|
ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئابدۇشۈكۈر راشىدىن ، قەمەردىللا دولقۇنلار خەۋىرى، فوتوسى : 6–ئاينىڭ 5–كۈنى قەشقەر ‹‹ شىندا ››كىرا ئاپتوموبىلى مۇلازىمەت شىركىتىنىڭ 80 گە يېقىن كىرا ئاپتوموبىلىنىڭ ئالدى ئەينەكلىرىگە بىرلا ۋاقىتتا ‹‹ئىمتىھان مەيدانىغا ھەقسىز ئاپىرىپ قويۇش›› ئاپتوموبىلىى دېگەن قىزىل تاختا ئېسىلدى . شىركەتنىڭ باش دىرېكتورى ئابلىكىم ئەبەيدۇللانىڭ ئېيتىشىچە ، بۇ ئاپتوموبىللار ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى مەزگىلىدە ئىمتىھان بېرىدىغان ئوقۇغۇچىلار ئۈچۈن ھەقسىز مۇلازىمەت قىلدىكەن.

سۈرەتتە: ‹‹ شىندا››كىرا ئاپتوموبىلى مۇلازىمەت شىركىتى شوپۇرلارغا ھەقسىز مۇلازىمەت قىلىش تاختىسىنى تارقىتىپ بەردى
مۇخبىرنىڭ ئالاقىدار تارماقلاردىن ئىگىلىشىچە ، 6- ئاينىڭ 7-كۈنىدىن 9 – كۈنىگىچە دۆلەتلىك ئالىي مەكتەپ ئىمتىھان مەزگىلى بولۇپ ، قەشقەر شەھەر رايونىدا ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى بېرىدىغان ئوقۇغۇچىلار ئىمتىھانغا كىرىش كىنىشكىسىنى كۆرسىتىپ‹‹ مېھر - شەپقەت يەتكۈزۈش ئاپتوموبىل ئەترىتى›› ، ‹‹ ئىمتىھان مەيدانىغا ھەقسىز ئاپىرىپ قويۇش›› ئاپتوموبىلى دېگەن تاختا ئېسىلغان كىرا ئاپتوموبىلىغا ھەقسىز ئولتۇرسا بولىدىكەن .
6–ئاينىڭ 5–كۈنى، مۇخبىر قەشقەر شەھەرلىك يولۇچى توشۇشنى باشقۇرۇش پونكىتىدىن ئىگىلىشىچە ، ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى مەزگىلىدە قەشقەر شەھىرىدىكى‹‹ شىندا ›› ،‹‹ دافا›› ،‹‹ خېڭيۈن›› ،‹‹ شىڭدا›› ،‹‹ قەدمىي شەھەر›› ،‹‹ توڭشىن›› ،‹‹ مىنشىڭ›› ،‹‹ فىڭتيەن›› قاتارلىق توققۇز كىرا ئاپتوموبىلى شىركىتى ئۆزلىرى تەۋەلىكىدىكى پارتىيە ئەزالىرى ئاپتوموبىلى ، ئىتتىپاق ئەزالىرى ئاپتوموبىلى، مېھر -شەپقەت يەتكۈزۈش ئاپتوموبىلى، مەدەنىيەتلىك ئاپتوموبىل ۋە لېي فېڭچە ئاپتوموبىل قاتارلىق231 دانە كىرا ئاپتوموبىلىنى ئاجرىتىپ ، ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىغا قاتنىشىدىغانلار ئۈچۈن ھەقسىز مۇلازىمەت قىلىدىكەن .
ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى بەرگۈچىلەرنىڭ تاكسىغا ھەقسىز ئولتۇرۇش ۋاقتى 7 – ئىيۇندىن 9 – ئىيۇنغىچە ئۈچ كۈن بولۇپ ، كونكېرت ۋاقتى سەھەر (بېيجىڭ ۋاقتى) سائەت 7:00 دىن چۈشتىن كېيىن 19:00 غىچە بولىدىكەن ، ‹‹ مېھر- شەپقەت يەتكۈزۈش ئاپتوموبىل ئەترىتى›› ،‹‹ ئىمتىھان مەيدانىغا ھەقسىز ئاپىرىپ قويۇش›› ئاپتوموبىللىرى 7 – ئىيۇن سەھەر سائەت 7:00 دىلا يولغا چىقىپ ، ۋاقىت ۋە ئورۇن بويىچە ئىمتىھان بەرگۈچىنى ئىمتىھان مەيدانىغا ئاپىرىشقا كاپالەتلىك قىلىدىكەن. ئىگىلىنىشىچە ، قەشقەر شەھىرىدە يۇقىرىقى ئاپتوموبىللاردىن باشقا كىرا ئاپتوموبىللىرىمۇ ئۆزلىرى خالاپ بۇ ئىشقا تىزىملىتىپ ، قاتناشسا بولىدىكەن .

سۈرەتتە: كىرا ئاپتوموبىللىرىغا تاختا ئېسىش مۇراسىمىدىن بىر كۆرۈنۈش
|