|
سىچۇەندىكى يەر تەۋرەشتە جۇڭگو دۇنيادا ئاز كۆرۈلىدىغان ئاپەتكە ئۇچرىدى، جۇڭگونىڭ مەملىكەت بويىچە ھەرىكەتكە كېلىپ ئاپەتكە تاقابىل تۇرۇش ئىرادىسى ۋە ھەرىكىتى دۇنيانى ھەيران قالدۇردى. بىر دۆلەت قىيىنچىلىققا ئۇچرىغاندا ھەر خىل تەنقىدمۇ ھېسىداشلىققا ئەگىشىپلا يېتىپ كېلىدۇ: ئۈچ يىل ئىلگىرى ئامېرىكىدا يۈز بەرگەن ‹‹كاتېرىنا›› قارا بوران ئاپىتى، 13 يىل ئىلگىرى ياپونىيىنىڭ خانشىندا يۈز بەرگەن يەر تەۋرەش ئاپىتىدە، ئامېرىكا ۋە ياپونىيىدەك تەرەققىي تاپقان دۆلەتلەرنىڭ ھۆكۈمىتىمۇ جەمئىيەتنىڭ ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش تەدبىرى كۈچلۈك بولماسلىق توغرىسىدىكى كۈچلۈك تەنقىدىگە ئۇچرىغانىدى؛ ھىندى ئوكياندا يۈز بەرگەن دېڭىز تاشقىنى نۇرغۇن دۆلەتنى زور زىيانغا ئۇچراتتى. بەزى ھۆكۈمەتلەر ھەتتا جەمئىيەتنى قۇتقۇزۇش ئىقتىدارىنى يوقاتتى؛ يېقىندا، ئىسسىق بەلباغ قارا بورىنىنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچرىغان بىرما ھۆكۈمىتىمۇ زور بېسىمغا دۇچ كەلمەكتە. بىراق غەرب ئاخبارات ۋاسىتىلىرىدە كۆپ قېتىم ئەيىبلەنگەن جۇڭگو بۇ قېتىم دۇنيا جامائەت پىكرىنىڭ ئىجابىي باھاسىغا ئېرىشتى، مەيلى جۇڭگو ھۆكۈمىتى، خەلق ئازادلىق ئارمىيىسى بولسۇن، مەيلى پىدائىيلار بولسۇن، ھەممىسى مۇئەييەنلەشتۈرۈلدى.
قارا بوران، يەر تەۋرەش ئاپىتى ئىلگىرى ئامېرىكىنى ئوسال ئەھۋالغا چۈشۈرۈپ قويغان
2005 – يىلىدىكى ‹‹كاتېرىنا›› قارا بورىنى ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنى ئۈچ يىلغا يېقىن ئوسال ئەھۋالغا چۈشۈرۈپ قويغانىدى. شۇ قېتىمقى قارا بوران ئاپىتى ئامېرىكا تارىخىدىكى ئەڭ كۈچلۈك بەش قېتىملىق قارا بوران ئاپىتىنىڭ بىرى بولۇپ، ئاپەتكە ئۇچرىغان كۆلەم ئەنگلىيە زېمىنىغا تەڭ كېلەتتى. ئاپەتتە 1300دىن ئارتۇق كىشى قازا قىلغان، ئىقتىسادىي زىيان 96 مىليارد دوللارغا يەتكەن. ‹‹كاتېرىنا›› قارا بوران ئاپىتى يۈز بەرگەن دەسلەپكى مەزگىلدىلا، ئامېرىكىدىكى ھەر دەرىجىلىك ھۆكۈمەتلەر تەنقىدكە ئۇچرىغانىدى. تەنقىد قىلغۇچىلار ھۆكۈمەتنى قارا بوران ئاپىتىنىڭ زىيىنىدىن ساقلىنىشقا تەييارلىقى يېتەرلىك بولمىدى، ئاپەتتىن كېيىنكى ئىنكاسى ئاستا بولدى، باشقۇرۇشى مۇكەممەل بولمىدى، رەھبەرلىك ئاجىز بولدى، دەپ ئەيىبلىدى. بۇش زۇڭتۇڭمۇ جامائەت پىكرى ھۇجۇمىنىڭ نىشانىغا ئايلىنىپ قالدى، چۈنكى قارا بوران ئاپىتى يۈز بەرگەندە ئۇ دەم ئېلىۋاتقان بولۇپ، ئىككى كۈندىن كېيىن دەم ئېلىشنى مۇددەتتىن بۇرۇن ئاخىرلاشتۇرۇپ، ‹‹ھاۋا ئارمىيە – 1›› ناملىق مەخسۇس ئايروپىلان بىلەن يېڭى ئورلېئان ئاپەت رايونىغا بارغان، ئون نەچچە كۈندىن كېيىن، قۇرۇقلۇق يولى بىلەن ئاپەت رايونىغا كىرىپ، نەق مەيداننى تەكشۈرگەن. شۇ قېتىمقى ئاپەتتە قازا قىلغۇچىلارنىڭ يېرىمى دېگۈدەك قارا تەنلىكلەر بولغاچقا، جامائەتچىلىك: ئىرق ۋە سىنىپىي كەمسىتىش تۈپەيلىدىن بۇش ئاپەتتىن قۇتقۇزۇشقا سەل قارىدى، دەپ قارىدى.
