باش بەت | خەۋەر مەركىزى | گۈزەل شىنجاڭ | مەدەنىيەت | تەڭرىتاغ ئەدەبىياتى | تۇرمۇش | تەڭرىتاغ ئېكرانى | پارتىيە–ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى | بېكىتىمىز
ئۈرۈمچىدە بۈگۈن ھاۋا ئوچۇق بولۇپ، يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃32،تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃21بولىدۇ.
‹‹شىزاڭ مۇستەقىللىقى››بۆلگۈنچى كۈچلىرى دۆلىتىمىزنىڭ نېپالدا تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسىغا ھۇجۇم قىلماقچى بولغاندا قولغا ئېلىندى
2008- 06- 06 12:17 تەڭرىتاغ تورى

      دۇنيا ۋاقىت گېزىتى ، دۇنيا تورى خەۋىرى : ئامېرىكا بىرلەشمە ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا ، نېپال ساقچىلىرى جوڭگوغا قارشى بىر قېتىملىق نامايىشنى تارقىتىۋەتكەن ھەمدە 250 دىن ئارتۇق ‹‹شىزاڭ مۇستەقىللىقى››بۆلگۈنچىلىرىنى قولغا ئالدى .
      خەۋەرلەرگە قارىغاندا ، بۇ بۆلگۈنچىلەر، كاتماندۇ شەھىرىدىكى جۇڭگو ئەلچىخانىسىنىڭ ئېھتىيات سىزىقىدىن بۆسۈپ ئۆتۈپ ، ۋىزا بېجىرىش ئىشخانىسىغا كىرىشكە ئۇرۇنغان  لېكىن ئۇلارنىڭ مەقسىدى ئەمەلگە ئاشمىغان . قارشىلىشىش جەريانىدا بۆلگۈنچىلەردىن بىرى يېنىك يارىلانغان .
   ساقچى تەرەپ ئەمەلدارىنىڭ ئېيتىشىچە ،  ھازىر ، بۇ ‹‹شىزاڭ مۇستەقىللىقى››بۆلگۈنچى كۈچلىرىنىڭ ھەممىسى تۇتۇپ تۇرۇلىۋېتىپتۇ .
   نېپال ئەمەلدارلىرى نىپال تەرەپ جوڭگو-نېپال ئىككى دۆلەت دوستلۇقىنى بۇزۇشقا ئۇرۇنىدىغان ھەر قانداق ۋەقەنىڭ يۈز بېرىشىگە يول قويمايدىغانلىقنى بىلدۈرگەن .  
   

( مۇھەررىر : قەيسەر )

نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى

تېلېفون:Tel:0991-8521981       ئەسەر ئەۋەتىڭ         قوشۇۋېلىڭ       قوشۇۋېلىڭ