|
ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى خۇ جىنتاۋ 9 – ئىيۇن ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ بايىنغۇلىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى لوپنۇر ناھىيىسى شىڭپىڭ يېزىسىنىڭ داشى كەنتى ئىتتىپاق باش ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى مەمەت ساۋۇر ۋە بارلىق ياشلارغا جاۋاب خەت يېزىپ، كەنتتىكى ھەر مىللەت ئاممىسى ۋە ئىتتىپاق ئەزالىرى، ياشلارنىڭ قولغا كەلتۈرگەن يېڭى نەتىجىسىنى چىن دىلىدىن تەبرىكلەپ، ئىتتىپاق ئەزالىرى، ياشلار ۋە ھەر مىللەت ئاممىسىنى پارتىيىنىڭ فاڭجېن، سىياسەتلىرىنىڭ يېتەكلىشىدە، داۋاملىق توختىماي كۈرەش قىلىپ، داشى كەنتى ۋە شىنجاڭنى تېخىمۇ گۈزەل قىلىپ قۇرۇپ چىقىشقا ئىلھاملاندۇردى.
2005 – يىل 4 – ئاينىڭ 13 – كۈنى، مەمەت ساۋۇر كەنتتىكى ئىتتىپاق ئەزالىرى، ياشلارغا ۋاكالىتەن باش شۇجى خۇ جىنتاۋغا خەت يېزىپ، باش شۇجىغا داشى كەنتىدە يۈز بەرگەن يېڭى ئۆزگىرىشلەر ۋە دېھقانلارنىڭ پەن – تېخنىكىغا تايىنىپ بېيىش خۇش خەۋەرلىرىنى دوكلات قىلىپ، ھەر مىللەت خەلقىنىڭ مەڭگۈ پارتىيىنىڭ سۆزىنى ئاڭلاپ، پارتىيىگە ئەگىشىپ مېڭىش ئىرادىسىنى ئىپادىلىگەن ئىدى. شۇ يىلى 5 – ئاينىڭ 4 – كۈنى، باش شۇجى خۇ جىنتاۋ داشى كەنتىدىكى ئىتتىپاق ئەزالىرى، ياشلارغا جاۋاب خەت يېزىپ، داشى كەنتىدىكى ھەر مىللەت ئىتتىپاق ئەزالىرى، ياشلارنى قىزغىن ئىلھاملاندۇرغان ھەم سەمىمىي ئۈمىدىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، داشى كەنتىدىكى ھەر مىللەت ئاممىسى ۋە ئىتتىپاق ئەزالىرى، ياشلارغا پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ چوڭقۇر مېھرىبانلىقىنى يەتكۈزۈپ، ئۇلارنى زور دەرىجىدە رىغبەتلەندۈرگەن ئىدى.
ئۈچ يىلدىن بۇيان، داشى كەنتىدىكى ئىتتىپاق ئەزالىرى، ياشلار باش شۇجىنىڭ تاپشۇرۇقىنى ئېسىدە چىڭ ساقلاپ، باش شۇجىنىڭ سەمىمىي غەمخورلۇقىنى يۇرتىنى قۇرۇش، ئىناقلىق بەرپا قىلىشتىكى غايەت زور كۈچكە ئايلاندۇرۇپ، ئۇلۇغۋار غايە تىكلەپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت بەرپا قىلىش ئەمەلىيىتىگە ئاكتىپ قاتنىشىپ، كەنت پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ يېتەكچىلىكىدە، ئەمەلىي ھەرىكىتى ئارقىلىق پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ۋە باش شۇجىنىڭ سەمىمىي ئۈمىدىگە جاۋاب قايتۇردى. بۇلتۇر داشى كەنتىدىكىلەرنىڭ كىشى بېشى ساپ كىرىمى 9014 يۈەنگە يېتىپ، ئۈچ يىل ئىلگىرىكىدىن 5000 يۈەنچە كۆپىيىپ، دۆلەت بويىچە ‹‹ھاللىق كەنت›› دېگەن شەرەپلىك نامغا ئېرىشتى. كەنتنىڭ كوللېكتىپ ئىقتىسادىمۇ ئۈزلۈكسىز زورىيىپ، ئاپتونوم رايون بويىچە ئالدىنقى ئورۇندا تۇردى.
