باش بەت | خەۋەر مەركىزى | گۈزەل شىنجاڭ | مەدەنىيەت | تەڭرىتاغ ئەدەبىياتى | تۇرمۇش | تەڭرىتاغ ئېكرانى | پارتىيە–ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى | بېكىتىمىز
ئۈرۈمچىدە بۈگۈن ھاۋا ئوچۇق بولۇپ، يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃32،تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃21بولىدۇ.
پاختا دېھقانلارنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇشى، بېيىشىدىكى‹‹ئاق ئالتۇن››بولۇپ قالدى
2008- 06- 12 11:59 شىنجاڭ گېزىتى

 ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتى توغرىسىدا(6)

    ھازىر دېھقانچىلىقنىڭ ئالدىراش پەسلى، ئەمما ماناس ناھىيىسى باۋجيادىيەن بازىرى تاسىرقاي كەنتىدىكى كۆز يەتكۈسىز ئېتىزلىقتا ئادەم يوق دېيەرلىك ئىدى، كېۋەزلىكتىكى  ئۇزۇنغا سوزۇلغان قاتار كەتكەن تېمىتىپ سۇغىرىش تۇرۇبىلىرىدىن تامچىلاپ ئېقىۋاتقان سۇ كېۋەزگە ھايات بەخش ئەتمەكتە ئىدى.

     دېھقان ۋاڭ جيەنبىڭ كېۋەزلىكنىڭ ياقىسىدىكى نۆۋەتچىخانىدا كومپيۇتېر ئالدىدا ئولتۇرۇپ، ئېكرانغا قاراپ مەشغۇلات قىلىۋاتاتتى. بۇ يەردە تېمىتىپ سۇغىرىش سىستېمىسى كومپيۇتېردا ئاپتوماتىك كونترول قىلىنىۋاتقانىدى.

     ۋاڭ جيەنبىڭنىڭ يېنىدا 50 نەچچە ياشلىق بىر كىشى ئولتۇراتتى، ئۇ كەنت ئاھالە كومىتېتىنىڭ مۇدىرى ياڭ چېڭجى ئىكەن. ئۇ كېۋەزلىكنى كۆرسىتىپ مۇنداق دېدى:

     —بۇ كېۋەزلىك 1177 مو كېلىدۇ، كەنتىمىزدە بۇنداق ئېتىزدىن يەنە بىر نەچچە پارچە بار. كەنتىمىزدە 160 ئائىلىلىك كىشى بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئىلكىدىكى تېرىلغۇ يەر 8260 مو، كېۋەزلىكلا 6000 مونى ئىگىلەيدۇ، بۇ يەرلەردە ئاساسەن سۇ تېجەيدىغان تېمىتىپ سۇغىرىش ئۇسۇلى قوللىنىلدى. ئۇ يەنە:

     —دېھقانلارنىڭ كومپيۇتېر ئالدىدا ئولتۇرۇپ كېۋەز تېرىشىنى ئىلگىرى كىممۇ خىيالىغا كەلتۈرۈپ باققان دەيسىز، ئەلا سورتلۇق پاختا بازىسى قۇرۇلغان، تېمىتىپ سۇغىرىش تېخنىكىسى يولغا قويۇلغاندىن كېيىن، ھەر مو يەردىن قىلىدىغان كىرىمىمىز ئىلگىرىكىدىن 300 – 400 يۈەن ئاشتى. بۇلتۇر تاسىرقاي كەنتىدىكى دېھقانلارنىڭ ئوتتۇرىچە كىرىمى 8600 يۈەندىن ئاشتى. يۇقىرى ئۈنۈملۈك يېزا ئىگىلىكىنى ھەقىقەتەن ئىنقىلاب دېيىشكە بولىدىكەن!

     ياڭ چېڭجىنىڭ تەسىراتى شىنجاڭدىكى پاختىكارلارنىڭ ئورتاق تەسىراتى.

