|
ئابلىمىت ھوشۇر
پارتىيە 17 – قۇرۇلتىيىدا جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئۇلۇغ بايرىقىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت بەرپا قىلىشتىكى يېڭى تەلەپلەر ئوتتۇرىغا قويۇلدى. 17 – قۇرۇلتاي دوكلاتىدا: ‹‹يېزا ئىگىلىكى، يېزا، دېھقانلار مەسىلىسىنى ياخشى ھەل قىلىش ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت بەرپا قىلىش ئومۇمىيىتىگە مۇناسىۋەتلىك، ئۇنى پۈتكۈل پارتىيە خىزمىتىدە باشتىن ئاخىر مۇھىم ئىشنىڭ مۇھىمى قىلىش كېرەك››، ‹‹ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت بەرپا قىلىشنىڭ مۇھىم نۇقتىسى ۋە قىيىن نۇقتىسى يېزىلاردا›› دەپ كۆرسىتىلدى. ئىقتىساد، جەمئىيەت تېز تەرەققىي قىلغان بولسىمۇ، يېزا ئىگىلىكىنىڭ ئاساسى ئاجىز بولۇش، يېزىلارنىڭ تەرەققىياتى ئارقىدا قېلىش ۋەزىيىتى تېخى تولۇق ئۆزگەرمىدى. شۇڭا دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇپ، شەھەر – يېزىلارنىڭ پەرقىنى كىچىكلىتىش يېڭى دەۋر، يېڭى باسقۇچتىكى مۇھىم ۋەزىپىدۇر. بۇنىڭ ئۈچۈن تۆۋەندىكى ئۈچ قۇرۇلۇشنى تېزلىتىشىمىز كېرەك:
بىرىنچى، يېڭىچە دېھقانلارنى يېتىشتۈرۈپ، يېڭى يېزا قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىشىمىز كېرەك. ئىلمىي تەرەققىيات قارىشىنىڭ يادروسى ئادەمنى ئاساس قىلىش. ئەڭ كەڭ خەلقنىڭ تۈپ مەنپەئىتىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش، قوغداش ۋە كاپالەتلەندۈرۈش پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ بارلىق خىزمەتلىرىنىڭ چىقىش نۇقتىسى ۋە ئاخىرقى نىشانىدۇر. سوتسىيالىستىك يېڭى يېزا قۇرۇش پارتىيىمىزنىڭ دېھقانلارنىڭ تۈپ مەنپەئىتىگە ۋەكىللىك قىلىپ، ئىلمىي تەرەققىيات قارىشىنى ئىزچىللاشتۇرۇش ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈشتىكى زور تەدبىرى بولۇپ، ئۇنىڭدا نەچچە يۈز مىليون دېھقاننىڭ كۈچلۈك ئارزۇسى ئەكس ئەتتۈرۈلگەن، شۇنداقلا پارتىيىمىزنىڭ خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلىش، دېھقانلارغا بەخت يارىتىشتەك ئاساسىي مەقسىتىمۇ ئېنىق گەۋدىلەنگەن. شۇڭا، بىر تەرەپتىن، سوتسىيالىستىك يېڭى يېزا قۇرۇشتا دېھقانلارغا تايىنىش، دېھقانلارنىڭ سۇبيېكتلىق ئورنىغا ھۆرمەت قىلىش ۋە ئۇنى تولۇق جارى قىلدۇرۇشىمىز كېرەك. دېھقانلار يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىشى ۋە يېزا ئىقتىسادىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشتىكى ئاساسلىق كۈچ، شۇنداقلا سوتسىيالىستىك يېڭى يېزا قۇرۇشتىكى ئاساسىي قوشۇن. شۇنداق دېيىشكە بولىدۇكى، دېھقانلارنىڭ ئىدىيىۋى ئېڭى، مەدەنىيەت ساپاسى، بىلىم – تېخنىكا سەۋىيىسى، تىجارەت – باشقۇرۇش قابىلىيىتى ۋە ئەخلاق – پەزىلىتى سوتسىيالىستىك يېڭى