|
يېقىندىن بۇيان ئەنگلىيىنىڭ سىياسىي ساھەسىدىكى بەزى ئەربابلار ياۋروپادا قاتراپ يۈرگەن دالاينى ئەنگلىيىدە ھەرىكەتلىنىشكە جاھىللىق بىلەن تەكلىپ قىلدى ھەم باش ۋەزىر بروۋن قاتارلىق سىياسىي ئەربابلار بىلەن كۆرۈشۈشكە ئورۇنلاشتۇردى، ھەتتا ئەنگلىيە پارلامېنتىنىڭ دىپلوماتىيە كومىتېتى دالاينى ئاتالمىش ‹‹جۇڭگونىڭ ئىنسانىي ھوقۇق مەسىلىسى ھەققىدىكى گۇۋاھلىقتىن ئۆتۈش يىغىنى››دا ‹‹گۇۋاھلىقتىن ئۆتۈش››كە تەكلىپ قىلدى. جۇڭگو ھۆكۈمىتى ۋە ھەر مىللەت خەلقى يەر تەۋرەشكە تاقابىل تۇرۇپ، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇشقا ئاتلانغان ئاچقۇچلۇق پەيتتە، ئەنگلىيىنىڭ سىياسىي ساھەسىدىكى بەزى كىشىلەرنىڭ دالاينى ‹‹گۇۋاھلىقتىن ئۆتۈش››كە تەكلىپ قىلغانلىقى تولىمۇ بىمەنىلىك.
كىشىلەر شۇنىڭغا دىققەت قىلىشى كېرەككى، ‹‹12 – ماي›› ۋېنچۇەندىكى يەر تەۋرەشنىڭ مەركىزى سىچۇەننىڭ ئابا زاڭزۇ – چياڭزۇ ئاپتونوم ئوبلاستىدا بولۇپ، بۇ يەردىكى ئاھالىنىڭ %55 ى زاڭزۇ. يەر تەۋرەشكە تاقابىل تۇرۇپ، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇشتىكى مەقسەت تەبىئىي ئاپەتكە ئۇچرىغان ھەر مىللەت خەلقنىڭ ياشاش ھوقۇقىنى قوغداش، ئىنسانىي ھوقۇق ئىشلىرىنى ئىلگىرى سۈرۈش ۋە قوغداش.
ئەمەلىيەتتە يەر تەۋرىگەندىن كېيىن جۇڭگو ھۆكۈمىتى تېزدىن ھەر مىللەت خەلقنى ئاپەتتىن قۇتقۇزۇشقا تەشكىللەپ، ئاپەتكە ئالاقىدار ئۇچۇرنى سىرتقا ئاشكارا ئېلان قىلدى ۋە يەر تەۋرەش ئاپىتىدە قازا قىلغان قېرىنداشلارغا دۆلەت ماتەم كۈنى شەكلىدە مەملىكەت بويىچە تەزىيە بىلدۈردى، بۇلارنىڭ ھەممىسى جۇڭگو ھۆكۈمىتىنىڭ ئىنسانىي ھوقۇقنى ھۆرمەتلەيدىغانلىقى، قوغدايدىغانلىقى، ئىنسانپەرۋەرلىكنىڭ قىممىتىنى قەدىرلەيدىغانلىقىنى ئىپادىلەيدۇ. ئاپەتكە ئۇچرىغان رايوندىكى زاڭزۇ، چياڭزۇ، خەنزۇ قاتارلىق ھەر مىللەت ئاھالىنىڭ ئىتتىپاقلىشىپ، ئۆزئارا ياردەم بېرىپ، ئۆلۈمگە ئامال، ئاغرىققا سەۋەب قىلغانلىقى جۇڭگونىڭ ئىنسانىي ھوقۇق ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىنى تېخىمۇ جانلىق نامايان قىلدى.
مۇشۇنداق ۋاقىتتا دالاي ياۋروپادىكى گېرمانىيە، ئەنگلىيە قاتارلىق دۆلەتلەردە قاتراپ يۈرۈپ، بارغانلا جايدا مەسئۇلىيەتسىز سۆزلەرنى ئېلان قىلدى. جۇڭگو ھۆكۈمىتى ۋە خەلقى پۈتۈن كۈچى بىلەن يەر تەۋرەشكە تاقابىل تۇرۇپ، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇۋاتقان پەيتتە، دالاي كۆز ئالدىدا يۈز بېرىۋاتقان ئىنسانىي ھوقۇقنى قوغداش چوڭ ئىشىغا ھېچ قانداق ماھىيەتلىك تۆھپە قوشمايلا قالماي، ئەكسىچە ‹‹ئىنسانىي ھوقۇق››نى ئۆزىگە قالقان، جۇڭگو ھۆكۈمىتىگە بېسىم ئىشلىتىدىغان قورال قىلدى.
