|

4 – ئىيۇن چۈشتىن كېيىن ، سائەت 4 دە ، شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش – قۇرۇلۇش بىڭتۈەنى تارىم بوز يەر ئۆزلەشتۈرۈش رايونى چوڭ كۆلەملىك ، كۈچلۈك قۇم – بوران ئاپىتىنىڭ ھۇجۇمىغا ئۈچرىدى . تېمپېراتۇرا يۇقىرى ، شامال كۈچى زور بولغانلىقتىن ، بۆز يەر ئۆزلەشتۈرۈش رايونى كۈچلۈك بوران ، يۇقىرى تېمپېراتۇرا ، توپا – توزان ئىچىدە قالدى .
ئىگىلىنىشچە ، 4 – ئىيۇن چۈشتىن كېيىن ، سائەت 6 دىن 10 مىنۇت ئۆتكەندە ، تارىم بوز يەر ئۆزلەشتۈرۈش رايونىدىكى ئەڭ يۇقىرى شامال كۈچى 8 بالغا يەتكەن . توپا – توزانلىق ھاۋارايى 8 سائەتتىن ئارتۇق داۋاملاشقان بولۇپ ، تارىم بۆز يەر ئۆزلەشتۈرۈش رايونىدىكى 31 – تۈەن ، 33 – تۈەن ، 34 – تۈەننىڭ باغ – ئورمانچىلىق ۋە پاختىچىلىق ئىشلەپچىقىرىشى ئېغىر دەرىجىدە بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىغان .

تارىم بوز يەر ئۆزلەشتۈرۈش رايونىدا قۇم – بوران ئاپىتى كۆرۈلدى
|