يېزا قۇرۇلۇشىنىڭ نەتىجىلىك بولۇش – بولماسلىقىنى بەلگىلەيدۇ. بۇ بىزدىن دېھقانلىرىمىزنى يېڭى يېزا قۇرۇلۇشىنىڭ ئېھتىياجى بويىچە بىلىم – مەدەنىيەتلىك، تېخنىكا بىلىدىغان، تىجارەت – باشقۇرۇشقا ماھىر، ئىدىيىۋى قارىشى ۋە تەشكىللىنىش ئىقتىدارى ئۈستۈن قىلىپ يېتىشتۈرۈشىمىزنى تەلەپ قىلىدۇ. يەنە بىر تەرەپتىن، سوتسىيالىستىك يېڭى يېزا قۇرۇشتا دېھقانلارغا بەخت يارىتىپ، دېھقانلارنى سوتسىيالىستىك يېڭى يېزا قۇرۇلۇشى ۋە تەرەققىيات نەتىجىلىرىدىن بەھرىمەن قىلىشىمىز كېرەك. سوتسىيالىستىك يېڭى يېزا قۇرۇلۇشىنىڭ ئاساسىي گەۋدىسى بولغان دېھقانلار سوتسىيالىستىك يېڭى يېزا قۇرۇلۇشى نەتىجىلىرىدىن تېخىمۇ بىۋاسىتە مەنپەئەتلەنگۈچى ۋە بەھرىلەنگۈچى بولۇشى كېرەك. چۈنكى يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىشى ۋە يېزا ئىقتىسادىنى راۋاجلاندۇرۇپ، سوتسىيالىستىك يېڭى يېزا قۇرۇشتىكى مەقسەت يەنىلا دېھقانلارنى بېيىتىشتىن ئىبارەت. شۇڭا تۈرلۈك چارە – تەدبىرلەر بىلەن دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇپ، شەھەر – يېزا ئاھالىلىرىنىڭ كىرىم پەرقىنى ئۈزلۈكسىز كىچىكلىتىپ، دېھقانلارنىڭ تۇرمۇش سەۋىيىسىنى، تۇرمۇش سۈپىتىنى تەدرىجىي ئۆستۈرۈپ، دېھقانلارنى باياشاد تۇرمۇشقا ئىگە قىلىشىمىز كېرەك.
ئىككىنچى، شەھەر – يېزا تەرەققىياتىنى بىر تۇتاش پىلانلاپ، يېڭى يېزا قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىشىمىز كېرەك. ئىلمىي تەرەققىياتنىڭ تۈپ ئۇسۇلى بىر تۇتاش پىلانلاپ، تەڭ ئېتىبار بېرىش. ئېلىمىزنىڭ يېزا ئىگىلىكى، يېزا دېھقانلار مەسىلىسىنىڭ تۈپ مەنبەسى شەھەر – يېزىدىن ئىبارەت ئىككى مەنبەلىك قۇرۇلمىدىن ئىبارەت بولۇپ، ئۇزاق مۇددەت سانائەت بىلەن شەھەرگە ئەھمىيەت بېرىپ، يېزا ئىگىلىكى ۋە يېزىلارغا سەل قارايدىغان تەرەققىيات ئىستراتېگىيىسى سانائەت بىلەن يېزا ئىگىلىكىنىڭ، شەھەر بىلەن يېزىنىڭ پەرقىنى زورايتىۋەتتى. يېزا ئىگىلىكى ۋە يېزىلارنىڭ تەرەققىياتى ئارقىدا قالغان ئەھۋالدا يېزىلارنىڭ قىياپىتىنى ئۆزگەرتىپ، سوتسىيالىستىك يېڭى يېزا قۇرۇشتا دېھقانلارنىڭلا تىرىشچانلىقىغا، يېزا ئىگىلىكىنىڭ ئۆز جۇغلانمىسىغا، بازارنىڭ بايلىق تەقسىملەش رولىغىلا تايىنىش كۇپايە قىلمايدۇ. بۇ، ھۆكۈمەتنىڭ يېتەكچىلىك قىلىشى ۋە تۈزۈمدە يېڭىلىق يارىتىشىغا ئەڭ ئېھتىياجلىق. ئۇنىڭ تۈپ ئۇسۇلى ئىلمىي تەرەققىيات قارىشىنىڭ تەلىپى بويىچە سانائەت بىلەن يېزا ئىگىلىكىنى ئايرىۋېتىدىغان، شەھەر بىلەن يېزىنى بۆلۈپ باشقۇرىدىغان ئىككى مەنبەلىك ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي قۇرۇلمىنى تۈپتىن ئۆزگەرتىپ، شەھەر بىلەن يېزىلارنىڭ ئىقتىسادىي ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىياتىنى بىر تۇتاش پىلانلاشتىن ئىبارەتتۇر.
