|
يېقىندا ج ك پ مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى، ج ك پ مەركىزىي كومىتېت تەشكىلات بۆلۈمى ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ، پارتىيە، ھۆكۈمەت ئورۇنلىرىدىكى ھازىرقى ۋەزىپىسىدىن چېكىنگەن، پېنسىيە يېشىغا يېقىنلاشقان ياكى توشقان رەھبىرىي كادىرلارنىڭ كارخانىلاردا قوشۇمچە ۋەزىپە ئۆتىشىگە پرىنسىپ جەھەتتىن يول قويۇلمايدىغانلىقى ھەم ئورۇنلاشتۇرۇلمايدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى.
ئۇقتۇرۇشتا مۇنۇلار تەكىتلەندى: تەستىقلىنىش ئارقىلىق كارخانىلاردا قوشۇمچە ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان رەھبىرىي كادىرلارنىڭ شۇ كارخانىلاردا مائاش، مۇكاپات ئېلىشىغا، پاي ھوقۇقىغا ئېرىشىشىگە يول قويۇلمايدۇ. تەستىقلىنىش ئارقىلىق كارخانىلاردا ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان رەھبىرىي كادىرلارنىڭ مەمۇرىي ۋە مائاش مۇناسىۋەتلىرى شۇ كارخانىغا يۆتكەپ بېرىلىشى، مەمۇرلۇق سالاھىيىتى ۋە پارتىيە، ھۆكۈمەت ئورۇنلىرىدىكى تەمىناتلىرى بىكار قىلىنىشى كېرەك.
‹‹گېزىت – ژۇرناللاردىن تەرمىلەر››دىن
|