دۇنيا بويىچە ئاپەتتىن مۇداپىئە كۆرۈش، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش تۈزۈلمىسى ئەڭ مۇكەممەل دەپ قارالغان ياپونىيە ھۆكۈمىتىمۇ ئىلگىرى خانشىندىكى يەر تەۋرەش ئاپىتى تۈپەيلىدىن ئەيىبلەشكە ئۇچرىغان. 1995 – يىلى 17 – يانۋار سەھەردە خانشىندا يەر تەۋرەپ، تەۋرەش دولقۇنى پۈتكۈل كانساي رايونىغا تەسىر كۆرسەتتى، كاندو شەھىرىنىڭ كونىشەھەر رايونىنى ۋەيران قىلىپ، 6000 كىشى قازا قىلدى، 40 مىڭدىن ئارتۇق كىشى يارىلاندى، 300 مىڭدىن ئارتۇق كىشى ئۆي – ماكانسىز قالدى. ياپونىيە ھۆكۈمىتىنىڭ ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش جەريانىدىكى ئىپادىسى ئاممىنىڭ ئويلىغان يېرىدىن چىقمىدى. ئالدى بىلەن ھۆكۈمەتنىڭ قوغدىنىش ئەترىتىنى ئاجرىتىپ ئىنكاس قايتۇرۇشى ئاستا بولدى. كاندو شەھىرىدىكى ئاپەتكە ئۇچرىغان ئامما ئاپەت يۈز بېرىپ 12 سائەتكىچە قۇتقۇزۇشقا كەلگەن قوغدىنىش ئەترىتىنى ئۇچرىتالمىدى. ھۆكۈمەت ئەۋەتكەن باشقا جايلاردىكى قوغدىنىش ئەترىتى قۇتقۇزغۇچىلىرىمۇ ئاپەت رايونى مەركىزىگە ئۈچ كۈندىن كېيىن باردى.
تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەر تېخىمۇ بىچارە ھالغا چۈشۈپ قالدى
دۆلەتنىڭ ئەمەلىي كۈچى بار، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش، جىددىي تاقابىل تۇرۇش مېخانىزمى ماس ھالدا مۇكەممەل تەرەققىي قىلغان دۆلەتلەرگە سېلىشتۇرغاندا، تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەردە بارغانچە كۆپ يۈز بېرىۋاتقان تەبىئىي ئاپەت ئالدىدا تېخىمۇ كۆپ مەسىلىلەر ئاشكارىلاندى.