ئالايلى، دالاي گېرمانىيىدە ئاخبارات ۋاسىتىلىرىگە جۇڭگو ھۆكۈمىتىنىڭ لاسادىكى ‹‹14 – مارت›› ئۇرۇش، چېقىش، بۇلاش، ئوت قويۇش زوراۋانلىق ۋەقەسىنى قانۇن بويىچە بىر تەرەپ قىلىشىنى ‹‹باستۇرۇش›› دېدى؛ ئەنگلىيىدە ئاخبارات ۋاسىتىلىرىگە: جۇڭگو ھۆكۈمىتىنىڭ ‹‹ئەخلاقىي نوپۇزى كەمچىل››؛ جۇڭگو ھۆكۈمىتى ‹‹شىزاڭلىقلارنىڭ ئىنسانىي ھوقۇقىغا ھۆرمەت قىلىشى كېرەك››، دېدى؛ ئەنگلىيە باش ۋەزىرى بروۋن بىلەن كۆرۈشكەندە: شىزاڭ ‹‹زور مەدەنىيەت قىرغىنچىلىقى››غا دۇچ كېلىۋاتىدۇ، بۇ جۇڭگو ھۆكۈمىتىنىڭ ‹‹ئىنسانىي ھوقۇققا بۇزغۇنچىلىق قىلىۋاتقانلىقى››نىڭ ئىپادىسى، دېدى ۋە ئەنگلىيە ھۆكۈمىتىدىن جۇڭگوغا ‹‹تېخىمۇ كۈچلۈك بېسىم ئىشلىتىش››ىنى تەلەپ قىلدى.
‹‹ئىنسانىي ھوقۇققا كۆڭۈل بۆلۈش››نى ئاغزىدىن چۈشۈرمەي كاپشىۋاتقان دالاي شۇنى ئۇنتۇپ قالماسلىقى كېرەككى، ئۇ ئىلگىرى ھۆكۈمرانلىق قىلغان، سىياسەت بىلەن دىن بىرلەشتۈرۈلگەن، فېئودال قۇللۇق تۈزۈمىدىكى كونا شىزاڭ ئىنتايىن زۇلمەتلىك ئىدى، نوپۇسنىڭ% 90 تىن كۆپرەكىنى ئىگىلەيدىغان يانچىلارنىڭ ھەتتا ئەڭ ئاساسلىق ياشاش ھوقۇقىمۇ كاپالەتلەندۈرۈلمىگەن بولۇپ، شىزاڭ ئىنسانىي ھوقۇقنىڭ ھەممە ئېتىراپ قىلغان زۇلمەت مەزگىلى ئىدى؛ ئۇ پىلانلىغان، كۈشكۈرتكەن ‹‹14 – مارت›› ئۇرۇش، چېقىش، بۇلاش، ئوت قويۇش زوراۋانلىق ۋەقەسىدە ھەر مىللەت ئاھالىنىڭ ياشاش ھوقۇقى، مال – مۈلۈك ھوقۇقى ۋە تەرەققىيات ھوقۇقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىنىپ، ئىنسانىي ھوقۇق قوپاللىق بىلەن دەپسەندە قىلىندى.
ئىنسانىي ھوقۇق مەسىلىسىدە رەزىل تارىخى بار، ھازىر ھەدەپ يالغانچىلىق قىلىۋاتقان دالاي قايسى سالاھىيىتى ۋە ئاممىۋى نوپۇزى بىلەن ‹‹جۇڭگونىڭ ئىنسانىي ھوقۇق مەسىلىسى›› ھەققىدە ‹‹گۇۋاھلىقتىن ئۆتىدۇ؟›› ئۇنىڭ جۇڭگونىڭ ئىنسانىي ھوقۇق ئىشلىرىغا باھا بەرگۈدەك ‹‹ئەخلاقىي نوپۇز››ى بارمۇ؟
دالايغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، ھازىر ئۇ سەمىمىيىتىنى ئەمەلىي ھەرىكىتى ئارقىلىق ئىپادىلەپ، ۋەتەننى پارچىلاش، زوراۋانلىقنى پىلانلاش ۋە كۈشكۈرتۈش، بېيجىڭ ئو ت م گە بۇزغۇنچىلىق قىلىش ھەرىكىتىنى ھەقىقىي توختىتىپ، مەركىزىي ھۆكۈمەت بىلەن كېيىنكى قەدەمدىكى كېڭىشىشكە شەرت ھازىرلىشى كېرەك ئىدى، بۇ ئۇنىڭ بىردىنبىر چىقىش يولى. لېكىن پاكىتلار شۇنى ئىسپاتلىدىكى، دالاي ۋەتەننى پارچىلاش ھەرىكىتىنى ھازىرغىچە توختاتمىدى، ‹‹ئىنسانىي ھوقۇق›› پەقەت ئۇنىڭ ۋەتەننى پارچىلاش ھەرىكىتى بىلەن شۇغۇللىنىشتىكى نىقاب، خالاس.
شىنخۇا ئاگېنتلىقى
|