|
يەر تەۋرەشكە تاقابىل تۇرۇپ، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش جەريانىدا نامايان قىلىنغان ئىنسانپەرۋەرلىك روھى ھەر بىر جۇڭگولۇقنى چوڭقۇر تەسىرلەندۈردى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، ھىندونېزىيىدىكى دېڭىز تاشقىنى ئاپىتىدە يۈز بەرگەن بىر ھېكايىنى ئېسىمگە سالدى. ئەينى چاغدا ئون ياشلىق ئەنگلىيىلىك قىزچاق تېلى ئاتا – ئانىسى بىلەن تايلاندنىڭ پۇگى ئارىلى ساھىلىدە ئارام ئېلىۋاتقانىدى. تاشقىن كۆتۈرۈلۈشتىن بىر نەچچە مىنۇت ئىلگىرىلا، ئۇ دېڭىز يۈزىدە نۇرغۇن كۆپۈكچىنىڭ پەيدا بولغانلىقىنى كۆرۈپ، ئۆزىنىڭ مەكتەپتە ئۆگەنگەن دېڭىز تاشقىنىغا دائىر بىلىمى بويىچە تاشقىننىڭ بىر نەچچە مىنۇت ئىچىدىلا كۆتۈرۈلىدىغانلىقىنى پەملىگەن ھەم ئاتا – ئانىسى ۋە دېڭىز ساھىلىدىكى بارلىق ساياھەتچىگە خەۋەر قىلغان. شۇنىڭ بىلەن بۇ دېڭىز ساھىلى پۇلى دېڭىز قىرغىقى بويىچە تالاپەت كۆرۈلمىگەن بىردىنبىر يەر بولۇپ قالغان.
بۇ ھېكايىدىن شۇنى ھېس قىلالايمىزكى، جەمئىيەتتىكىلەرنىڭ ئاپەتكە تاقابىل تۇرۇش، ئاپەتتىن مۇداپىئەلىنىش ئېڭى ئىنتايىن مۇھىم. بۇ بىلىملەرنى ئىگىلەش ئۆزىگە مەسئۇل بولغاندىن سىرت، ھاياتقا مەسئۇل بولغانلىق، شۇنداقلا ھازىرقى زامان پۇقراسىدا بولۇشقا تېگىشلىك ساپا. ياۋروپا تاشقىن كۆپ يۈز بەرمەيدىغان رايون، ھالبۇكى بىر ئەنگلىيىلىك قىزچاقنىڭ بۇنىڭغا دائىر بىلىملەرنى بىلىشى ھەم ئەتراپىدىكى كىشىلەرنى ئاگاھلاندۇرغانلىقىدەك ئاپەتتىن مۇداپىئەلىنىش ئېڭى كىشىنى قايىل قىلىدۇ. شۇنى پەرەز قىلىشقا بولىدۇكى، مۇبادا بۇ جەھەتتىكى خىزمەتلەرنى قانچە چوڭقۇر، تېخىمۇ كەڭ ئىشلىگەن بولساق، يەر تەۋرەش ئاپىتى قاتارلىق تەبىئىي ئاپەت كەلتۈرۈپ چىقارغان زىيان شۇنچە ئاز بولغان بولاتتى.
بۇ قېتىمقى ۋېنچۇەندىكى يەر تەۋرەش ئاپىتى توغرىسىدىكى خەۋەرلەرگە قارىغاندا، يەر تەۋرەش ئاپىتىدىن كېيىن، قۇتۇلۇپ قالغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئېيىتىشىچە، ئۇلار تاكى تورۇس ئۆرۈلۈپ چۈشكىچە يەر تەۋرىگەنلىكىنى پەقەتلا ھېس قىلالمىغان؛ ئاپەتكە ئۇچرىغان ئامما ئىنتايىن يوغان تېلېۋىزورنى بىللە ئېلىپ قاچقان؛ بەزىلىرى دەرەخ ئاستىغا، ئۆيدىكى لىمنىڭ ئاستىغا مۆكۈنۈۋېلىپ، بۇنى ئەڭ بىخەتەر قېچىش ئۇسۇلى دەپ قالغان؛ ھەتتا بەزى قىز ئوقۇغۇچىلار بىنادىن سەكرەپ قېچىپ كەتكەندىن كېيىن، باشقىلارنى قۇتقۇزۇش ئۈچۈن بىناغا يەنە كىرىپ، ئاندىن 3 – قەۋەتتىن يەنە سەكرىگەن... بۇلارنىڭ ھەممىسى يەر تەۋرەشتىن مۇداپىئەلىنىشكە مۇخالىپ ئۆزىنى قۇتقۇزۇش ئۇسۇللىرى بولسىمۇ، بىراق يەنە نۇرغۇن كىشى بۇ ئۇسۇللارنى قالايمىقان قوللىنىۋاتىدۇ.
يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، كىشىلەرنىڭ تۇرمۇشى باياشاتلاشتى، جەمئىيەت تەرەققىي قىلدى، ئىمارەتلەرمۇ ئېگىز سېلىنىدىغان بولدى، يوللار كېڭەيدى، ۋەھالەنكى نۇرغۇن كىشىنىڭ ئاپەتكە تاقابىل تۇرۇش، ئۆزىنى قۇتقۇزۇش ئېڭى بارغانسېرى سۇسلىشىشقا باشلىدى. ساپا مائارىپىغا ئىنتايىن ئەھمىيەت بەرسەكمۇ، بىراق دائىم بۇنى نەتىجە، بىلىم، ماھارەت قاتارلىق تەربىيىگە بىرلەشتۈرۈۋېلىپ، ئاساسىي تۇرمۇش ئىقتىدارى، تۇرمۇش بىلىمىگە سەل قاراپ قالىمىز. نۇرغۇن كىشى ئاغزىدا جاھاننى سورىغان بىلەن ئەمەلىيەتتە قولىدىن ھېچقانداق ئىش كەلمەيدۇ؛ نۇرغۇن بالا مىكرو دولقۇنلۇق ئوچاق، توك ئوچاقنى ئىشلىتەلىگەن بىلەن سەرەڭگە يېقىشنى بىلمەيدۇ؛ بەزىلەرنىڭ نەتىجىسى ئەلا بولغىنى بىلەن ئۆزىنى قۇتقۇزۇش ۋە قېچىشنىڭ ئەڭ ئاساسىي ئۇسۇلىنىمۇ بىلمەيدۇ.
بۇ نۇقتىدىن قارىغاندا، جەمئىيەت ۋە ئىقتىساد قانچە تەرەققىي قىلغانسېرى، ئاپەتكە تاقابىل تۇرۇپ، ئۆزىنى قۇتقۇزۇش تەربىيىسىنى شۇنچە چىڭ تۇتۇشقا توغرا كېلىدۇ.
جۇڭگو تەبىئىي ئاپەت كۆپ كۆرۈلىدىغان دۆلەت. ب د ت ئاپەتنى ئازايتىش پەن – تېخنىكا كومىتېتىنىڭ دوكلاتىدا: جۇڭگو دۇنيا بويىچە تەبىئىي ئاپەت ئەڭ ئېغىر بولىدىغان ئاز ساندىكى دۆلەتلەرنىڭ بىرى، دېيىلدى. بۇنداق تەبىئىي مۇھىتتا تاسادىپىي يۈز بېرىدىغان تەبىئىي ئاپەت سىز ۋە ئائىلىڭىزدىكىلەرنىڭ، شۇنداقلا ھەمراھلىرىڭىزنىڭ ھاياتىغا خەۋپ يەتكۈزۈشى مۇمكىن. پۈتكۈل جەمئىيەت، پۈتكۈل مىللەتنىڭ ئاپەتتىن مۇداپىئەلىنىش، ئۆزىنى قۇتقۇزۇش ئېڭىنى كۈچەيتىش سەل قاراشقا بولمايدىغان چوڭ ئىش. يۇقىرىدا ھۆكۈمەت، ئالاقىدار تارماقلاردىن، تۆۋەندە ھەر بىر پۇقراغىچە يېتەرلىك سەزگۈرلۈك بولۇشى زۆرۈر.
‹‹يەر شارى ۋاقىت گېزىتى››دىن
|