2004 – يىلىنىڭ ئاخىرىدىكى 8.9 بال يەر تەۋرەش ئاپىتى ھىندى ئوكيان دېڭىز تاشقىنىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى، بۇ 20 نەچچە دۆلەتكە تەسىر كۆرسەتتى، 200 مىڭدىن ئارتۇق كىشى قازا قىلدى، ھىندونېزىيە ھۆكۈمىتى بىر مەھەل پالەچ ھالغا چۈشۈپ قالدى. ھىندونېزىيە ئاتسېخ جۇڭگولۇقلار ساخاۋەت فوندى جەمئىيىتىدىكى سەي ۋېنلۇڭ ئەپەندى شۇ چاغدىكى ئىشلارنى ئەسلەپ مۇنداق دېدى: دېڭىز تاشقىنى يۈز بەرگەندىن كېيىن، باندا ئاچى ئۆلكىسى خارابىلىققا ئايلاندى، يەرلىك ھۆكۈمەت ئاپپاراتلىرى پالەچ ھالغا چۈشۈپ قېلىپ، ئىقتىدارىنى يوقاتتى. يەر تەۋرەش ۋە دېڭىز تاشقىنى چەت، ياقا جايدا يۈز بەرگەنلىكى ئۈچۈن، قاتناش ئۈزۈلۈپ قېلىپ، نۇرغۇن جاي قۇتقۇزۇش ئەشيالىرىنى قوبۇل قىلالمىدى، ھۆكۈمەت تەشكىلاتى بولمىغان ئەھۋالدا، ئېچىرقاپ كەتكەن خەلق ماددىي ئەشيا، يېمەكلىك، دورىلارنى بۇلاشقا باشلىدى، كىيىم – كېچەك يېتىشمىدى، يۇقۇملۇق كېسەل يامراپ كەتتى، ئاپەت تېخىمۇ يامانلاشتى.
2006 – يىلى 7 – ئايدا، بومبايدىكى قارا يامغۇر ئاپىتىدە ھىندىستان ھۆكۈمىتىنىڭ تاسادىپىي ئەھۋالغا تاقابىل تۇرۇش جەھەتتىكى تەييارلىقىنىڭ يېتەرلىك ئەمەسلىكى تولۇق ئاشكارىلاندى. ئۇدا بىر قانچە كۈن ياققان قارا يامغۇر تۈپەيلىدىن بومباي شەھىرىدىكى يىغىلىپ قالغان سۇ بىر مېتىردىن ئېشىپ، تۆمۈر يول، تاشيول، ھاۋا قاتنىشى ۋە ئالاقە پۈتۈنلەي ئۈزۈلۈپ قالدى، ھىندىستان ھۆكۈمىتى ھېچقانداق تاقابىل تۇرۇش لايىھىسىنى ئوتتۇرىغا چىقىرالماي، قارا يامغۇرنىڭ پەسىيىشىنى كۈتۈشكە مەجبۇر بولدى.
ئافرىقىدا، 2003 – يىلى ئالجىرىيىدە زور يەر تەۋرەش ئاپىتى يۈز بەرگەندىن كېيىن، ھۆكۈمەت گەرچە نۇرغۇن ھەربىي، تېببىي خادىملارنى ئاپەتتىن قۇتقۇزۇشقا سەپەرۋەر قىلىپ، 38 دۆلەتنىڭ قۇتقۇزۇش ئەترىتىنىڭ ياردىمىگە ئېرىشكەن بولسىمۇ، بىراق تۈرلۈك تۇرمۇش قىيىنچىلىقى تۈپەيلىدىن، ئۆزىنى باسالماي، ئاپەت ئەھۋالىنى تەكشۈرۈشكە كەلگەن زۇڭتۇڭغا تاش ئاتقۇچىلارمۇ بولدى.