شەھەر بىلەن يېزىلارنىڭ ئىقتىسادىي ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىياتىنى بىر تۇتاش پىلانلاشتا دۆلەتنىڭ سىياسەت مايىللىقىنى ھۆكۈمەتنىڭ تەڭشەش، كونترول قىلىش ۋاسىتىسى قىلىشىمىز كېرەك. ئۇنىڭ مەقسىتى ۋە نىشانى شەھەر بىلەن يېزىلارنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتىنى ماس تەرەققىي قىلدۇرۇپ، ئاخىرىدا شەھەر بىلەن يېزىنىڭ بىر گەۋدىلىشىشىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشتىن ئىبارەت. بۇنىڭ ئۈچۈن تەرەققىيات پىكىر يولىدا ۋە خەلق ئىگىلىكى بىلەن ئىجتىمائىي تەرەققىيات ئومۇمىي ۋەزىيىتىنىڭ ماكرو يۈكسەكلىكىدە تۇرۇپ، ئەنئەنىۋى رامكىدىن چىقىپ، يېزىلارنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتىنى پۈتكۈل خەلق ئىگىلىكى ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىياتنىڭ ئومۇمىي ۋەزىيىتىگە كىرگۈزۈپ، شەھەر تەرەققىياتى بىلەن بىر تۇتاش پىلانلاپ، ئۇنىۋېرسال تەھلىل قىلىپ، سانائەتكىلا ئەھمىيەت بېرىپ يېزا ئىگىلىكىگە سەل قارايدىغان، شەھەرگىلا ئېغىپ كېتىدىغان خاھىشنى ئۆزگەرتىشىمىز كېرەك. شەھەر – يېزىلارنىڭ مۇناسىۋىتىدىن قارىغاندا، يېڭى يېزا قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈش شەھەرلەرنىڭ يېزىلارنى قوللىشى، سانائەتنىڭ يېزا ئىگىلىكىگە مەدەت بېرىشىگە موھتاجدۇر.
ئۈچىنچى، زامانىۋى يېزا ئىگىلىكىنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ، يېڭى يېزا قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىشىمىز كېرەك. ئىلمىي تەرەققىيات قارىشىنىڭ بىرىنچى مۇھىم مەزمۇنى تەرەققىيات. سوتسىيالىستىك يېڭى يېزا قۇرۇشنىڭ ئىقتىسادىي ئاساسى تۈۋرۈك كەسىپلەرنى تەرەققىي قىلدۇرۇشتا، يەنى زامانىۋى يېزا ئىگىلىكىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشتا. زامانىۋى يېزا ئىگىلىكىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش نىشان ۋە مەقسەت جەھەتتىن ئېيتقاندا، ئىلمىي تەرەققىيات قارىشىنىڭ ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىيات ئىدىيىسىدە چىڭ تۇرۇپ، ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىي قىلىدىغان يېزا ئىگىلىك تەرەققىيات يولىدا مېڭىپ، ھەم تەرەققىي قىلغان ئەللەرنىڭ يېزا ئىگىلىكىنى زامانىۋىلاشتۇرۇش جەريانىدا كۆرۈلگەن ئېنېرگىيىنىڭ زىيادە خورىشى، مۇھىتنىڭ بۇلغىنىشى، ئېكولوگىيىنىڭ بۇزۇلۇشى، يېزا ئىگىلىك بايلىق كرىزىسى، بازار ئۈنۈمى تۆۋەن بولۇش قاتارلىق نۇرغۇن سەلبىي تەسىرنىڭ كۆرۈلۈشىدىن ساقلىنىپ، ھەم ئېلىمىزنىڭ ئىلگىرىكى يېزا ئىگىلىكىنىڭ زامانىۋىلىشىشى بىلەن يېزا ئىگىلىكىنىڭ ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىياتىنى پۈتۈنلەي ئايرىۋېتىپ، ئوخشاشمىغان ئىككى مەسىلە قاتارىدا مۇئامىلە قىلىشتىن ساقلىنىپ، يېزا ئىگىلىكىنىڭ زامانىۋىلىشىشى بىلەن يېزا ئىگىلىكىنىڭ ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىياتىنىڭ بىر – بىرىگە ماسلىشىش، بىر – بىرىنى تولۇقلاش، بىر – بىرىنى ئىلگىرى سۈرۈش مۇناسىۋىتىنى ئىلمىي تونۇپ، يېزا ئىگىلىكىنىڭ زامانىۋىلىشىشى بىلەن يېزا ئىگىلىكىنىڭ ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىياتىنى ئورگانىك بىرىكتۈرۈپ، ئەنئەنىۋى يېزا ئىگىلىكىنى ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىيات ئاساسىدىكى زامانىۋى يېزا ئىگىلىكىگە تىرىشىپ ئۆزگەرتىشىمىز لازىم.
