باش بەت | خەۋەر مەركىزى | گۈزەل شىنجاڭ | مەدەنىيەت | تەڭرىتاغ ئەدەبىياتى | تۇرمۇش | تەڭرىتاغ ئېكرانى | پارتىيە–ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى | بېكىتىمىز
ئۈرۈمچىدە بۈگۈن ھاۋا ئوچۇق بولۇپ، يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃32،تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃21بولىدۇ.
تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، تەدبىر بەلگىلەشنى ئىلمىيلاشتۇرايلى
2008- 06- 11 10:34 شىنجاڭ گېزىتى

ئۆمەرجان سۇلايمان

     تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشنى كۈچەيتىش پارتىيىمىزنىڭ ئېسىل ئەنئەنىسى ۋە ئىستىلى، شۇنداقلا پارتىيىمىزنىڭ تەجرىبىلەرنى يەكۈنلەپ، قانۇنىيەتنى تونۇپ، نەزەرىيىدە يېڭىلىق يارىتىشنى تېزلىتىشتىكى ۋاسىتىسى. يولداش ماۋ زېدۇڭنىڭ ‹‹تەكشۈرمىگەننىڭ پىكىر بايان قىلىش ھوقۇقى يوق›› دېگەن ھۆكۈمى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش خىزمىتىنىڭ مۇھىملىقى ۋە پارتىيىمىزنىڭ خىزمەت ئۇسۇلىنىڭ ماھىيىتىنى كۆرسىتىپ بەرگەنىدى. يولداش خۇ جىنتاۋ: ‹‹تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش بىزنىڭ ئىشلارنى پىلانلىشىمىزنىڭ ئۇلى، ئىشلارنى ۋۇجۇدقا چىقىرىشىمىزنىڭ يولى›› دەپ كۆرسەتتى ھەم تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشنىڭ خىزمەتلەرنى ياخشى ئىشلەش ۋە ئىسلاھاتنى تېخىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇشنىڭ ئاساسى ۋە ئىلمىي تەدبىر بەلگىلەشنىڭ ئالدىنقى شەرتى ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى.

      ‹‹تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشنى كۈچەيتىش›› مەسىلىسىنىڭ ئوتتۇرىغا قويۇلۇشى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش خىزمىتىگە تولۇق ئەھمىيەت بېرىدىغانلىقىنى نامايان قىلدى. بۇ، ئىسلاھات ۋە تەرەققىيات داۋامىدىكى بەزى ئىجتىمائىي مەسىلىلەرنى ياخشى بىر تەرەپ قىلىپ، ئىلمىي تەرەققىياتنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ئىناق جەمئىيەت بەرپا قىلىشتا مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە.

