باش بەت | خەۋەر مەركىزى | گۈزەل شىنجاڭ | مەدەنىيەت | تەڭرىتاغ ئەدەبىياتى | تۇرمۇش | تەڭرىتاغ ئېكرانى | پارتىيە–ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى | بېكىتىمىز
ئۈرۈمچىدە بۈگۈن ھاۋا ئوچۇق بولۇپ، يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃32،تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃21بولىدۇ.
خۇجىنتاۋ قازا قىلغانلارغا چوڭقۇر تەزىيە بىلدۈردى
2008- 06- 12 12:09 شىنجاڭ گېزىتى

31–ماي چۈشۈپ كەتكەن تىك ئۇچار ئايروپىلان تېپىلدى

      شىنخۇا ئاگېنتلىقى، چېڭدۇ، 10 – ئىيۇن تېلېگراممىسى.  چېڭدۇ ھەربىي رايونى  يەر تەۋرەشكە تاقابىل تۇرۇش – ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش بىرلەشمە قوماندانلىق شتابىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، پۈتۈن كۈچ بىلەن ئىزدەش ئارقىلىق چېڭدۇ ھەربىي رايونى يەر تەۋرەشكە تاقابىل تۇرۇپ، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش قىسىمىنىڭ چۈشۈپ كەتكەن تىك ئۇچار ئايروپىلانىنىڭ پارچىلىرى 10 – ئىيۇن سائەت 10دىن 55 مىنۇت ئۆتكەندە تىك ئۇچار ئايروپىلان ئۇچقان جىلغىدىكى قويۇق ئورمانلىقتىن تېپىلغان، ئايروپىلاندىكى خادىملارنىڭ ھەممىسى قازا قىلغان.

     ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى خۇ جىنتاۋ بۇنىڭدىن خەۋەر تاپقاندىن كېيىن، قازا قىلغان ئايروپىلان  خادىملىرى بىلەن ئايروپىلاندىكى ئاممىغا چوڭقۇر تەزىيە بىلدۈرۈش،  قازا قىلغانلارنىڭ ئائىلە – تاۋابىئاتلىرىدىن سەمىمىي ھال سوراش، چۈشۈپ كەتكەن تىڭ ئۇچار ئايروپىلاننى ئىزدەش ۋەزىپىسىنى ئىجرا قىلغان قىسىمدىكى كوماندىر – جەڭچىلەر بىلەن خەلق ئەسكەرلىرى زاپاس خادىملىرىغا چىن كۆڭلىدىن رەھمەت ئېيتىش توغرىسىدا دەرھال يوليورۇق بەردى.

     خۇ جىنتاۋ مۇنداق كۆرسەتتى: چېڭدۇ ھەربىي رايونىنىڭ مەلۇم ئاۋىئاتسىيە تۇەنىدىكى يولداشلار مەركەزنىڭ جىددىي بۇيرۇقىغا ئاساسەن، ئاپەتكە ئۇچرىغان ئاممىنىڭ جىددىي ئېھتىياجىنى كۆزدە تۇتۇپ، جاپا – مۇشەققەتتىن، قۇربان بېرىشتىن قورقماي قەيسەرلىك بىلەن كۈرەش قىلىپ، يەر تەۋرەشكە تاقابىل تۇرۇپ، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇشقا  گەۋدىلىك تۆھپە قوشتى. بىز  ئۇلارنىڭ قەھرىمانلىق ئىش – ھەرىكىتىدىن  ۋە ئالىيجاناب روھىدىن ئۆگىنىپ، يەر تەۋرەشكە تاقابىل تۇرۇپ، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇشنىڭ ئومۇميۈزلۈك غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن تىرىشىپ كۈرەش قىلىشىمىز كېرەك.

     بۇ تىك ئۇچار ئايروپىلان 31 – ماي  چۈشتىن كېيىن، يەر تەۋرەشتە يارىلانغان ئاممىنى يۆتكەش ۋەزىپىسىنى ئىجرا قىلىۋاتقاندا، تۇيۇقسىز قويۇق تۇمان ۋە كۈچلۈك ھاۋا ئېقىمىغا ئۇچراپ، تاغقا سوقۇلۇپ كېتىپ چۈشۈپ كەتكەن.

     سىچۇەن ئۆلكىلىك ھەربىي رايونى يەر تەۋرەشكە تاقابىل تۇرۇش – ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش قوماندانلىق شتابىنىڭ خەۋىرى. ھەربىيلەر تىك ئۇچار ئايروپىلان چۈشۈپ كەتكەن نەق مەيداندا يەنە تۆت جەسەتنى بايقىدى. ھازىرغىچە بەش ئايروپىلان خادىمىنىڭ جەسىتىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 17 جەسەت بايقالدى، يەنە بىر جەسەت تېخى تېپىلمىدى.
 

( مۇھەررىر : ئامانگۈل )

نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى

تېلېفون:Tel:0991-8521981       ئەسەر ئەۋەتىڭ         قوشۇۋېلىڭ       قوشۇۋېلىڭ