باش بەت | خەۋەر مەركىزى | گۈزەل شىنجاڭ | مەدەنىيەت | تەڭرىتاغ ئەدەبىياتى | تۇرمۇش | تەڭرىتاغ ئېكرانى | پارتىيە–ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى | بېكىتىمىز
ئۈرۈمچىدە بۈگۈن ھاۋا ئوچۇق بولۇپ، يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃32،تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃21بولىدۇ.
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ ئو ت م مەشئىلىنى يەتكۈزۈش مەزگىلىدە قاتناشنى ۋاقىتلىق قامال قىلىش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇشى
2008- 06- 16 11:39 شىنجاڭ گېزىتى

   29 – نۆۋەتلىك ئو ت م نىڭ مەشئىلى   2008 – يىل 16 – ئىيۇندىن 20 – ئىيۇنغىچە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى تەۋەسىدە يەتكۈزۈلىدۇ. ئو ت م مەشئىلىنىڭ ئاپتونوم رايونىمىزدا بىخەتەر، ئوڭۇشلۇق يەتكۈزۈلۈشىگە كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، ئو ت م مەشئىلى ئاپتونوم رايونىمىزدا يەتكۈزۈلىدىغان مەزگىلدە قىسمەن يوللاردا قاتناش ۋاقىتلىق قامال قىلىنىدۇ، ئالاقىدار ئىشلارنى تۆۋەندىكىچە ئۇقتۇرىمىز:

   بىرىنچى، ئولىمپىك مەشئىلىنى يەتكۈزۈش ئاپتوكارۋىنى  2008 – يىل 16 – ئىيۇندىن 20 – ئىيۇنغىچە ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ئۈرۈمچى، قەشقەر، شىخەنزە، سانجى شەھەرلىرىگە قاراشلىق رايونلار ۋە يۇقىرى دەرىجىلىك يول قاتناش ساقچىلىرى تارماق ئەترىتىنىڭ باشقۇرۇشىدىكى ئايرودروم يۇقىرى سۈرئەتلىك يولى، ئۈرۈمچى – كۈيتۈڭ يۇقىرى سۈرئەتلىك يولىنىڭ ئۈرۈمچىدىن شىخەنزىگىچە بولغان بۆلىكىدىن ئۆتىدۈ. شۇ چاغدا يۇقىرىقى رايونلاردىكى ئاساسلىق يول بۆلەكلىرىدە قاتناش تەرتىپ بويىچە، قوش يۆنىلىشتە ۋاقىتلىق قامال قىلىنىدۇ، بۇ رايونلاردىن ئۆتىدىغان ئاپتوموبىللار  يانداش دۆلەت يولى، ئۆلكە يولى ياكى باشقا يوللاردىن ئەگىپ مېڭىڭلار. يۇقىرىقى يول بۆلەكلىرىدىن ئۆتىدىغان ئاپتوموبىللار مېڭىش لىنىيىسىنى ئالدىن بېكىتىپ، نەق مەيداندىكى قاتناش ساقچىلىرىنىڭ قوماندانلىقىغا بويسۇنۇڭلار.

   ئىككىنچى، ئولىمپىك مەشئىلىنى يەتكۈزۈشكە ئالاقىدار رايونلاردا 16 – ئىيۇندىن 19 – ئىيۇنغىچە، خەتەرلىك بۇيۇملارنى توشۇيدىغان ئاپتوموبىللارنىڭ مېڭىشى مەنئى قىلىنىدۇ. شۇ مەزگىلدە يۇقىرىدىكى رايونلاردىن خەتەرلىك بۇيۇملارنى ئېلىپ ماڭىدىغان، شۇ رايونلارغا تۇشۇيدىغان، شۇ رايونلاردىن ئۆتىدىغان ئاپتوموبىللارغا  يول يۈرۈش رەسمىيىتىنى بىجىرىش توختىتىلىدۇ. ئالاقىدار كارخانىلار قاتتىق ئەمەل قىلىپ، ئىشلەپچىقىرىشنى ئالدىن ياخشى ئورۇنلاشتۇرۇڭلار.