     1. ئىلمىي تەدبىر بەلگىلەشنى ئىلمىي تەرەققىياتنى ئىشقا ئاشۇرۇشنىڭ ئالدىنقى شەرتى قىلىشىمىز كېرەك. ئىلمىي تەرەققىيات ئىلمىي تەدبىر بەلگىلەشتىن ئايرىلالمايدۇ. ئىلمىي تەدبىر بەلگىلەش ئىلمىي تەرەققىياتنىڭ مۇھىم ئاساسى. ئىلمىي تەدبىر بەلگىلەشتە ئىلمىي تەرەققىيات قارىشىنى يېتەكچى قىلىپ، ئىلمىي تەدبىر بەلگىلەش سەۋىيىسىنى ئۆستۈرۈپ، ئىلمىي تەدبىر بەلگىلەش ئارقىلىق ئىلمىي تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈشىمىز كېرەك. ئىلمىي تەرەققىيات قارىشى بىلەن باشقا قاراشلارنىڭ پەرقى تەرەققىي قىلىش – قىلماسلىقتا بولماستىن، بەلكى قانداق تەرەققىي قىلىشتا ئىپادىلىنىدۇ. ئىلمىي تەرەققىيات قارىشىنىڭ ئىلمىيلىكى دەل تەرەققىياتنى پارتىيىنىڭ ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش، دۆلەتنى گۈللەندۈرۈشتىكى بىرىنچى ۋەزىپە قىلغانلىقىدا؛ ئادەمنى ئاساس قىلىپ، ئەڭ كەڭ خەلقنىڭ تۈپ مەنپەئىتىنى ئىشقا ئاشۇرۇش، قوغداش، كاپالەتلەندۈرۈشنى پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ بارلىق خىزمىتىنىڭ چىقىش نۇقتىسى ۋە ئەمەلىيلىشىش نۇقتىسى قىلغانلىقىدا؛ ئومۇميۈزلۈك، ماس، ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىياتتا بىر تۇتاش پىلانلاپ تەڭ ئېتىبار بېرىشتە چىڭ تۇرغانلىقىدا گەۋدىلىنىدۇ. يولداش خۇ جىنتاۋ باش شۇجىلىقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئىلمىي تەرەققىي قىلىش، ئادەمنى ئاساس قىلىش، ئىناق جەمئىيەت بەرپا قىلىش توغرىسىدىكى بىر قاتار زور ئىستراتېگىيىلىك ئىدىيىلەرنى ئوتتۇرىغا قويۇشى ۋە ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈشى جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنىڭ يېڭى تەرەققىياتىنى زور دەرىجىدە ئىلگىرى سۈرۈپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىشلىرىنىڭ يېڭى ۋەزىيىتىنى ياراتتى. ئىلمىي تەدبىردىن كېلىپ چىققان ئىلمىي تەرەققىيات ئەمەلىيىتى پارتىيىمىزنىڭ ‹‹زور تەدبىرى›› نىڭ تامامەن توغرا ۋە ئىلمىيلىكىنى ئىسپاتلىدى. ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت بەرپا قىلىش نىشانىغا يېتىشتە دېموكراتىيىنى جارى قىلدۇرۇپ، ئىلىم – پەنگە ھۆرمەت قىلىپ، ئاممىنىڭ ئەقىل – پاراسىتىنى مۇجەسسەملەپ، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشقا ئەھمىيەت بېرىپ، خەلقنىڭ ئەھۋالى ۋە ئارزۇسى تولۇق ئەكس ئەتتۈرۈلگەن، ئەمەلىيەتكە ۋەكىللىك قىلالايدىغان ۋە يېتەكچىلىك قىلالايدىغان ئىلمىي تەدبىر بەلگىلىشىمىز كېرەك. پارتىيە 17 – قۇرۇلتىيى دوكلاتىدا ئۆتكەنكى بەش يىللىق خىزمەتلەردە ساقلانغان پەرق يەكۈنلەنگەندە ‹‹پارتىيىنىڭ ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش ئىقتىدارى يېڭى ۋەزىيەت، يېڭى ۋەزىپىلەرگە دېگەندەك لايىقلىشالمايۋاتىدۇ، ئىسلاھات، تەرەققىيات مۇقىملىقىغا دائىر بەزى زور ئەمەلىي مەسىلىلەر ئۈستىدىكى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش دېگەندەك چوڭقۇر بولمايۋاتىدۇ›› دەپ ئېنىق كۆرسىتىلدى. بۇ، بىزنىڭ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش خىزمىتىمىزدە مەسىلە بارلىقىنى، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشنىڭ ئىلمىي تەدبىر بەلگىلەشتىكى مۇھىملىقىنى چۈشەندۈرىدۇ.

