باش بەت | خەۋەر مەركىزى | گۈزەل شىنجاڭ | مەدەنىيەت | تەڭرىتاغ ئەدەبىياتى | تۇرمۇش | تەڭرىتاغ ئېكرانى | پارتىيە–ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى | بېكىتىمىز
ئۈرۈمچىدە بۈگۈن ھاۋا ئوچۇق بولۇپ، يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃32،تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃21بولىدۇ.
ۋېن جياباۋ تاڭجياشەن توسۇلما كۆلىدە خىزمەتلەرنى كۆزدىن كەچۈردى
2008- 06- 06 09:32 تەڭرىتاغ تورى

    

      گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى ، گوۋۇيۈەن ئاپەتكە تاقابىل تۇرۇپ ، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش قوماندانلىق شىتابىنىڭ باش قوماندانى ۋېن جياباۋ 5 – ئىيۇن چۈشتىن كېيىن سائەت 16 دە مىليونلىغان كىشلەرنىڭ بىخەتەرلىكىگە ئېغىر تەھدىد سېلىۋاتقان تاڭجياشەن توسۇلما كۆلىگە يەنە بىر قېتىم كېلىپ ، بۇ يەرنىڭ ئەھۋالىنى كۆزدىن كەچۈردى .

     زۇڭلى ۋېن جياباۋ 13 كۈن بۇرۇن يەنى 22 – ماي يەر تەۋرەشتىن كېيىن ئىككىنچى قېتىم سىچۈەنگە كېلىپ ، ئاپەت ئەھۋالىنى تەكشۈرگەندە تاڭجياشەندىكى توسۇلما كۆلىنىڭ ئەھۋالىنى تەپسىلىي كۆزەتكەن ھەمدە دەرھال يىغىن چاقىرىپ ، خەۋىپنى تۈگىتىش خىزمەتلىرىنى ئورۇنلاشتۇرۇپ ، ئاكتىپلىق بىلەن ھەركەتكە كېلىپ ، ئىمكانقەدەر تېز بىر تەرەپ قىلىپ ، خەۋىپنى تۇگىتىش قۇرۇلۇش لايىھىسى ۋە ئاممىنى بىخەتەر رايونغا كۆچۈرۈش لايىھىسىنى تۈزۈپ چىقىپ ، ئاممىنىڭ بىخەتەرلىكىگە ، قىسىم ۋە قۇتقۇزۇش خادىملىرىنىڭ ھاياتى بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك  قىلىشنى تەلەپ قىلغانىدى .

      يېقىنقى كۈنلەردىن بېرى ، قوراللىق ساقچى قىسىمدىكى ئوفىتسېر – ئەسكەرلەر ، ئازاتلىق ئارمىيىدىكى كوماندىر جەڭچىلەر ۋە سۇ قۇرۇلۇش تېخنىكا خادىملىرى زىچ ھەمكارلىشىپ ، كېچىنى كۈندۈزگە ئۇلاپ ، جاپالىق ئىشلەش ئارقىلىق تاڭجىياشەن توسۇلما كۆل توسمىسىدا 400 مېتىر ئوزۇنلۇقتىكى ئېقىم باشلاش ئېرىقى قېزىپ چىققان . تاڭجياشەن توسۇلما كۆلى تۆۋەنكى ئېقىنىغا جايلاشقان 200 مىڭدىن ئارتۇق ئاھالە بىخەتەر جايغا يۆتكىۋېتىلگەن . 

     ۋېن جياباۋ توسۇلما كۆلىنىڭ خەۋىپنى تۈگىتىش خىزمەتلىرىنى كۆزدىن كەچۈرۈپ ، ئۆزىگە ھەمرا بولۇپ بىللە كەلگەن يەرلىك ۋە مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلارنىڭ مەسئۇللىرىغا مۇنداق دېدى : تەپسىلى كۆزەتكەندىن كېيىن تاڭجياشەن توسۇلما كۆلى ئەھۋالىنىڭ تەسەۋۋۇرۇمدىكىدىن مۇرەككەپ ئىكەنلىكىنى بايقىدىم . بىراق قانداق بولۇشتىن قەتئىي نەزەر ، بۇ كۆلنىڭ بىخەتەرلىككە سالىدىغان تەھدىدىنى ئىمكانقەدەر تېز بىر تەرەپ قىلىش كېرەك . چۈنكى يۆتكىۋېتىلگەن ئامما ھازىر چېدىردا تۇرىۋاتقان بولۇپ ، ھاۋا كۈندىن – كۈنگە ئىسىۋاتىدۇ . ۋاقىت ئۆتكەنسېرى بىز دۈچ كېلىدىغان قىيىنچىلىقمۇ بارغانسېرى كۆپىيىۋاتىدۇ .

