باش بەت | خەۋەر مەركىزى | گۈزەل شىنجاڭ | مەدەنىيەت | تەڭرىتاغ ئەدەبىياتى | تۇرمۇش | تەڭرىتاغ ئېكرانى | پارتىيە–ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى | بېكىتىمىز
ئۈرۈمچىدە بۈگۈن ھاۋا ئوچۇق بولۇپ، يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃32،تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃21بولىدۇ.
ئېنېرگىيە بىخەتەرلىكى ئۈچۈن ئاشلىق بىخەتەرلىكىنى قۇربان قىلىشقا بولمايدۇ
2008- 06- 11 11:17 شىنجاڭ گېزىتى

     يېقىندىن بۇيان خەلقئارا بازاردا ئاشلىق باھاسىنىڭ ئۆسۈشىنىڭ تەسىرىدە، جامائەتچىلىك: بىئوماسسا ئېنېرگىيە ئېھتىياجىنىڭ تېز ئېشىشى ئاپتوموبىل بىلەن ئىنسانلار ئاشلىق تالىشىدىغان ۋەزىيەتنى بارلىققا كەلتۈردى، دەپ قارىدى. بۇنىڭ بىلەن ئېلىمىزدە بىئوماسسا ئېنېرگىيە مەسىلىسىنى قانداق ھەل قىلىش مەسىلىسى ساھەلەرنىڭ دىققىتىنى قوزغىدى. يېزا ئىگىلىك مىنىستىرلىكىنىڭ مىنىستىرى سۇن جىڭسەي: ھازىر بىئوماسسا ئېنېرگىيە مەسىلىسىنى ھەل قىلىش بىلەن بۇ قېتىمقى ئاشلىق باھاسىنىڭ تېز ئۆسۈشى، تەمىنلەشنىڭ جىددىي بولۇشى ئوتتۇرىسىدىكى بەس – مۇنازىرە ناھايىتى كۆپ بولۇۋاتىدۇ. كىشىلەر ھەتتا بىئو يېقىلغۇ ئىشلەپچىقىرىشنى توختىتىشنى مۇراجىئەت قىلماقتا، بۇ مەسىلىلەر ھەقىقەتەن يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىشكە ئەرزىيدۇ، دېدى.

     سۈن جىڭسەي: ئېنېرگىيە بىخەتەرلىكى بىلەن ئاشلىق بىخەتەرلىكى ئىنسانلار دۇچ كەلگەن ئىككى چوڭ مەسىلە. لېكىن ئېنېرگىيە بىخەتەرلىكى ئۈچۈن ئاشلىق بىخەتەرلىكىنى قۇربان قىلىشقا بولمايدۇ. جەزمەن جۇڭگوچە بىئوماسسا ئېنېرگىيە مەنبەسىنى تېپىپ چىقىش، تەرەققىي قىلدۇرۇش يولىدا مېڭىپ، بىئوماسسا ئېنېرگىيىسىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشتا ئىنسانلار بىلەن ئاشلىق تالاشماسلىق، ئاشلىق تېرىلىدىغان يەرنى تالاشماسلىق پرىنسىپىدا باشتىن – ئاخىر چىڭ تۇرۇپ، كۆممىقوناق، ياغلىق دان قاتارلىق ئاشلىق مەھسۇلاتلىرى بىلەن بىئو  يېقىلغۇ ئىشلەپچىقىرىشنى قاتتىق تىزگىنلەش كېرەك. شۇنىڭ بىلەن بىللە، شاخ – شۇمبا، چارۋا مال ۋە ئۆي قۇشلىرى ئوغۇتلىرىدىن تولۇق پايدىلىنىپ يېزىلاردا پاتقاق گازى ۋە شاخ – شۇمبىنى گازلاشتۇرۇش، قاتتىقلاشتۇرۇش، نېفىت خىمىيە ئېنېرگىيىسىنىڭ ئورنىدا ئىشلىتىلىدىغان ئېنېرگىيىنى زور كۈچ بىلەن راۋاجلاندۇرۇش، شاخ – شۇمبىدىن پايدىلىنىپ ۋە ئېنېرگىيىلىك زىرائەتلەرنى مۇۋاپىق كۆپەيتىپ، بىئو يېقىلغۇ ئىشلەپچىقىرىش يولىدا باشتىن – ئاخىر چىڭ تۇرۇش كېرەك، دېدى.

‹‹گېزىت – ژۇرناللاردىن تەرمىلەر››دىن  
 

( مۇھەررىر : ئامانگۈل )

نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى

تېلېفون:Tel:0991-8521981       ئەسەر ئەۋەتىڭ         قوشۇۋېلىڭ       قوشۇۋېلىڭ