     شىنجاڭنىڭ  سورتلۇق پاختا بازىسى قۇرۇلۇشى دۆلەتنىڭ نۇقتىلىق يېزا ئىگىلىك  تۈرى قاتارىغا كىرگۈزۈلۈپ كەلدى، شۇنداقلا دۆلەتنىڭ غەربىي رايوننى كەڭ ئېچىشىدىكى زايوم مەبلىغى يېزا ئىگىلىك تۈرى. ئۇ مەملىكەت بويىچە بىر خىل زىرائەتكە ئۇدا ئۈچ ‹‹بەش يىل››لىق پىلانىدا دۆلەت زور مەبلەغ سالغان يېزا ئىگىلىك تۈرى بولۇپ، دۆلەتنىڭ شىنجاڭنىڭ پاختا ئىستراتېگىيىسىنىڭ ئورنىنى تولۇق مۇئەييەنلەشتۈرگەنلىكىدىن دېرەك بېرىدۇ.
شىنجاڭنىڭ  سورتلۇق پاختا بازىسى قۇرۇلۇشىدا تىرىشىش ئارقىلىق ھەممە كۆز تىكىدىغان نەتىجىلەر قولغا كەلتۈرۈلدى. 2007 – يىلىنىڭ ئاخىرى ئاپتونوم رايون بويىچە سۇ تېجەيدىغان يۇقىرى ئۈنۈملۈك كېۋەزلىك كۆلىمى 11 مىليون 740 مىڭ موغا يېتىپ، ئاپتونوم رايون كېۋەزلىك كۆلىمىنىڭ% 60 تىن كۆپرەكىنى ئىگىلىدى، بۇ ئاپتونوم رايونىمىز يېزا ئىگىلىكىدە زور كۆلەمدە سۇ تېجەشنى ئۈنۈملۈك ئىلگىرى سۈرۈپ، سۇ بايلىقىنى مۇۋاپىق تەڭشەپ سەپلەش ۋە ئۇنىڭدىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنىشنى يۈكسەلدۈردى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، كېۋەز تېرىقچىلىقىنىڭ ئۈنۈمى ئۈزلۈكسىز ئېشىپ، ئاپتونوم رايون بويىچە ساپ پاختىنىڭ ئوتتۇرىچە مو بېشى ھوسۇلى 110 كىلوگرام بولۇپ، مەملىكەتنىڭ ئوتتۇرىچە سەۋىيىسىدىن 30 كىلوگرام، ئامېرىكىنىڭ ئوتتۇرىچە سەۋىيىسىدىن 40 كىلوگرام، دۇنيانىڭ ئوتتۇرىچە سەۋىيىسىدىن 57 كىلوگرام يۇقىرى بولدى.

     ماناس ناھىيىسى شىنجاڭنىڭ  سۈپەتلىك پاختا بازىسى قۇرۇلۇشىدا ئەڭ ئەمەلىي نەپكە ئېرىشكەن ناھىيە. يېقىنقى بەش يىلدا، دۆلەتنىڭ نۇرغۇن يېتەكچى مەبلىغى بۇ ناھىيىگە سېلىنىپ، يەرلىكنىڭ ھەرخىل يولدا نەچچە مىليون يۈەنلىك مەبلەغ سېلىشىغا تۈرتكە بولدى. ھازىر ناھىيە بويىچە ئەلا سورتلۇق پاختا تاۋار بازىسىدىن بەشى بولۇپ، تېمىتىپ سۇغىرىلىدىغان كېۋەزلىك كۆلىمى 112 مىڭ موغا يېتىپ، ناھىيە بويىچە كېۋەز تېرىقچىلىق كۆلىمىنىڭ% 25 ىدىن كۆپرەكنى ئىگىلىدى، ساپ پاختىنىڭ ئوتتۇرىچە بىرلىك ھوسۇلى 127 كىلوگرامغا يېتىپ، سېلىشتۇرما ئۈنۈمى كۆپ ساندىكى دېھقانچىلىق زىرائەتلىرىدىن يۇقىرى بولدى.

     ماناس ناھىيىسىدە  سورتلۇق پاختا  بازىسىنىڭ قەد كۆتۈرۈشى ‹‹ئوۋياڭ›› پەن  – تېخنىكا شىركىتى، ‹‹شىنما گۇرۇھى››، ‹‹تۇنخې›› ياغ شىركىتى، ‹‹فېڭشياڭ›› پاختىچىلىقى، ‹‹تيەنجيې›› پاختا توقۇمىچىلىق گۇرۇھى قاتارلىق باشلامچى كارخانىلارنى بۇ ناھىيىدە ماكانلىشىشقا جەلپ قىلدى ھەم ساپ پاختا پىششىقلاش، ۋىسكوزا خىمىيىلىك تالا، يىپ ئېگىرىش، سۇ يېغى، يەم – خەشەك ئىشلەپچىقىرىش قاتارلىق پاختا كەسىپ زەنجىرىنى شەكىللەندۈردى. 2007 – يىلى ناھىيە بويىچە پاختىچىلىقتا يارىتىلغان قوشۇلما قىممەت 1 مىليارد 140 مىليون يۈەن بولۇپ، ناھىيە بويىچە ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتىنىڭ %30 ىنى ئىگىلىدى؛ دېھقانلارنىڭ ئوتتۇرىچە كىرىمى 8277 يۈەنگە يەتتى، بۇنىڭ ئىچىدە پاختىدىن قىلغان كىرىمى %55 نى ئىگىلىدى. ماناس ناھىيىسىدىكى دېھقانلارنىڭ كىرىمى ئۇدا 18 يىل شىنجاڭ بويىچە 1 – ئورۇندا تۇردى.