جۇڭگو ئاپەتكە تاقابىل تۇرۇشتا ھۆرمەتكە سازاۋەر بولدى
جۇڭگونىڭ سىچۇەن ئۆلكىسىدە يۈز بەرگەن زور يەر تەۋرەش ئاپىتىدە دۇچ كەلگەن قىيىنچىلىقى ۋە جۇڭگونىڭ تەبىئىي ئاپەت كۆپ يۈز بېرىش دەرىجىسى يۇقىرىقى ھەر قانداق دۆلەتنىڭكىدىن ئېشىپ كېتىدۇ. ب د ت ئاپەتنى ئازايتىش پەن – تېخنىكا كومىتېتىنىڭ ستاتىستىكا ماتېرىيالىدا كۆرسىتىلىشىچە، جۇڭگو دۇنيادىكى تەبىئىي ئاپەت ئەڭ ئېغىر بولىدىغان ئاز ساندىكى دۆلەتلەرنىڭ بىرى بولۇپ، يېقىنقى 300 يىلدىن بۇيان، دۇنيا بويىچە قازا قىلغۇچىلار 100 مىڭدىن ئاشقان 50 قېتىملىق تەبىئىي ئاپەتنىڭ 26 سى جۇڭگودا يۈز بەرگەن بولۇپ، قازا قىلغۇچىلارنىڭ %68 ىنى ئىگىلىگەن. سىچۇەندە يۈز بەرگەن يەر تەۋرەش ئاپىتى جۇغراپىيە، تەبىئىي مۇھىت كەلتۈرۈپ چىقارغان قۇتقۇزۇشنىڭ قىيىنلىق دەرىجىسى جەھەتتە، يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغاندىن بۇيانقى ئەڭ چوڭ ئاپەت بولۇپ، جۇڭگو ھۆكۈمىتىنىڭ ئىنكاس قايتۇرۇش سۈرئىتىنىڭ تېزلىكى دۇنيا ئەھلىنى ھەيران قالدۇردى. توردا بەزىلەر جۇڭگو ھۆكۈمىتى بىلەن ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ يەر تەۋرەش، قارا بوران ئاپىتىدىكى ئىپادىسىنى سېلىشتۈرغان. 12 – ماي ۋېنچۇەندە يەر تەۋرەش ئاپىتى يۈز بېرىپ، بىر سائەت 22 مىنۇتتىن كېيىن، ئازادلىق ئارمىيە باش شتابى جىددىي ئەھۋالغا تاقابىل تۇرۇش لايىھىسىنى يولغا قويدى؛ ئىككى يېرىم سائەتتىن كېيىن، گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى ۋېن جياباۋ ئاپەت رايونىغا ئاتلاندى؛ تۆت سائەتتىن كېيىن، قوراللىق ساقچى قىسىمنىڭ 2900 خادىمى ئاپەت رايونىغا كىردى؛ بەش سائەتتىن كېيىن، قىسىم قوماندانلىق گۇرۇپپىسى ئاپەت رايونىغا كىردى. 2005 – يىلى 29 – ئاۋغۇست ‹‹كاتېرىنا›› ناملىق قارا بوران قۇرۇقلۇققا چىقىپ بەش سائەتتىن كېيىن، ئامېرىكا قوشما شتات جىددىي قۇتقۇزۇش ئىدارىسى 1000 قۇتقۇزۇش خادىمىنى ‹‹ئىككى كۈن ئىچىدە›› ئاپەت رايونىغا ئەۋەتىشنى تەلەپ قىلغان؛ 36 سائەتتىن كېيىن، ئاقساراي قۇتقۇزۇش قوماندانلىق شتابى قۇرۇپ، ‹‹ئىككى كۈن ئىچىدە خىزمەتلەرنى قانات يايدۇرۇش››نى قارار قىلغان؛ ئىككى كۈندىن كېيىن، بۇش دەم ئېلىشنى توختىتىشنى قارار قىلغان؛ ئۈچ كۈندىن كېيىن، 6500 قوغدىنىش ئەترىتى ئەزاسى بۇيرۇق بويىچە ئاپەت يۈز بەرگەن يېڭى ئورلېئانغا يېتىپ بارغان.
مۇشۇنداق قىيىن ئەھۋالدا، جۇڭگونىڭ قۇتقۇزۇش ھەرىكىتى ۋە پۈتكۈل جۇڭگولۇقلاردا نامايان بولغان ئىتتىپاقلىق، قەتئىي روھ دۇنيا ئەھلىنى چوڭقۇر تەسىرلەندۈردى. غەرب ئاخبارات ۋاسىتىلىرى ئىلگىرىكى جۇڭگو شىزاڭ مەسىلىسى، ‹‹ئىنسانىي ھوقۇق›› قاتارلىقلارغا قارىتىلغان ئەيىبلەشلەرنى توختىتىپ، جۇڭگوغا قايتىدىن نەزەر سېلىشقا باشلىدى.
‹‹يەر شارى ۋاقىت گېزىتى›› دىن
|