باش بەت | خەۋەر مەركىزى | گۈزەل شىنجاڭ | مەدەنىيەت | تەڭرىتاغ ئەدەبىياتى | تۇرمۇش | تەڭرىتاغ ئېكرانى | پارتىيە–ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى | بېكىتىمىز
ئۈرۈمچىدە بۈگۈن ھاۋا ئوچۇق بولۇپ، يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃32،تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃21بولىدۇ.
ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى خۇ جىنتاۋنىڭ داشى كەنتىدىكى ياشلارغا يازغان جاۋاب خېتى
2008- 06- 11 10:04 تەڭرىتاغ تورى

     يولداش مەمەت ساۋۇر ۋە داشى كەنتىدىكى ياش دوستلار:

     ياخشىمۇ سىلەر! ئارىدىن ئۈچ يىل ئۆتۈپ، خېتىڭلارنى يەنە تاپشۇرۇۋالغانلىقىمدىن ئىنتايىن خۇشال بولدۇم. خېتىڭلاردىن بىلىشىمچە، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، سىلەر ۋە كەنتتىكى ھەر مىللەت ئاممىسىنىڭ ئورتاق تىرىشىشى نەتىجىسىدە، داشى كەنتىنىڭ ئىقتىسادى سىجىل تەرەققىي قىلىپ، ئاممىنىڭ تۇرمۇش سەۋىيىسى كۆرۈنەرلىك يۇقىرى كۆتۈرۈلۈپ، كەنت قىياپىتىدە زور ئۆزگىرىش بوپتۇ. يېڭى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرگەنلىكىڭلارنى چىن قەلبىمدىن تەبرىكلەيمەن! سىلەر ئەمەلىي ھەرىكىتىڭلار ئارقىلىق، سوتسىيالىستىك يېڭى يېزا بەرپا قىلىش ئۇلۇغ ئەمەلىيىتىدە ياشلارنىڭ چوڭ ئىشلارنى قىلالايدىغانلىقىنى ئىسپاتلىدىڭلار. ئىشىنىمەنكى، پارتىيىنىڭ فاڭجېن، سىياسەتلىرىنىڭ يېتەكلىشى بىلەن، سىلەر ۋە ھەر مىللەت ئاممىسىنىڭ داۋاملىق كۈرەش قىلىشى جەريانىدا، داشى كەنتىنىڭ كەلگۈسى چوقۇم تېخىمۇ گۈزەل بولىدۇ، شىنجاڭنىڭ كەلگۈسى چوقۇم تېخىمۇ گۈزەل بولىدۇ!

 خۇ جىنتاۋ
2008 – يىلى 6 – ئاينىڭ 9 – كۈنى  
 

( مۇھەررىر : ئامانگۈل )

نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى

تېلېفون:Tel:0991-8521981       ئەسەر ئەۋەتىڭ         قوشۇۋېلىڭ       قوشۇۋېلىڭ