|
ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى نۇر بەكرى 10 – ئىيۇن چۈشتىن كېيىن، جۇڭگو – روسىيە چېگرا سودىسى ۋە يەرلىكنىڭ ئىقتىساد – سودا ھەمكارلىقىنى ماسلاشتۇرۇش كومىتېتى 10 – نۆۋەتلىك يىغىنىنىڭ روسىيە تەرەپ نۆۋەتچى رەئىسى، روسىيە ئالتاي چېگرا رايونىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى لارىن بورىس ۋولاكىمىلوۋىچ باشچىلىقىدىكى روسىيە ۋەكىللەر ئۆمىكىدىكىلەر ھەم دۆلىتىمىزنىڭ ھەرقايسى ئۆلكە، رايونلىرىدىن كەلگەن ۋەكىللەر بىلەن كۆرۈشتى.
نۇر بەكرى لارىن بورىس ۋولاكىمىلوۋىچ ۋە ئۇنىڭ ھەمراھلىرىنى قىزغىن قارشى ئالدى. ئۇ مۇنداق دېدى: ئون يىلدىن بۇيان، جۇڭگو – روسىيە چېگرا سودىسى ۋە يەرلىكنىڭ ئىقتىساد – سودا ھەمكارلىقىنى ماسلاشتۇرۇش يىغىنى ئىككى تەرەپنىڭ ئىقتىساد – سودا ئالاقىسى ئۈچۈن نۇرغۇن خىزمەت ئىشلىدى. ماسلاشتۇرۇش يىغىنى ئارقىلىق، جۇڭگو شىنجاڭ ۋە قوشنا ئەللەرنىڭ چېگرا رايونلىرى ئارىسىدىكى ئىقتىساد – سودا ھەمكارلىقى ۋە ئالاقىسى كۈچىيىپ، ئىككى تەرەپنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن ئاساس سېلىندى.
نۇر بەكرى مۇنداق دېدى: شىنجاڭ جۇڭگودىكى ئىستراتېگىيىلىك ئورۇنغا ئىگە مۇھىم ئاپتونوم رايون بولۇپ، ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش جەريانىدا قوشنا ئەللەرنىڭ چېگرا رايونى بىلەن بولغان ئىقتىساد – سودا ئالاقىسىگە ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىپ كەلدى، ئىككى تەرەپنىڭ ئىقتىسادىي جەھەتتىكى بىر – بىرىنى تولۇقلاشچانلىقى ناھايىتى كۈچلۈك. پورت، قاتناش قۇرۇلۇشلىرىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئارقىلىق، كۆپ ساھە ۋە ھەرقايسى تەرەپلەردىن ئىككى تەرەپ ئارىسىدىكى ئىقتىساد – سودا ئالاقىسى ۋە كۆپ تەرەپلىمە ئالاقە – ھەمكارلىقنى كۈچەيتىشنى ئۈمىد قىلىمەن.
لارىن بورىس ۋولاكىمىلوۋىچ مۇنداق دېدى: روسىيە بىلەن جۇڭگونىڭ تاغ – دەريالىرى تۇتاش بولۇپ، ئەنئەنىۋى دوستلۇقى ئۇزاقتىن بۇيان داۋاملىشىپ كېلىۋاتىدۇ. روسىيە بىلەن جۇڭگونىڭ ھەرقايسى ساھەلەردىكى ھەمكارلىق مۇناسىۋىتىنىڭ راۋاجلىنىشى پارلاق ئىستىقبالغا ۋە غايەت زور يوشۇرۇن كۈچكە ئىگە، ئىككى دۆلەت چېگرا رايونلىرى مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتى بۇ جەرياندا مۇھىم رول ئوينايدۇ، ئىككى تەرەپ جەزمەن ئۆز ئارا ياردەم بېرىپ، ئورتاق تەرەققىي قىلىشى كېرەك.
|