     2. ئىلمىي تەدبىر بەلگىلەشتە تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشقا ئەھمىيەت بېرىشىمىز كېرەك. تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش مۇرەككەپ، مۈشكۈل خىزمەت. تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش جەريانى مەسىلىنى ئىگىلەش، تەھلىل قىلىش ۋە يەكۈن چىقىرىش جەريانىدۇر. تەكشۈرۈش بىلەن تەتقىق قىلىش بىرى كەم بولسا بولمايدىغان ھەم ئايرىۋېتىشكە بولمايدىغان مۇھىم ھالقا. تەكشۈرۈش تەتقىق قىلىشنىڭ ئاساسى ۋە ئالدىنقى شەرتى. ئومۇميۈزلۈك، چوڭقۇر، ئىنچىكە تەكشۈرۈش بولمىغاندا، تەتقىق قىلىشمۇ، توغرا ھەل قىلىشمۇ بولمايدۇ، ئوبيېكتىپ ئەمەلىيەتكە ئۇيغۇن يەكۈن چىقارغىلىمۇ بولمايدۇ. يېڭى ئەسىرنىڭ يېڭى باسقۇچىدا يولداش خۇ جىنتاۋ باش شۇجىلىقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ئاممىۋى لۇشيەندە چىڭ تۇرۇپ، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش خىزمىتىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، ئاممىنىڭ ئارزۇسىنى ئەكس ئەتتۈرىدىغان، پارتىيىنىڭ كوللېكتىپ ئەقىل – پاراسىتىنىڭ جەۋھىرى بولغان ئىلمىي تەرەققىيات قارىشىنى پارتىيىمىزنىڭ يېتەكچى ئىدىيىسى يۈكسەكلىكىگە كۆتۈرۈپ، ئېلىمىز تەرەققىياتىنىڭ ئىلمىي تەرەققىيات يولىغا مېڭىشىغا يول ئاچتى. شۇڭا تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش خىزمىتىدە توغرا مەيدان، ئۇسۇل ئارقىلىق توغرا تەپەككۇر يۈرگۈزۈش كېرەككى، ساختىپەزلىك، رەسمىيەتچىلىك قىلىدىغان قىلمىشلاردىن ساقلىنىپ، ئىلمىي تەدبىر بەلگىلىشىمىز كېرەك.

