|
ج ك پ مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بيۇروسىنىڭ ئەزاسى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ شۇجىسى ۋاڭ لېچۈەن 3 – ئىيۇن شىنجاڭدىكى تۇنجى نۆۋەتلىك ئەخلاق ئۈلگىلىرى بىلەن سەمىمىي كۆرۈشتى ھەم مۇھىم سۆز قىلدى، بۇ ئەخلاق ئۈلگىلىرىگە كۆڭۈل بۆلىدىغانلىقى ۋە غەمخورلۇق قىلىدىغانلىقىنى، بولۇپمۇ پۇقرالار ئەخلاق قۇرۇلۇشىغا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىدىغانلىقىنى نامايان قىلدى. بىز بۇ سۆزنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئەخلاق ئۈلگىلىرىدىن ئۆگىنىش پائالىيىتىنى كەڭ، چوڭقۇر قانات يايدۇرۇپ، پۇقرالارنىڭ ئەخلاق ساپاسىنى يەنىمۇ ئۆستۈرۈپ، جەمئىيەتنىڭ مەدەنىيەت دەرىجىسى ۋە ئەخلاق ساپاسىنىڭ داۋاملىق ئۆسۈشىنى ئىلگىرى سۈرۈشىمىز كېرەك.
دەۋرنىڭ ئالغا بېسىشى، جەمئىيەتنىڭ تەرەققىي قىلىشى ئەخلاق ئۈلگىلىرى كۈچىنىڭ تۈرتكىسىگە موھتاج. ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ بۇ قېتىمقى باھالاش، تەقدىرلەش پائالىيىتىدىن ھازىرقى جەمئىيەتتە سوتسىيالىستىك ئەخلاق تەلىپىنى نامايان قىلغان ئۈلگىلىك شەخسلەرنىڭ كۆپلەپ مەيدانغا كېلىۋاتقانلىقىنى كۆرۈۋالالايمىز؛ ئاساسىي قاتلام ۋە 1 – سەپتىن كەلگەن 30 ئەخلاق ئۈلگىسى ۋە 20 نامزات ئۇلارنىڭ كۆزگە كۆرۈنگەن ۋەكىللىرى بولۇپ، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقىگە ئۆگىنىش ئۈلگىسى تىكلەپ بەردى.
ئەخلاق ئۈلگىسى، دېگەن نام يۈكسەك شان – شەرەپ، ئۇلارنىڭ تەسىرلىك ئىش – پائالىيەتلىرى ئاپتونوم رايونىمىز مەنىۋى مەدەنىيلىك قۇرۇلۇشىنىڭ قىممەتلىك بايلىقى ۋە تىپىك ئۆگىنىش ماتېرىيالى. ئۇلار شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ ئېسىل پەزىلىتى ۋە ئەخلاققا بولغان ئىنتىلىشىنى مەركەزلىك گەۋدىلەندۈردى، ئۇلارنىڭ ئىلغار ئىش – پائالىيەتلىرى ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئىجتىمائىي كەيپىياتىغا باشلامچىلىق قىلىدىغان بايراققا ئايلىنىپ، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقىنى يېڭى مەنىۋى پەللىگە ئاتلىنىشقا رىغبەتلەندۈرىدۇ.
ئۈلگىنىڭ كۈچى چەكسىز. ئۆگىنىش ئارقىلىق ئىجتىمائىي ئەخلاق، كەسىپ ئەخلاقى، ئائىلە ئەخلاقى قۇرۇلۇشىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، ئەنئەنىۋى گۈزەل ئەخلاق ۋە دەۋر روھىغا ئۇيغۇن ئەخلاق ئۆلچىمىنى يەنىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈپ، شەرەپ – نومۇسنى بىلىدىغان، دۇرۇس ئىستىل تىكلەيدىغان، ئىناقلىقنى ئىلگىرى سۈرىدىغان ئىجتىمائىي يېڭى كەيپىياتنى زور كۈچ بىلەن ئەۋج ئالدۇرۇپ، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي ئىشلىرىنىڭ ھەم ياخشى، ھەم تېز تەرەققىي قىلىشىنى كۈچلۈك ئىدىيە ئەخلاق كاپالىتى بىلەن تەمىن ئېتىشىمىز كېرەك.
