|
شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 10 – ئىيۇن تېلېگراممىسى. گوۋۇيۈەن ئاخبارات ئىشخانىسى گوۋۇيۈەن يەر تەۋرەشكە تاقابىل تۇرۇش – ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش باش قوماندانلىق شتابى بەرگەن ھوقۇققا ئاساسەن، 10 – ئىيۇن تۆۋەندىكىلەرنى ئېلان قىلدى:
خەلق ئىشلىرى مىنىستىرلىكىنىڭ دوكلاتىغا ئاساسلانغاندا، 10 – ئىيۇن سائەت 12گىچە سىچۇەن ئۆلكىسىنىڭ ۋېنچۇەن ناھىيىسىدىكى يەر تەۋرەشتە 69مىڭ 146 كىشى قازا قىلغان، 374مىڭ 72 كىشى يارىلانغان، 17مىڭ 516 كىشى يوقاپ كەتكەن.
خەلق ئىشلىرى مىنىستىرلىكىنىڭ دوكلاتىغا ئاساسلانغاندا، 10 – ئىيۇن سائەت 12گىچە مەملىكەت بويىچە تاپشۇرۇۋېلىنغان دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدىكى ھەر ساھەدىكىلەر ئىئانە قىلغان پۇل ۋە ماددىي ئەشيالارنىڭ ئومۇمىي قىممىتى 44 مىليارد 432 مىليون يۈەن بولۇپ، ئەمەلىي ھېساباتقا كىرگىنى 41 مىليارد 766 مىليون يۈەن (بۇنىڭ ئارىسىدا ھېساباتقا كىرگەن ئىئانە پۇل 35 مىليارد 468 مىليون يۈەن، ماددىي ئەشيالارنىڭ پۇلغا سۇندۇرۇلغان قىممىتى 6 مىليارد 298 مىليون يۈەن)گە، ئاپەتكە ئۇچرىغان رايونغا ئاجرىتىلغان پۇل ۋە ماددىي ئەشيانىڭ ئومۇمىي قىممىتى 13 مىليارد 750 مىليون يۈەنگە يەتكەن.
خەلق ئىشلىرى مىنىستىرلىكىنىڭ دوكلاتىغا ئاساسلانغاندا، 10 – ئىيۇن سائەت 12 گىچە، ئاپەتكە ئۇچرىغان رايونغا 1مىليون 1600 چېدىر، 4 مىليون 763 مىڭ 300 يوتقان – كۆرپە، 13 مىليون 966 مىڭ قۇر كىيىم – كېچەك، 885 مىڭ 700 توننا يېقىلغۇ ماي، 1 مىليون 892 مىڭ 200 توننا كۆمۈر ئەۋەتىپ بېرىلگەن.
تۇرالغۇ ۋە شەھەر، يېزا قۇرۇلۇشى مىنىستىرلىكىنىڭ دوكلاتىغا ئاساسلانغاندا، 9 – ئىيۇنغىچە، سىچۇەندىكى ئاپەت يۈز بەرگەن رايوندا 68 مىڭ 100 يۈرۈش ۋاقىتلىق تۇرالغۇ قۇراشتۇرۇلغان بولۇپ، ھازىر يەنە 23 مىڭ 400 يۈرۈش ۋاقىتلىق تۇرالغۇ قۇراشتۇرۇلۇۋېتىپتۇ، يەنە 91مىڭ 200 يۈرۈش ۋاقىتلىق تۇرالغۇ قۇراشتۇرۇلىدىكەن، كارخانىلاردىن 51 مىڭ 500 يۈرۈش قۇراشتۇرۇلما ئۆي توشۇپ كېلىنىۋېتىپتۇ، يەنە 66 مىڭ 900 يۈرۈش قوراشتۇرۇلما ئۆي توشۇپ كېلىنىدىكەن.
|