زامانىۋى يېزا ئىگىلىكىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنىڭ مەزمۇنىدىن قارىغاندا، يېزا ئىگىلىك كەسىپ سىستېمىسىنى كېڭەيتىپ، يېزا ئىگىلىكىنىڭ كۆپ خىل ئىقتىدارىدىن پايدىلىنىپ يېزا ئىگىلىكىنىڭ تەرەققىيات قەدىمىنى تېزلىتىشىمىز لازىم. ئەنئەنىۋى يېزا ئىگىلىكىنىڭ ئاساسىي ئىقتىدارى يېمەكلىك كاپالىتى ۋە خام ئەشيا بىلەن تەمىنلەشتۇر، يەنى تېرىقچىلىق ۋە باقمىچىلىق ئارقىلىق ئىنسانلارنى يېمەكلىك ۋە سانائەت خام ئەشياسى بىلەن تەمىنلەپ، خەلق ئىگىلىكى تەرەققىياتىنىڭ مەھسۇلات ئېھتىياجىنى قاندۇرۇشتۇر. زامانىۋى يېزا ئىگىلىكى ئىچكى كەسىپ قۇرۇلمىسى جەھەتتىن تېرىقچىلىق ۋە باقمىچىلىقتىن باشقا، يېزا ئىگىلىك ۋاسىتىلىرى سانائىتى، يېمەكلىك پىششىقلاش سانائىتى، يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى يىغىش، ساقلاش، پارچە سېتىش قاتارلىق ماددىي ئەشيا ئوبوروتى، يېزا ئىگىلىك تېخنىكىسى، ئۇچۇر مۇلازىمەت كەسپى قاتارلىق كەسىپلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
زامانىۋى يېزا ئىگىلىكىنىڭ يېمەكلىك كاپالىتى، خام ئەشيا تەمىناتى، ئىشقا ئورۇنلىشىش، دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇش قاتارلىق ئىقتىدارىدىن باشقا يەنە ئېكولوگىيىنى قوغداش، سەيلە – ساياھەت، دەم ئېلىش، مەدەنىيەتكە ۋارىسلىق قىلىش قاتارلىق ئىقتىدارلىرىمۇ بار. زامانىۋى يېزا ئىگىلىكىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنىڭ ۋاسىتىسى ۋە يولى جەھەتتىن ئېيتقاندا، يېزا ئىگىلىكى ۋە يېزىلارنىڭ ئۇل مۇئەسسەسە قۇرۇلۇشىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىش شارائىتىنى ياخشىلاپ، يېزا ئىگىلىك بايلىقلىرىنىڭ پايدىلىنىش ئۈنۈمىنى ۋە ئىشلەپچىقىرىش ماددىي ئەشيالىرىنىڭ ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈپ، يېزا ئىگىلىكىنىڭ ئۇنىۋېرسال ئىشلەپچىقىرىش ئۈنۈمىنى زور كۈچ بىلەن ئۆستۈرۈش؛ يېزا ئىگىلىكىنىڭ تەرەققىيات شەكلىنى ۋە يېزا ئىگىلىك پەن – تېخنىكا تەرەققىياتىنىڭ قەدىمىنى تېزلىتىپ، بىئولوگىيىلىك يېزا ئىگىلىكى، ئۇچۇر تېخنىكىسى قاتارلىق يۇقىرى پەن – تېخنىكا نەتىجىلىرىگە تېخىمۇ ئەھمىيەت بېرىپ، يېزا ئىگىلىكىنىڭ تېخنىكا زىچلىقىنى ۋە پەن – تېخنىكا تەرەققىياتىنىڭ تۆھپىسىنى يەنىمۇ ئۆستۈرۈش؛ يېزىلاردا ئومۇمىي مۈلۈكچىلىك تۈزۈمى ۋە يەرلەرنى ئائىلىلەرگىچە ھۆددىگە بېرىپ باشقۇرۇش تۈزۈلمىسى ئۆزگەرمىگەن ئەھۋالدا يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىشىنى تەشكىللەش، باشقۇرۇش شەكلىدە يېڭىلىق يارىتىپ، دېھقانلارنىڭ كەسپىي ھەمكارلىق ئىقتىسادىي تەشكىلاتلىرىنى زور كۈچ بىلەن راۋاجلاندۇرۇپ، يېزا ئىگىلىكىنىڭ تەشكىللىنىش دەرىجىسى ۋە بازار رىقابەت كۈچىنى ئۆستۈرۈش ئارقىلىق يەككە يېزا ئىگىلىكىنى يېزا ئىگىلىكىنىڭ زامانىۋىلىشىش يولىغا سېلىش كېرەك.
|