باش بەت | خەۋەر مەركىزى | گۈزەل شىنجاڭ | مەدەنىيەت | تەڭرىتاغ ئەدەبىياتى | تۇرمۇش | تەڭرىتاغ ئېكرانى | پارتىيە–ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى | بېكىتىمىز
ئۈرۈمچىدە بۈگۈن ھاۋا ئوچۇق بولۇپ، يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃32،تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃21بولىدۇ.
خەلق ئىشلىرى مىنىستىرلىكى يەر تەۋرەشكە تاقابىل تۇرۇپ، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش تۇرمۇش ماددىي ئەشيالىرىنى تەقسىملەش چارىسىنى ئېلان قىلدى
2008- 06- 05 10:27 شىنجاڭ گېزىتى

     شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 1 – ئىيۇن تېلېگراممىسى. ۋېنچۇەندىكى يەر تەۋرەشكە تاقابىل تۇرۇپ، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇشتا توپلانغان تۇرمۇش ماددىي ئەشيالىرىنى باشقۇرۇش، قېلىپلاشتۇرۇپ تەقسىملەش، تارقىتىش ۋە ئىشلىتىشنى كۈچەيتىش، پايدىلىنىش ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن، خەلق ئىشلىرى مىنىستىرلىكى بۈگۈن ‹‹ۋېنچۇەندىكى يەر تەۋرەشكە تاقابىل تۇرۇپ، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش تۇرمۇش ماددىي ئەشيالىرىنى تەقسىملەش چارىسى››نى ئېلان قىلىپ، تۇرمۇش ماددىي ئەشيالىرىنى تەقسىملەش، تارقىتىش، ئىشلىتىش پرىنسىپى، تەرتىپى، تۈزۈمى، نازارەت قىلىش ئىشى توغرىسىدا ئېنىق بەلگىلىمە چىقاردى.

     ‹‹چارە››دە مۇنۇلار بەلگىلەندى: يەر تەۋرەشكە تاقابىل تۇرۇپ، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش تۇرمۇش ماددىي ئەشيالىرىنى جەزمەن ئاپەتكە ئۇچرىغان رايوننىڭ چوڭ – كىچىكلىكى، ئاپەتكە ئۇچراش دەرىجىسى، نوپۇس زىچلىقى، ئاپەتكە ئۇچرىغان ئاممىنىڭ ئېھتىياجىغا ئاساسەن تەقسىملەپ، مۇھىم نۇقتىغا كاپالەتلىك قىلىپ، دەل ۋاقتىدا، تېز، ئۈنۈملۈك، ئاشكارا، ئادىل، ھەققانىي تارقىتىشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. ماددىي ئەشيالارنى تارقىتىشتا، ئۇرۇق – تۇغقان، دوست – بۇرادەرلىرىگە يېقىنچىلىق قىلىپ ئالدىن تارقىتىش، جىنس، ياش جەھەتتىكى كەمسىتىش ۋە يېتىم، مېيىپلەرنى كۆزگە ئىلماسلىق ھەرىكەتلىرىنى قاتتىق چەكلەپ، ئېھتىياجغا كاپالەتلىك قىلىش بىلەن بىرگە ئىسراپچىلىقنىڭ ئالدىنى ئېلىش كېرەك. ‹‹چارە››دە مۇنۇلار تەلەپ قىلىندى: يەر تەۋرەشكە تاقابىل تۇرۇپ، ئاپەتتىن  قۇتقۇزۇش تۇرمۇش ماددىي ئەشيالىرىنى تارقىتىشتا مەسئۇلىيەت تۈزۈمى ئورنىتىپ، رەسمىيەتلەرنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، مەخسۇس ھېسابات بويىچە باشقۇرۇپ، مەخسۇس ئادەمنى مەسئۇل قىلىپ، ھېسابات بىلەن ماددىي ئەشيانىڭ ماس بولۇشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك. ئاپەت رايونىدىكى ھەر دەرىجىلىك ھۆكۈمەتلەر يەر تەۋرەشكە تاقابىل تۇرۇپ، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش تۇرمۇش ماددىي ئەشيالىرىنى تارقىتىش مەركىزى تەسىس قىلىپ، يەر تەۋرەشكە تاقابىل تۇرۇپ، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش ماددىي ئەشيالىرىنى بىر تۇتاش باشقۇرۇش، تەڭشەش، تەشكىللەپ تارقىتىشقا مەسئۇل قىلىشى،  يەر تەۋرەشكە تاقابىل تۇرۇپ، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش تۇرمۇش ماددىي ئەشيالىرىنى  تاپشۇرۇۋېلىش ۋە تارقىتىشتا قاتتىق خىزمەت تۈزۈمى ئورنىتىشى كېرەك.

     ‹‹چارە››دە مۇنۇلار تەلەپ قىلىندى: ئاپەت يۈز بەرگەن رايونلاردىكى ھۆكۈمەتلەر ئاپەتكە ئۇچرىغان ئاممىنى مەركەزلىك ئورۇنلاشتۇرۇش مەركىزىدە يەر تەۋرەشكە تاقابىل تۇرۇپ، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش تۇرمۇش ماددىي ئەشيالىرىنى بىر تۇتاش تارقىتىش نۇقتىسى تەسىس قىلىپ، يەر تەۋرەشكە تاقابىل تۇرۇپ، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش تۇرمۇش ماددىي ئەشيالىرىنى كونكرېت تارقىتىش خىزمىتىگە مەسئۇل قىلىشى ھەم مەسئۇل كىشىنىڭ ئىسىملىكى ۋە ئالاقىلىشىش شەكلىنى ئاشكارىلىشى كېرەك. ماددىي ئەشيالارنى تارقىتىش نۇقتىسىدىكىلەر ئاپەتكە ئۇچرىغان ئامما كۆرسەتكەن ۋەكىلنى تۇرمۇش ماددىي ئەشيالىرىنى تارقىتىش، باشقۇرۇش خىزمىتىگە قاتناشتۇرۇشى كېرەك. ئاپەت يۈز بەرگەن رايوندىكى يېزا، بازارلىق ھۆكۈمەتلەر جەزمەن ماددىي ئەشيالارنى تاپشۇرۇۋېلىش، تارقىتىش تۈزۈمىنى قاتتىق ئىجرا قىلىپ، تاپشۇرۇۋېلىش ۋە تارقىتىشتا ‹‹ھەقىقىي نام تۈزۈمى››نى يولغا قويۇشى، ماددىي ئەشيالارنى تاپشۇرۇۋېلىش، تارقىتىش تالونىغا ۋە ئارخىپتا ساقلاش خاتىرىسىگە مەسئۇل ئادەم ئىمزا قويۇشى كېرەك.

     ‹‹چارە››دە، نىشانلىق ئىئانە قىلىنغان ماددىي ئەشيالارنى تاپشۇرۇۋالغۇچى ئورۇننىڭ ئىئانىنى ئىئانە قىلغۇچىنىڭ ئارزۇسى بويىچە ئورۇنلاشتۇرۇشى، ئىشلىتىشى بەلگىلەندى.
 

( مۇھەررىر : ئامانگۈل )

نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى

تېلېفون:Tel:0991-8521981       ئەسەر ئەۋەتىڭ         قوشۇۋېلىڭ       قوشۇۋېلىڭ