بۇ يىل 5 – ئاينىڭ 4 – كۈنى، داشى كەنتىدىكى ئىتتىپاق ئەزالىرى، ياشلار باش شۇجىغا يەنە خەت يېزىپ، باش شۇجىغا داشى كەنتىنىڭ ئۈچ يىلدىن بۇيانقى غايەت زور ئۆزگىرىشلىرىنى دوكلات قىلدى. خەتتە مۇنداق دېيىلگەن ئىدى: ئۈچ يىلدىن بۇيان، ھەر مىللەت ئىتتىپاق ئەزالىرى، ياشلار باش شۇجىنىڭ تەلىمىنى ئېسىدە چىڭ ساقلاپ، مەدەنىي يېڭى كەيپىياتنى باشلامچىلىق بىلەن تەشەببۇس قىلىپ، ئىناق، مەدەنىي تەرەققىياتنى يۈكسەلدۈرۈشكە تۆھپە قوشتى؛ مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ۋە ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى ئاكتىپ قوغدىدى، كەنتتىكى خەنزۇ، ئۇيغۇر ۋە باشقا مىللەت كىشىلىرى خۇددى تەڭرىتېغىدىكى قارىغايلاردەك يىلتىزداش، بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى كۆز قارىچۇقىنى ئاسرىغاندەك ئاسرىدى. ئىتتىپاق ئەزالىرى، ياشلار بۇنىڭدىن كېيىن داۋاملىق باش شۇجىنىڭ تەلىمى بويىچە، غايە، ئېتىقادىنى تېخىمۇ چىڭىتىپ، پەن – تېخنىكا بىلىملىرىنى داۋاملىق ئۆگىنىپ، پائال ئىجادىي ئەمگەك قىلىپ، مەدەنىي يېڭى كەيپىياتنى باشلامچىلىق بىلەن تەشەببۇس قىلىپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى ئاڭلىق قوغداپ، كەنت پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ يېتەكچىلىكىدە، سوتسىيالىستىك يېڭى يېزا بەرپا قىلىش، ۋەتەننىڭ غەربىي چېگرىسىنى مۇستەھكەملەش ۋە گۈللەندۈرۈش ئۈچۈن يەنە ئەلا نەتىجىلەرنى يارىتىپ، يېڭى تۆھپىلەرنى قوشىمىز!
9 – ئىيۇن، باش شۇجى خۇ جىنتاۋ داشى كەنتىدىكى ئىتتىپاق ئەزالىرى، ياشلارغا يەنە جاۋاب خەت يازدى. باش شۇجى ئۈچ يىلدىن كېيىن، داشى كەنتى ئىقتىسادىنىڭ سىجىل راۋاجلىنىپ، ئاممىنىڭ تۇرمۇش سەۋىيىسىنىڭ كۆرۈنەرلىك ئۆسكەنلىكىدىن، كەنت قىياپىتىدە زور ئۆزگىرىش بولغانلىقىدىن خەۋەر تېپىپ ئىنتايىن خۇشال بولۇپ، داشى كەنتى قولغا كەلتۈرگەن يېڭى نەتىجىلەرنى چىن دىلىدىن تەبرىكلىدى! باش شۇجى خېتىدە مۇنداق دېدى: ‹‹سىلەر ئەمەلىي ھەرىكىتىڭلار ئارقىلىق، سوتسىيالىستىك يېڭى يېزا قۇرۇلۇشى ئۇلۇغ ئەمەلىيىتىدە ياشلارنىڭ چوڭ ئىشلارنى قىلالايدىغانلىقىنى ئىسپاتلىدىڭلار››.
باش شۇجى جاۋاب خېتىدە، پارتىيىنىڭ فاڭجېن، سىياسەتلىرىنىڭ يېتەكچىلىكىدە، ياشلار ۋە ھەر مىللەت ئاممىسىنىڭ ئۈزلۈكسىز كۈرەش قىلىشى جەريانىدا، داشى كەنتىنىڭ كەلگۈسىنىڭ چوقۇم تېخىمۇ گۈزەل بولىدىغانلىقى، شىنجاڭنىڭ كەلگۈسىنىڭ چوقۇم تېخىمۇ گۈزەل بولىدىغانلىقىغا ئىشىنىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
|