   ئۈچىنچى، ئولىمپىك مەشئىلىنى يەتكۈزۈشكە ئالاقىدار رايونلاردا 14 – ئىيۇندىن 20 – ئىيۇنغىچە ۋاقىتلىق نومۇر تاختىسى ئېسىلغان ئاپتوموبىللارنىڭ يولغا چىقىشى مەنئى قىلىنىدۇ. شۇ مەزگىلدە، ئاپتونوم رايون دائىرىسىدە تارقىتىلغان ۋاقىتلىق نومۇر تاختىلىرىنىڭ كۈچكە ئىگە بولۇش مۇددىتى ئەڭ ئۇزاق بولغاندا ئۈچ كۈندىن ئېشىپ كەتمەيدۇ. ئاپتوموبىل ئىگىلىرى قاتتىق رىئايە قىلىپ، ئاپتوموبىلنىڭ مېڭىش مۇساپىسىنى ئالدىن ياخشى ئورۇنلاشتۇرۇڭلار.

   تۆتىنچى، ئولىمپىك مەشئىلىنى يەتكۈزۈش مەزگىلىدە، ئۈرۈمچى – كۈيتۈڭ يۇقىرى سۈرئەتلىك يولى، ‹‹312›› دۆلەت يولىنىڭ قىسمەن بۆلىكىدە يۈك ئاپتوموبىللىرىنىڭ مېڭىشى بىردەك مەنئى قىلىنىدۇ، قاتناش قامال قىلىنىدىغان كونېكرت ۋاقىت، يول بۆلىكى ۋە تارقاقلاشتۇرۇش لىنىيىلىرى تۆۋەندىكىچە:

   قاتناش قامال قىلىنىدىغان ۋاقىت: 2008 – يىل 17 – ئىيۇن سائەت سەككىزدىن 19 – ئىيۇن سائەت 21گىچە.

   قاتناش قامال قىلىنىدىغان يول بۆلەكلىرى:  ئۈرۈمچى – كۈيتۈڭ يۇقىرى سۈرئەتلىك يولىنىڭ ئۈرۈمچىدىن شىخەنزىگىچە بولغان بۆلىكى ۋە ‹‹312›› دۆلەت يولىنىڭ ئۈرۈمچى، سانجى، شىخەنزە شەھەرلىرى تەۋەسىدىكى بۆلەكلىرى. ئايلىنىپ مېڭىشقا تەۋسىيە قىلىنغان يوللار:

   شىمالىي شىنجاڭدىن جەنۇبىي شىنجاڭغا قاتنايدىغان ئاپتوموبىللار: ‹‹312›› دۆلەت يولىنىڭ شىخەنزە تەۋەسىدىكى 4317 كىلومېتىرلىق جايىدىن(كونا كوچا يول ئېغىزى)  ياكى 4315 كىلومېتىرلىق جايى(چوڭ ئايلانما يول ئېغىزى)دىن سولغا بۇرۇلۇپ، بېيچۈەن يولىنى بويلاپ شىخەنزە – موسوۋەن يولىغا كىرىپ، بۇ يول ئارقىلىق  ‹‹201›› ئۆلكە يولىغا كىرسە بولىدۇ. ‹‹201›› ئۆلكە يولىدا  قۇتۇبى ناھىيىلىك مالىيە ئىدارىسىنىڭ يېنىدىكى يول ئېغىزىغىچە مېڭىپ ئاندىن سولغا بۇرۇلۇپ يۇقىرىقى ئەرگۇڭ يولىغا كىرىپ،  توك بىلەن  تەمىنلەش ئىدارىسى يېنىدىكى  يول ئېغىزىدىن ئوڭغا بۇرۇلۇپ ئۈرۈمچى – غۇلجا يولىغا ئۆتۈپ، ئاندىن بۇ يولنى بويلاپ مېڭىپ قۇتۇبى – فاڭساۋخۇ يولىغا كىرىپ، بۇ يولدا گەنمۇ يولى  بىلەن كېسىشىدىغان جايغىچە مېڭىپ  ئوڭغا بۇرۇلۇپ گەنمو يولىغا كىرسە بولىدۇ.  گەنمو يولىدا  سەيۋۇ  يولى بىلەن كېسىشىدىغان جايغىچە مېڭىپ  ئوڭغا بۇرۇلۇپ  سەيۋۇ يولىغا كىرسە بولىدۇ. سەيۋۇ يولىدىن  ۋۇجياچۈ شەھىرىدىكى خەلق  يولى،  بېيخەي كوچىسى ئارقىلىق تاشقى ئايلانما يول ۋە  ‹‹مېھمان كۈتۈش›› يولىغا ئۆتۈپ، بۇ يولنى بويلاپ ئۈرۈمچى – ۋۇجياچۈ  يولىغا كىرسە بولىدۇ. ئۈرۈمچى – ۋۇجياچۈ  يولىنى بويلاپ مېڭىپ ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى ‹‹مېھمان كۈتۈش››  يولىغا كىرسە بولىدۇ.  ‹‹مېھمان كۈتۈش››  يولىدا شەرقىي تاشقى ئايلانما يول، غەربىي تاشقى ئايلانما يولغا ئايرىلىپ  جەنۇبىي شىنجاڭ، شەرقىي شىنجاڭغا  ماڭسا بولىدۇ.

