باش بەت | خەۋەر مەركىزى | گۈزەل شىنجاڭ | مەدەنىيەت | تەڭرىتاغ ئەدەبىياتى | تۇرمۇش | تەڭرىتاغ ئېكرانى | پارتىيە–ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى | بېكىتىمىز
ئۈرۈمچىدە بۈگۈن ھاۋا ئوچۇق بولۇپ، يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃32،تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃21بولىدۇ.
يەنە يېڭى نەتىجە يارىتىپ، يۇرتىمىزنى تېخىمۇ گۈزەل قىلىپ قۇرۇپ چىقىمىز
2008- 06- 13 17:26 شىنجاڭ گېزىتى

     ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى خۇ جىنتاۋ لوپنۇر ناھىيىسى شىڭپىڭ يېزىسى داشى كەنتىدىكى ياشلارغا يەنە جاۋاب خەت ئەۋەتتى، بۇ، داشى كەنتى، لوپنۇر ناھىيىسى، بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستىدىكى ھەر مىللەت ئىتتىپاق ئەزالىرى، ياشلار ۋە كادىرلار، ئامما ئارىسىدا كۈچلۈك ئىنكاس قوزغىدى. كۆپچىلىك مۇنداق دېيىشتى: باش شۇجى خۇ جىنتاۋنىڭ جاۋاب خېتىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، تۈرلۈك ئىشلارنى تېخىمۇ ياخشى ئىشلەپ، باش شۇجىنىڭ غەمخورلۇقىغا  ئەلا نەتىجىلىرىمىز بىلەن جاۋاب قايتۇرىمىز.

     داشى كەنتىدىكى  ئاھالىلەر 9 –  ئىيۇن كەچتە چىرايلىق كىيىنىپ، مەشرەپ ئۆتكۈزۈپ، باش شۇجىنىڭ داشى كەنتىدىكىلەرگە 2 – قېتىم جاۋاب خەت ئەۋەتكەنلىكىنى قىزغىن تەبرىكلىدى.

      كەنت ئاھالىسى دۇ مېڭخې خۇشال ھالدا مۇنداق دېدى: داشىلىقلارغا نىسبەتەن بۈگۈن يەنە بىر چوڭ خۇشاللىق كۈن. باش شۇجى شۇنداق ئالدىراش تۇرۇپمۇ، بىزگە يەنە جاۋاب خەت ئەۋەتىپتۇ، ئۇنىڭ بىزگە قىلغان غەمخورلۇقىغا چىن كۆڭلىمىزدىن رەھمەت ئېيتىمىز.

      داشى كەنتى ئىتتىپاق باش ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى، كەنت ئاھالىلەر كومىتېتىنىڭ پەن – تېخنىكىغا مەسئۇل مۇئاۋىن مۇدىرى مۇھەممەد ساۋۇر ھاياجانلانغان ھالدا مۇنداق دېدى: باش شۇجىنىڭ بىزگە 2 – قېتىم جاۋاب خەت يازغانلىقىدىن بەك خۇشال بولدۇم، بەك ھاياجانلاندىم، بۇ، چېگرا رايوندىكى ئاز سانلىق مىللەت ئىتتىپاق ئەزالىرى، ياشلارغا بېرىلگەن ئەڭ زور مەدەت. بۇنىڭدىن كېيىن چوقۇم باش شۇجىنىڭ تەلىپى بويىچە كەنتتىكى ئىتتىپاق ئەزالىرى، ياشلارنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، يېتەكلەپ، ئىلمىي تېرىقچىلىق قىلىپ، داشى كەنتىنى تېخىمۇ گۈزەل قىلىپ قۇرۇپ چىقىمىز.

     داشى كەنتى پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى ساۋۇر مەڭلىك داشى كەنتىنىڭ ئۈچ يىلدىن بۇيانقى ئۆزگىرىشى ئۈستىدە توختىلىپ مۇنداق دېدى: باش شۇجىنىڭ جاۋاب خېتىنىڭ روھىنىڭ ئىلھامىدا، داشى كەنتىدە ئالەمشۇمۇل ئۆزگىرىش بولدى. ھازىر باش شۇجى بىزگە يەنە جاۋاب خەت ئەۋەتىپ، نەتىجىلىرىمىزنى مۇئەييەنلەشتۈرۈپ، بۇنىڭدىن كېيىنكى تەرەققىياتىمىزغا يۆنىلىش كۆرسىتىپ بەردى. بىز بۇنىڭدىن كېيىن تېخىمۇ تىرىشىپ ئىشلەپ، داشى كەنتىدىكى ھەر مىللەت ئاممىسىنى تېخىمۇ گۈزەل تۇرمۇشقا ئېرىشتۈرىمىز.

    ئوبلاستلىق پارتكومنىڭ شۇجىسى جاڭ بو داشى كەنتىگە كېلىپ، ناھىيە، يېزا، كەنتتىكى كادىرلار، ئامما بىلەن بىللە باش شۇجىنىڭ جاۋاب خېتىنى ئۆگەندى. ئوبلاستلىق پارتكوم 10 –  ئىيۇن چۈشتىن بۇرۇن دائىمىي كومىتېت (كېڭەيتىلگەن) يىغىنى ئېچىپ، باش شۇجىنىڭ جاۋاب خېتىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇشنى ئورۇنلاشتۇردى. جاڭ بو مۇنداق دېدى: باش شۇجىنىڭ جاۋاب خېتى داشى كەنتىدىن كۈتكەن ئۈمىد، شۇنداقلا لوپنۇر ناھىيىسى، بايىنغولىن ئوبلاستى، شىنجاڭدىن كۈتكەن ئۈمىد؛ ئىتتىپاق ئەزالىرىغا، ياشلارغا، شۇنداقلا ئوبلاستتىكى ھەر دەرىجىلىك پارتكوم، ھۆكۈمەت ۋە ھەر مىللەت خەلقىگە بولغان مەدەت. جاۋاب خەتنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇشتا بوشاشماي چىڭ تۇرۇپ ھەم ياخشى، ھەم تېز تەرەققىي قىلىپ، داشى كەنتىنى تېخىمۇ گۈزەل قىلىپ قۇرۇپ چىقىش ئۈچۈن تىرىشىپ، شىنجاڭنى تېخىمۇ گۈزەل قىلىپ قۇرۇپ چىقىش ئۈچۈن تۆھپە قوشۇشىمىز كېرەك.

     لوپنۇر ناھىيىلىك پارتكومنىڭ شۇجىسى ليۇ فۇلىن مۇنداق دېدى: باش شۇجىنىڭ جاۋاب خېتى بىزگە پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقىگە بولغان غەمخورلۇقى ۋە چوڭقۇر مۇھەببىتىنى ھېس قىلدۇردى. بىز باش شۇجىنىڭ جاۋاب خېتىنى ناھىيىمىزدىكى ھەر دەرىجىلىك پارتىيە، ئىتتىپاق تەشكىلاتلىرى ۋە ھەر مىللەت كادىرلىرى، ئاممىسىغا يەتكۈزۈپ، ئۇنى ئىقتىسادىي تەرەققىيات، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى،  مۇقىملىقنىڭ غايەت زور ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچىگە ئايلاندۇرۇپ، تېخىمۇ ئەلا نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرىمىز.  

( مۇھەررىر : ئامانگۈل )

نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى

تېلېفون:Tel:0991-8521981       ئەسەر ئەۋەتىڭ         قوشۇۋېلىڭ       قوشۇۋېلىڭ