        3. ئىلمىي تەرەققىياتقا تەسىر يەتكۈزۈۋاتقان ۋە ئۇنى چەكلەۋاتقان گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشىمىز كېرەك. خەلقئارا ۋەزىيەتتىن قارىغاندا، ئىقتىسادنىڭ يەرشارىلىشىشى ۋە رايونلار ھەمكارلىقىنىڭ تەرەققىي قىلىشى ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلاشماقتا، تەرەققىي تاپقان ئەللەرنىڭ مەبلەغ، تېخنىكا، ئىختىساسلىقلار ئەۋزەللىكى خەلقئارا بازاردا يېتەكچى ئورۇندا تۇرماقتا، بۇنىڭ بىلەن تەرەققىي قىلىۋاتقان ئەللەر زور بېسىمغا دۇچ كەلمەكتە؛ دۆلەت ئىچىدىن قارىغاندا، ئېلىمىزنىڭ ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش ئىشلىرى ئاچقۇچلۇق پەيتكە قەدەم قويدى، ئىقتىسادىي تۈزۈلمە، ئىجتىمائىي قۇرۇلما، ئىدىيىۋى قاراش قاتارلىقلارنىڭ ئۆزگىرىشى، مەنپەئەت ۋەزىيىتىنىڭ تەڭشىلىشى چوڭقۇر قاتلامدىكى بەزى زىددىيەت ۋە مەسىلىلەرنى ئاشكارىلىدى. يېڭى تارىخىي نۇقتىدا تۇرۇپ ئىلمىي، ئىناق تەرەققىياتنى ئىشقا ئاشۇرۇش تەدبىرىنىڭ ئىلمىي بولۇشى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشنى كۈچەيتىپ، نەزەرىيە تەييارلىقىنى تولۇق قىلىشنى، سىياسەت تەپەككۇر يولىنىڭ ئەتراپلىق بولۇشىنى، ئۇسۇل ۋە قەدەم – باسقۇچنىڭ مۇۋاپىق بولۇشىنى تەلەپ قىلىدۇ. شۇڭا تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش ئارقىلىق خىزمەتتىكى ئالدىن كۆرەرلىكنى، سىستېمىچانلىقنى ۋە ئىجادچانلىقنى كۈچەيتىپ، ئىسلاھات، تەرەققىيات داۋامىدا تەدبىرنى تېخىمۇ ئىلمىيلاشتۇرۇپ، ئىلمىي تەرەققىياتنى چەكلەۋاتقان ۋە ئۇنىڭغا تەسىر كۆرسىتىۋاتقان گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشىمىزغا توغرا كېلىدۇ. بىرىنچىدىن، ئىلمىي تەرەققىياتقا ئۇيغۇن بولمىغان ئىدىيىۋى قاراش مەسىلىسىنى ئۆزگەرتىپ، ئومۇميۈزلۈك، ماس، ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىي قىلىش، بىر تۇتاش پىلانلاپ تەڭ تەرەققىي قىلىش، تىنچ تەرەققىي قىلىش ۋە ھەمكارلىشىپ تەرەققىي قىلىش ئىدىيىسىنى پۇختا تۇرغۇزۇشىمىز كېرەك. ئىككىنچىدىن، ئىقتىسادنىڭ تەرەققىيات شەكلىنى ئۆزگەرتىشنى تېزلىتىپ، ئىلگىرىكى يۇقىرى سەرپىيات، يۇقىرى بۇلغانما قويۇپ بېرىش، كۆپلەپ سېلىنما سېلىش، ئۈنۈم تۆۋەن بولۇشتەك يىرىك ئېشىش شەكلىنى ھازىرقى زاماننىڭ تەرەققىيات تەلىپىگە ئۇيغۇن كېلىدىغان تۈجۈپىلىك تەرەققىيات تىپىغا ئۆزگەرتىشىمىز كېرەك. يېڭىلىق يارىتىشنى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ، تەرەققىيات سۈپىتىنى مۇھىم نۇقتا قىلىپ، قۇرۇلمىنىڭ ئىستراتېگىيىلىك تەڭشىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، كەسىپ قۇرۇلمىسىنى ئەلالاشتۇرۇپ، بايلىق سەرپىياتىنى ئازايتىپ، ئىقتىسادىي ئۈنۈمنى ئۆستۈرۈش بىلەن بىللە، ئېنېرگىيە ۋە ئېكولوگىيىلىك مۇھىتنى قوغداشنى كۈچەيتىپ، ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىي قىلىش ئىقتىدارىمىزنى ئۆستۈرۈپ، ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىي قىلىشنى تەرەققىياتنىڭ نىشانى قىلىشتا چىڭ تۇرۇشىمىز؛ ئىختىساسلىقلار ئارقىلىق دۆلەتنى قۇدرەت تاپقۇزۇش ئىستراتېگىيىسىنى يولغا قويۇپ، ئىختىساسلىقلار بايلىقى قۇرۇلۇشىنىڭ سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، ئەمگەكچىلەرنىڭ ساپاسى ۋە ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈشىمىز كېرەك. ئۈچىنچىدىن، ئىسلاھاتنى تېخىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئىلمىي تەرەققىياتنى تۈزۈم ۋە مېخانىزم بىلەن كاپالەتلەندۈرۈشىمىز كېرەك. ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشتا ھەم ئىقتىسادىي تۈزۈلمە، سىياسىي تۈزۈلمە ئىسلاھاتى ۋە مەدەنىيەت تۈزۈلمە ئىسلاھاتىنى ئۇنىۋېرسال ئىلگىرى سۈرۈشىمىز، ھەم  ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشىمىز كېرەك. نۆۋەتتە ئىقتىسادىي تۈزۈلمە ئىسلاھاتىنى نۇقتىلىق چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، سوتسىيالىستىك بازار ئىگىلىكى تۈزۈلمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، بازارنىڭ بايلىق تەقسىملەشتىكى ئۇللۇق رولىنى تۈزۈم جەھەتتىن جارى قىلدۇرۇپ، ئىلمىي تەرەققىياتقا پايدىلىق ماكرولۇق تەڭشەش ۋە تىزگىنلەش سىستېمىسىنى شەكىللەندۈرۈشىمىز؛ مائارىپ، پەن – تېخنىكا، مەدەنىيەت، سەھىيە ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت قاتارلىق ساھەلەرنىڭ ئىسلاھاتى ئۈستىدە تېخىمۇ ئىلمىي ئىزدىنىپ، ئەمگەك، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ۋە كىرىم تەقسىماتى تۈزۈمى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئىجتىمائىي كاپالەت سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاشنى ئىسلاھات، تەرەققىيات ۋە مۇقىملىق مۇناسىۋىتىنى توغرا بىر تەرەپ قىلىشنىڭ بىرىكىش نۇقتىسى قىلىشتا چىڭ تۇرۇشىمىز؛ سىياسىي تۈزۈلمە ئىسلاھاتىنىڭ سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، سوتسىيالىستىك دېموكراتىك سىياسىنى قەتئىي تەۋرەنمەي راۋاجلاندۇرۇپ ۋە ئۇنى تۈزۈملەشتۈرۈپ، قېلىپلاشتۇرۇپ، تەرتىپلەشتۈرۈپ، خەلقنىڭ ئىقتىسادىي قۇرۇلۇش ۋە سىياسىغا ئىشتىراك قىلىش ئاكتىپلىقى، تەشەببۇسكارلىقى ۋە ئىجادچانلىقىنى تولۇق قوزغىتىشىمىز؛ مەدەنىيەت تۈزۈلمە ئىسلاھاتىنى تېزلىتىپ، سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت سىستېمىسى بەرپا قىلىپ، پۈتكۈل مىللەتنىڭ مەدەنىيەتتە يېڭىلىق يارىتىشىغا ئىلھام بېرىپ، ئىلمىي تەرەققىياتنىڭ ئىزچىللىشىشى ئۈچۈن پۇختا ئىدىيىۋى ئاساس سېلىشىمىز كېرەك. تۆتىنچىدىن، پارتىيىنىڭ ئىقتىدار قۇرۇلۇشى ۋە ئىلغارلىق قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، ھۆكۈمەت فۇنكسىيىسىنى ئۆزگەرتىشىمىز كېرەك. ئىلمىي تەرەققىي قىلىش پارتىيىنىڭ ئىقتىدار قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىشكە يېڭى تەلەپ قويدى. ھۆكۈمەت فۇنكسىيىسىنى ئۆزگەرتىشنى تەتقىق قىلىشنى كۈچەيتىپ، ھۆكۈمەت بىلەن بازار مۇناسىۋىتىنى مۇۋاپىق بېكىتىش ئاساسىدا ھۆكۈمەت بىلەن بازارنىڭ تەسىر دائىرىسىنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، ھۆكۈمەت بىلەن بازار ئۆزئارا ماسلىشىدىغان تۈزۈلمە مېخانىزمى ئورنىتىپ، ھۆكۈمەت بىلەن بازارنىڭ پائال رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇش بىلەن بىللە، ھۆكۈمەت فۇنكسىيىسىنى ۋە سىياسىي نەتىجە قارىشىنى ئۆزگەرتىشنى چىڭ تۇتۇپ، ئىلمىي تەرەققىيات قارىشىنىڭ تەلىپىگە ئۇيغۇن كېلىدىغان سىياسىي نەتىجىنى تەكشۈرۈش سىستېمىسى ۋە تاللاپ ئۆستۈرۈپ ۋەزىپىگە قويۇش مېخانىزمى، تايىنىش تۈزۈلمىسى ۋە مېخانىزمى ئورنىتىپ، رەھبىرىي كادىرلارنىڭ سىياسىي نەتىجە قارىشىنى تۈپتىن ئۆزگەرتىپ، رەھبىرىي كادىرلارنىڭ ساپاسى ۋە ئىقتىدارىنى ئىلمىي تەرەققىي قىلىشقا ۋە ئىجتىمائىي ئىناقلىقنى ئىلگىرى سۈرۈشكە قارىتىشىمىز كېرەك.

     ئىلمىي تەرەققىيات قارىشى ئارقىلىق ئىدىيىنى قوراللاندۇرۇپ، ئەمەلىيەتكە يېتەكچىلىك قىلىشتا كادىرلار ۋە ئامما كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان ئىدىيىۋى، نەزەرىيىۋى مەسىلىلەر ۋە قىزىق نۇقتا، قىيىن نۇقتا مەسىلىلىرىنى بىرلەشتۈرۈپ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشنى كۈچەيتىپ، ئىلمىي، ئىناق تەرەققىي قىلىشنى چەكلەۋاتقان گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى تۇتۇپ، ئىلمىي، دېموكراتىك، قانۇن بويىچە تەدبىر تۈزۈش قارىشىنى پۇختا تۇرغۇزساقلا، 17 – قۇرۇلتايدا ئوتتۇرىغا قويۇلغان تەلەپلەر بويىچە، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت بەرپا قىلىش قۇرۇلۇشىنى ئوڭۇشلۇق ئېلىپ بارالايمىز. 

( مۇھەررىر : ئامانگۈل )

نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى

تېلېفون:Tel:0991-8521981       ئەسەر ئەۋەتىڭ         قوشۇۋېلىڭ       قوشۇۋېلىڭ