ئەخلاق ئۈلگىلىرىنىڭ ئىش ئورنىنى قەدىرلەپ، كەسىپنى سۆيۈش، باش چۆكۈرۈپ جاپالىق ئىشلەش، جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەش، غەيرەتلىك بولۇشتەك روھىي ھالىتىدىن؛ ئادىل ۋە خالىس بولۇش، ئومۇم ئۈچۈن ئىشلەش، سەمىمىي – ئىشەنچلىك بولۇش، تىرىشچان ۋە باتۇر بولۇشتەك ئېسىل پەزىلىتىدىن؛ ئىتتىپاقلىشىپ ئۆز ئارا ياردەم بېرىش، ھەممىدە باشقىلارنىڭ مەنپەئىتىنى كۆزلەش، ئۆزىنى بېغىشلاش، نامراتلىققا باش ئەگمەسلىكتەك يۈكسەك ئىرادىسىدىن؛ رەزىللىكنى قامچىلاپ ياخشىلىقنى تەرغىپ قىلىش، توغرا نەسىھەت ۋە تەنقىدلەرنى بەجانىدىل قوبۇل قىلىش، غېرىب – غۇرۋالارنىڭ بېشىنى سىلاش، چوڭلارنى ھۆرمەتلەپ، كىچىكلەرنى ئىززەتلەشتەك ئېسىل ئەخلاقىدىن؛ ياخشى ئىشنى ئىزچىل داۋاملاشتۇرۇش، باشتىن – ئاخىر بىردەك بولۇشتەك ئېسىل پەزىلىتىدىن ئۆگىنىشىمىز كېرەك. پارتىيىلىك كادىرلار ئەخلاق ئۈلگىلىرىدىن باشلامچىلىق بىلەن ئۆگىنىپ، سوتسىيالىستىك شەرەپ – نومۇس قارىشىنى ئاڭلىق ھالدا ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈپ، پارتىيىۋىلىك جەھەتتىن تەربىيىلىنىشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، جان – دىل بىلەن خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلىشى كېرەك. ئەخلاق ئۈلگىلىرىدىن ئۆگىنىش پائالىيىتىنى ‹‹پۇقرالار ئەخلاق قۇرۇلۇشىنى يولغا قويۇش پروگراممىسى››نى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇش، سوتسىيالىستىك شەرەپ – نومۇس قارىشىنى تۇرغۇزۇش بىلەن، سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت سىستېمىسىنى تۇرغۇزۇش، ئىجتىمائىي ئىناقلىقنى ئىلگىرى سۈرۈش بىلەن بىرلەشتۈرۈش كېرەك. ھازىر، بولۇپمۇ يەر تەۋرەشكە تاقابىل تۇرۇپ، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش روھىنى جارى قىلدۇرۇش بىلەن بىرلەشتۈرۈپ، ھەر مىللەت خەلقىنى روھنى ئۇرغۇتۇپ، كۈچنى مەركەزلەشتۈرۈشكە رىغبەتلەندۈرۈش كېرەك؛ شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئۆگىنىش پائالىيىتى ئارقىلىق جەمئىيەتتە ئىلغارلاردىن ئۆگىنىش، ئىلغارلارنى ھۆرمەتلەش، ئىلغارلاردىن بولۇشتا بەسلىشىدىغان قىزغىنلىقنى قوزغاپ، پۇقرالار ئەخلاق ئۆلچىمى بىلەن سوتسىيالىستىك شەرەپ – نومۇس قارىشىغا قويۇلىدىغان تەلەپنى كىشىلەرنىڭ خىزمەت ۋە تۇرمۇش ئەمەلىيىتىگە يەنىمۇ سىڭدۈرۈش كېرەك.
|