باش بەت | خەۋەر مەركىزى | گۈزەل شىنجاڭ | مەدەنىيەت | تەڭرىتاغ ئەدەبىياتى | تۇرمۇش | تەڭرىتاغ ئېكرانى | پارتىيە–ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى | بېكىتىمىز
ئۈرۈمچىدە بۈگۈن ھاۋا ئوچۇق بولۇپ، يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃32،تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃21بولىدۇ.
ئاپەت بولغان رايونلاردا باھاغا ئارىلىشىش تەدبىرى يولغا قويۇلىدۇ
2008- 06- 11 11:18 شىنجاڭ گېزىتى

     يېقىندا دۆلەت تەرەققىيات – ئىسلاھات كومىتېتىنىڭ مۇناسىۋەتلىك مەسئۇلى:  ئاپەت بولغان رايوندا مۇھىم تاۋارلارنىڭ بازاردىكى تەمىنلىنىش ئەھۋالى ۋە باھاسىنى كۈندە كۆزىتىش تۈزۈمى ئورنىتىلدى. بۇ مېخانىزم بويىچە ئاپەت بولغان رايوندىكى يېمەكلىك، دورا، ئىچىدىغان سۇ، يېقىلغۇ قاتارلىق ئاھالىلەر تۇرمۇشىغا زۆرۈر بۇيۇملار ۋە قۇرۇلۇش ماتېرىياللىرى، يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىش ۋاسىتىلىرى قاتارلىق ئاپەتتىن كېيىنكى قايتا قۇرۇشقا لازىم ماددىي – ئەشيالارنىڭ باھاسى كۆزىتىلىدۇ. ئاپەتتىن پايدىلىنىپ قاچىلىق تاماق، تەييار چۆپ، پېچىنە – پىرەنىك، مىنېرال سۇ قاتارلىق زۆرۈر بۇيۇملارنىڭ باھاسىنى ھە – ھۇ بىلەن ئۆستۈرۈپ، ھارام پايدا ئېلىش قىلمىشلىرىغا زەربە بېرىلىدۇ، دېدى.

     دۆلەت تەرەققىيات – ئىسلاھات كومىتېتى ئاپەت بولغان رايوندىكى باھا باشقۇرۇش تارماقلىرىدىن باھا پەرق نىسبىتى ياكى پايدا نىسبىتىگە چەك قويۇش، چەكلىمە باھانى بەلگىلەش، باھانى ئۆستۈرۈشتە مەلۇم قىلىش تۈزۈمى ۋە باھانى تەڭشەشتە ئەنگە ئالدۇرۇش تۈزۈمىنى يولغا قويۇش قاتارلىق باھاغا ئارىلىشىش تەدبىرىنى ۋاقتىدا قوللىنىشنى، باشقا جايلاردىكى باھا باشقۇرۇش تارماقلىرىدىنمۇ شۇ جايدىن ئاپەت بولغان رايونغا يۆتكىلىدىغان مۇناسىۋەتلىك ماددىي – ئەشيالارنىڭ باھاسىنى نازارەت قىلىش – باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، باھانىڭ زور نىسبەتتە ئۆسۈپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشنى تەلەپ قىلدى.

     دۆلەت تەرەققىيات – ئىسلاھات كومىتېتى باھانى تەڭشەش فوندى قۇرۇلغان رايونلاردىن باھانى تەڭشەش فوندىنى پائال ئىشلىتىپ، ئاپەتكە ئۇچرىغان ئاممىغا ۋە مۇھىم قوشۇمچە يېمەكلىكلەرنى ئىشلەپچىقىرىش، ئوبوروت قىلىش ھالقىلىرىغا مۇۋاپىق تولۇقلىما بېرىپ، ئاپەت بولغان رايوننىڭ نورمال ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇش تەرتىپىنى تېز ئەسلىگە كەلتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇشنى تەلەپ قىلدى.

( مۇھەررىر : ئامانگۈل )

نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى

تېلېفون:Tel:0991-8521981       ئەسەر ئەۋەتىڭ         قوشۇۋېلىڭ       قوشۇۋېلىڭ