|
يىلدا بىر ئېلىنىدىغان تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ، ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىنىڭ باشلىنىشىغا ئاز قالدى، ئۈرۈمچى شەھەرلىك مۇھىت ئاسراش ئىدارىسى، قانۇن ئىجرا قىلىش ئىدارىسى ئىمتىھان بېرىدىغان ئوقۇغۇچىلارغا تىنچ تەكرار قىلىش ۋە ئىمتىھان بېرىش مۇھىتى يارىتىپ بېرىش ئۈچۈن، ‹‹شاۋقۇن چەكلەش بۇيرۇقى›› چىقىرىپ، 1 – ئىيۇندىن 8 – ئىيۇنغىچە، 13 – ئىيۇندىن 17 – ئىيۇنغىچە كېچىدە قۇرۇلۇش قىلىشنى قەتئىي چەكلىدى.
تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ، ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى مەزگىلىدە، ئىمتىھان بېرىدىغان ئوقۇغۇچىلارنى تىنچ ئىمتىھان مۇھىتىغا ئىگە قىلىش ئۈچۈن، ھەر قايسى ئىمتىھان نۇقتىسىغا 200 مېتىر كېلىدىغان ئورۇنلاردا قۇرۇلۇش قىلىش چەكلەنگەندىن باشقا، يۇقىرى ئاۋازلىق كاناي ئىشلىتىشمۇ قەتئىي چەكلىنىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىللە، تىجارەت خاراكتېرلىك مەدەنىيەت – كۆڭۈل ئېچىش سورۇنلىرىنىڭ بەلگىلەنگەن ئۆلچەمدىن ئاشۇرۇپ شاۋقۇن چىقىرىشى، ئوچۇقچىلىقتا كۆڭۈل ئېچىش ۋە يىغىلىش قىلىش قاتارلىق پائالىيەتلەرنىڭ ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆگىنىش ۋە ئارام ئېلىشىغا تەسىر يەتكۈزۈشى قەتئىي چەكلىنىدۇ.
ئۈرۈمچى شەھەرلىك مۇھىت ئاسراش ئىدارىسىنىڭ خىزمەتچىسى مۇنداق دېدى: ‹‹شاۋقۇننى چەكلەش بۇيرۇقى›› يولغا قويۇلغان مەزگىلدە، ئەگەر شاۋقۇن ئىمتىھان بەرگۈچىلەرگە دەخلى يەتكۈزىدىغان ئەھۋال كۆرۈلسە، شەھەر ئاھالىلىرى 12369، 4650002 نومۇرغا تېلېفون ئۇرۇپ ئەھۋال مەلۇم قىلسا، پاش قىلسا بولىدۇ.
|