باش بەت | خەۋەر مەركىزى | گۈزەل شىنجاڭ | مەدەنىيەت | تەڭرىتاغ ئەدەبىياتى | تۇرمۇش | تەڭرىتاغ ئېكرانى | پارتىيە–ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى | بېكىتىمىز
ئۈرۈمچىدە بۈگۈن ھاۋا ئوچۇق بولۇپ، يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃32،تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃21بولىدۇ.
ئۈرۈمچى دوستلۇق يولىنىڭ ئۆزگەرتىپ ياساش قۇرۇلۇشى مۇددەتتىن بۇرۇن تاماملاندى
2008- 06- 06 10:52 تەڭرىتاغ تورى

      ئۆز خەۋىرىمىز : 5-ئىيۇن ، ئۈرۈمچى شەھەرلىك پارتكوم ، شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمىتى دوستلۇق يولىنىڭ قىزىلتاغ ئايلانمىسىدا دوستلۇق يولى قۇرۇلۇشىنىڭ تاماملىنىپ ، قاتناش باشلانغانلىقىنى تەبرىكلەپ ، لېنتا كېسىش مۇراسىم ئۆتكۈزدى .

       دوستلۇق يولىنى ئۆزگەرتىپ ياساش قۇرۇلۇشى 25-مارت باشلانغان بولۇپ ، 70كۈندىلا تاماملىنىپ ، قاتناش ئەسلىدىكى پىلاندىن 20 كۈن بالدۇر ئەسلىگە كەلدى. بۇ جەرياندا قۇرۇلۇش ئىشچىلىرى كېچە-كۈندۈز دېمەي ئىش قوشۇپ ئىشلەپ ، يول بويىدىكى ئادەملەر ۋە سودا سارايلارنىڭ كۆپ بولۇشى ، يەر ئاستى تۇرۇبا يوللىرىنىڭ مۇرەككەپلىكى ، يولدىكى خەۋەرلىشىشى سىملىرى بىلەن توك سىملىرىنىڭ گىرەلىشىپ كەتكەنلىكىدەك قېيىنچىلىقلارنى بىر-بىرلەپ ھەل قىلىپ ، دوستلۇق يولىنى مەركىزىي شەھەرنىڭ ئەڭ كەڭ ئاساسلىق يولى قىلىپ قۇرۇپ چىقتى . قۇرۇلۇش داۋامىدا سۈرئەت جەھەتتىلا داڭق چىقىرىپ قالماي ، ئۈرۈمچى شەھەر مەمۇرىيىتى قۇرۇلۇشى تارىخىدىكى 8 تۈردىكى بىرىنجىلىكنى ياراتتى.  

      بۇ مۇراسىمغا ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى ، ئۈرۈمچى سانجى پارتكومىنىڭ شۇجىسى ،ئۈرۈمچى شەھەرلىك پارتكومنىڭ شۇجىسى لى جى ، ،ئۈرۈمچى شەھەرلىك پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى ، مۇۋەققەت شەھەر باشلىقى جارۇللا ھېسامىدىن قاتارلىق رەھبەرلەر قاتناشتى . رەھبەرلەر دوستلۇق يولى قۇرۇلۇشىدا نەتىجسى كۆرۈنەرلىك بولغان 7ئورۇننى تەقدىرلىدى.

 

( مۇھەررىر : قەيسەر )

نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى

تېلېفون:Tel:0991-8521981       ئەسەر ئەۋەتىڭ         قوشۇۋېلىڭ       قوشۇۋېلىڭ