     ‹‹10 – بەش›› يىل مەزگىلىدە، شىنجاڭ بويىچە  سۈپەتلىك پاختا بازىسى قۇرۇشقا 1 مىليارد 658 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىندى، كېۋەز يېڭى سورتىدىن 40 نەچچىسى يېتىشتۈرۈلدى، سۈپەتلىك چىگىتنىڭ ئومۇملىشىش نىسبىتى % 90 تىن ئاشتى؛ تۈرلۈك تېمىتىپ سۇغىرىلىدىغان كۆلەم 1 مىليون 360 مىڭ موغا يەتتى، بۇنىڭ ئىچىدە يۇقىرى ئۈنۈملۈك تېمىتىپ سۇغىرىلىدىغان كېۋەزلىك كۆلىمى 6 مىليون 800 مىڭ مودىن ئاشتى. ھازىر پاختا كىرىمى شىنجاڭدىكى دېھقانلار كىرىمىنىڭ % 30   %50ىنى ئىگىلىدى، پاختا كۆپ چىقىدىغان رايونلاردىكى دېھقانلار كىرىمىنىڭ % 60  % 70 ىنى پاختىدىن قىلغان كىرىم ئىگىلىدى.
ئاپتونوم رايونلۇق تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى يېزا ئىقتىسادى باشقارمىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى يەن جياڭ 25 – ماي ماڭا مۇندا دېدى: 

     — شىنجاڭنىڭ سورتلۇق پاختا بازىسى قۇرۇلۇشىغا 1 مىليارد 500 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىنىدۇ، پىلان بويىچە يىلىغا 1 مىليون مو يېڭىدىن يۇقىرى ئۈنۈملۈك سۇ تېجەيدىغان كېۋەزلىك كۆپىيىدۇ. 2007 – يىلى يەرلىك ۋە بىڭتۇەندە يېڭىدىن يۇقىرى ئۈنۈملۈك سۇ تېجەيدىغان كېۋەزلىك 2 مىليون 40 مىڭ مو كۆپەيدى، بۇنىڭ ئىچىدە يەرلىكنىڭ 1 مىليون 20 مىڭ موغا يېتىپ، يېڭىدىن كۆپىيىش كۆلىمى تۇنجى قېتىم بىڭتۇەن بىلەن تەڭلەشتى. ‹‹11 – بەش›› يىل مەزگىلىدىكى ئاپتونوم رايونىمىز پاختىچىلىق كەسپىنىڭ تەرەققىيات نىشانى مۇنداق: دۆلەت بويىچە ئەڭ مۇھىم بولغان، خەلقئارادا تەسىرگە ئىگە سورتلۇق پاختا ئىشلەپچىقىرىش بازىسى قۇرۇشنى تىرىشىپ قولغا كەلتۈرۈپ، ‹‹9 – بەش›› يىلدا كۆلەمنى كېڭەيتىش، ‹‹ 10 – بەش›› يىلدا سۈپىتىنى ئەلالاشتۇرۇش، ‹‹11 – بەش›› يىلدا كۈچلەندۈرۈشتىن ئىبارەت دۆلەتنىڭ شىنجاڭدا پاختا بازىسى قۇرۇش كۈرەش نىشانىغا ئومۇميۈزلۈك يېتىپ، ئېلىمىزنىڭ  سۈپەتلىك پاختىچىلىق تەرەققىياتىدا ‹‹ئاۋىئاماتكا›› قۇرۇش. 

( مۇھەررىر : ئامانگۈل )

نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى

تېلېفون:Tel:0991-8521981       ئەسەر ئەۋەتىڭ         قوشۇۋېلىڭ       قوشۇۋېلىڭ