       ۋېن جياباۋ تاڭجياشەن توسۇلما كۆلى خەۋىپنى تۈگىتىش خىزمىتىگە قاتنىشىۋاتقان قىسىمدىكى ئوفىسېر – ئەسكەرلەرنى يوقلىدى . ئۇ مۇنداق دېدى : ئېغىر يەر تەۋرەش ئاپىتىدىن كېيىن ، ئىككىلەمچى گېئولوگىيىلىك ئاپەت ئاۋۋالقىدەكلا خەلقنىڭ ھاياتى ، مال – مۈلۈك بىخەتەرلىكىگە تەھدىد سېلىۋاتىدۇ ، بولۇپمۇ تاڭجىياشەن توسۇلما كۆلىنىڭ كىشلەرنىڭ ھاياتى بىخەتەرلىكىگە سالىدىغان تەھدىدى ئېغىر بولۇۋاتىدۇ . خەۋىپنى تۈگىتىش قۇرۇلۇشى بىلەن خادىملارنى بىخەتەر جايغا يۆتكەش ئارقىلىق توسۇلما كۆلىنىڭ يوشۇرۇن ئاپىتىنى تۈگىتىش مەملىكىتىمىزنىڭ يەر تەۋرەش ئاپىتىگە تاقابىل تۇرۇش تارىخىدا ئەزەلدىن كۆرۈلۈپ باقمىغان بىر ئىش . توسۇلما كۆلنىڭ خەۋىپنى تۈگىتىش قۇرۇلۇشى جەريانىدا ، بىرمۇ پۇقرانىڭ يارلىنىشىغا ھەرگىز بولمايدۇ .

     ۋېن جىياباۋ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى : ئەگەر يەر تەۋرەش ئاپىتى ساقلانغىلى بولمايدىغان تەبىئىي ئاپەت بولسا ، ئۇنداقتا توسۇلما كۆلى خەۋپىنى تۈگىتىش ، ئاممىنىڭ بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش بىزنىڭ بۇرچىمىز . توسۇلما كۆلىنىڭ يوشۇرۇن ئاپىتىنى بىر كۈندىلا تۈگەتكىلى بولمايدۇ ، بىزنىڭ يەر تەۋرەش ئاپىتىگە تاقابىل تۇرۇش ۋەزىپىمىز تېخى تۈگىگىنى يوق . ۋېن جياباۋ يەنە ئازادلىق ئارمىيىدىكى كوماندىر– جەڭچىلەرنىڭ ئۆزىنى بېغىشلاش ، جاپاغا چىداپ كۈرەش قىلىش روھىنى تېخىمۇ جارىي قىلدۇرۇپ ، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش يېڭى جېگىگە دەرھال ئاتلىنىپ ، غەلبىنى قولغا كەلتۈرۈشنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى  .

    

      ۋېن جياباۋ مىيەنياڭ ئايرودرومىدا روسىيە ‹‹مى –26›› بەلگىلىك ئېغىر تىپلىق يۈك توشۇغۇچى تىك ئۇچار ئايروپىلانىدىكى خادىملارنى يوقلىدى . ئۇ مۇنداق دېدى : بىز مۈشكۈل ئەھۋالدا تۇرىۋاتقاندا روسىيە ھۆكۈمىتى قۇتقۇزۇش ، داۋالاش ئەترىتى ئەۋەتىپ ، بىز بىلەن بىرگە ئاپەتكە تاقابىل تۇرۇپ ، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش ئالدىنقى سېپىدە جاپالىق ئىشلەپ ، بىزگە كۆپ ياردەم قىلدى . بولۇپمۇ بۇ قېتىمقى توسۇلما كۆلىنىڭ خەتىرىنى تۈگىتىش جەريانىدا ئېغىر تىپلىق يۈك توشۇغۇچى تىك ئۇچار ئايروپىلان ئەۋەتتى . بىز روسىيە ھۆكۈمىتىگە ، روسىيە خەلقىگە ، شۇنداقلا روسىيىلىك ئۇچقۇچى خادىم ۋە بىز بىلەن بىرگە ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش جېڭىگە ئاتلانغان روسىيىلىك دوستلارغا چوڭقۇر مىننەتدارلىقىمىزنى بىلدۈرىمىز .

