رايونلىرى بار، شەھەر مەركىزىدىكى بەزى چىملىقلار ۋە كوچا مەركىزىدىكى باغچىلارغا ‹‹يەر تەۋرەشتىن پاناھلىنىش ئورنى›› دېگەن ۋىۋىسكىلار ئېسىلغان.

    شۇڭا خەتەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن، جىددىي ئەھۋاللارغا تاقابىل تۇرۇش، خەتەردىن ساقلىنىش ئورۇنلىرىنى تېزدىن بارلىققا كەلتۈرۈپ، خەلقنىڭ ھاياتى، مال – مۈلكىنىڭ بىخەتەرلىكىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

‹‹گېزىت – ژۇرناللاردىن تەرمىلەر››دىن

( مۇھەررىر : قەيـسەر )

نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى

تېلېفون:Tel:0991-8521981       ئەسەر ئەۋەتىڭ         قوشۇۋېلىڭ       قوشۇۋېلىڭ