    جەنۇبىي شىنجاڭدىن شىمالىي شىنجاڭغا قاتنايدىغان ئاپتوموبىللار: ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى ساي يولى( شەرقىي تاشقى ئايلانما يول، غەربىي تاشقى ئايلانما يول) ئارقىلىق ‹‹مېھمان كۈتۈش›› يولىغا كىرىپ، بۇ يولنى بويلاپ مېڭىپ ئۈرۈمچى – ۋۇجياچۈ يولىغا كىرسە بولىدۇ.  ئۈرۈمچى – ۋۇجياچۈ  يولىنى بويلاپ مېڭىپ، ۋۇجياچۈ شەھىرىدىكى ‹‹مېھمان كۈتۈش›› يولىغا ئۆتۈپ، بۇ يولدىن  تاشقى ئايلانما يول، بېيخەي كوچىسى، خەلق  يولىغا  كىرىپ، خەلق  يولى ئارقىلىق  سەيۋۇ يولىغا چىقىپ، بۇ يولدا  گەنمو يولى بىلەن كېسىشكەن جايغىچە مېڭىپ سولغا بۇرۇلۇپ گەنمو يولىغا كىرسە بولىدۇ.   گەنمو  يولىدا  قۇتۇبى – فاڭساۋخۇ  يولى بىلەن كېسىشكەن جايغىچە مېڭىپ سولغا بۇرۇلۇپ قۇتۇبى – فاڭساۋخۇ يولىغا كىرسە، ئاندىن بۇ يول ئارقىلىق ئۈرۈمچى – غۇلجا يولىغا ئۆتسە بولىدۇ.  ئۈرۈمچى – غۇلجا  يولىنى بويلاپ توك بىلەن تەمىنلەش ئىدارىسى يېنىدىكى يول ئېغىزىغىچە مېڭىپ،  ئوڭغا بۇرۇلۇپ يۇقىرىقى ئەرگۇڭ يولىغا كىرىپ، بۇ يولدا  قۇتۇبى ناھىيىلىك مالىيە ئىدارىسىنىڭ يېنىدىكى  يول ئېغىزىغىچە مېڭىپ  ئوڭغا بۇرۇلۇپ ‹‹201›› ئۆلكە يولىغا  كىرسە بولىدۇ. ‹‹201›› ئۆلكە يولىدىن  شىخەنزە – موسوۋەن  يولىغا ئۆتۈپ، بۇ يولدا  شىخەنزە شەھىرىنىڭ كونا  كوچا  يول ئېغىزى  ياكى چوڭ ئايلانما يول ئېغىزىدىن  ئوڭغا بۇرۇلۇپ ‹‹312›› دۆلەت يولىغا  كىرىپ، شىمالىي شىنجاڭغا ماڭسا بولىدۇ.

   قاتناشنىڭ ۋاقىتلىق قامال قىلىنىشى ھەر قايسى ساھە ۋە ھەر مىللەت  ئاممىسىنىڭ ئىشلەپچىقىرىشى، تۇرمۇشى ۋە سەپىرىگە قۇلايسىزلىق ئېلىپ كېلىدۇ. بۇنى چۈشىنىشىڭلارنى ۋە قوللىشىڭلارنى ھەم ماسلىشىپ مۇشۇ بويىچە  ئىجرا قىلىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمىز.

ئالاھىدە ئۇقتۇرۇش چىقىرىلدى  

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى

     2008 – يىل 6 – ئاينىڭ 14 – كۈنى

( مۇھەررىر : قەيـسەر )

نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى

تېلېفون:Tel:0991-8521981       ئەسەر ئەۋەتىڭ         قوشۇۋېلىڭ       قوشۇۋېلىڭ