     سىچۈەندىكى يەر تەۋرەش ئاپىتى يۈز بەرگەندىن كېيىن ، روسىيە سىچۈەندىكى ئاپەت رايونىغا دەرھال ‹‹مى –26›› بەلگىلىك ئېغىر تىپلىق يۈك توشۇغۇچى تىك ئۇچار ئايروپىلاننى ئەۋەتكەن بولۇپ ، تاڭجياشەن توسۇلما كۆلىنىڭ خەۋپىنى تۈگىتىش خىزمىتىگە يېقىندىن ياردەم بېرىپ ، تاڭجياشەن توسۇلما كۆلىنىڭ خەۋپىنى تۇگىتىش قۇرۇلۇشىغا كېرەكلىك بولغان ئېغىر تىپتىكى قۇرۇلۇش ئۈسكۈنىلىرىنى توشۇشتەك مۇشكۈل ۋەزىپىنى ئۈستىگە ئالغانىدى .

      كەچ سائەت 8 دە ، گوۋۇيۈەن ئاپەتكە تاقابىل تۇرۇپ ، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش باش قوماندانلىق شىتابى پويىزدا يىغىن ئېچىپ ، مەخسۇس تاڭجياشەن توسۇلما كۆلى مەسلىسىنى مۇھاكىمە قىلدى . ۋېن جياباۋ ئالدى بىلەن بىرىنچى باسقۇچلۇق خىزمەتلەردە قولغا كەلتۈگەن نەتىجىلەرنى مۇئەييەنلەشتۇردى . ئۇ مۇنداق دېدى : ھازىر تاڭجياشەن توسۇلما كۆلىنىڭ مەسلىسىنى ھەل قىلىشتا كىلىمات ، قالدۇق يەر تەۋرەش ، توغان قۇرۇلمىسى قاتارلىق جەھەتلەردە يەنىلا نۇرغۇنلىغان ئېنىقسىز ئامىللار مەۋجۇت . بىز ئاۋاللىقىدەكدا بىخەتەرلىك ، پەن – تېخنىكا ، سۈرئەت تېز بولۇشتىن ئىبارەت بۇ ئۈچ پىرىنسىپتا  قەتئىي چىڭ تۇرۇپ ، ۋاقىت جەدۋىلى بېكىتىپ ، خەتەرلىك يۇشۇرۇن ئامىللارنى ئىمكانقەدەر تېز  تۇگىتىشىمىز كېرەك . بۇ مەسىلە ھەل بولمىسا ، خەلقنىڭ كۆڭلى ھەرگىز ئەمىن تاپمايدۇ ، يەر تەۋرەشكە تاقابىل تۇرۇپ ، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش خىزمىتىگىمۇ تەىسر يەتكۈزىدۇ . سۇچىلىق تارماقلىرى ۋە يەرلىك ھۆكۈمەت زىچ ھەمكارلىشىپ ، كۈزىتىپ ئاگاھلاندۇرۇش مېخانىزىمىنى كۈچەيتىپ ، خەۋپنى تۈگىتىش قۇرۇلۇشى لايىھىسى ۋە خادىملارنى بىخەتەر يۆتكەش لايىھىسىنى تېخىمۇ مۇكەممەل ئېلىپ بېرىش لازىم .  

( مۇھەررىر : ئامانگۈل )

نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى

تېلېفون:Tel:0991-8521981       ئەسەر ئەۋەتىڭ         قوشۇۋېلىڭ       قوشۇۋېلىڭ