|
گوۋۇيۈەن بەنگۇڭتىڭى تارقاتقان ‹‹سۇلياۋ خالتا ئىشلەپچىقىرىش، سېتىش، ئىشلىتىشنى چەكلەش توغرىسىدا ئۇقتۇرۇش›› قا بىنائەن، 1 – ئىيۇندىن باشلاپ مەملىكەت بويىچە قېلىنلىقى 0.025 مىللىمېتىردىن نېپىز بولغان سۇلياۋ خالتىلارنى ئىشلەپچىقىرىش، سېتىش، ئىشلىتىش چەكلەندى؛ بارلىق تاللا بازارلىرى، ماگىزىن، بازار قاتارلىق تاۋارلارنى پارچە سېتىش ئورۇنلىرىدا سۇلياۋ خالتا بىلەن ھەقسىز تەمىنلەشكە بىردەك رۇخسەت قىلىنمىدى.
‹‹سۇلياۋ خالتىنى چەكلەش بۇيرۇقى›› نىڭ تەلىپىگە ئەمەل قىلىش ئۈچۈن، ئېلىمىزدىكى بەزى چوڭ تاللا بازارلىرىدا بىر قانچە ئاي ئىلگىرىلا مۇھىت ئاسراش خالتىسى قەدەممۇ قەدەم ئومۇملاشتۇرۇلۇشقا باشلىغانىدى. گۇاڭجۇدىكى بەزى سودا سارايلىرىدا بۇلتۇر تاۋۇز چاغىنىدىن باشلاپ خېرىدار بەلگىلىك قىممەتتە تاۋار سېتىۋالسا نەپس مۇھىت ئاسراش خالتىسى سوۋغا قىلىشتەك بىر قاتار مۇھىت ئاسراش، سېتىشنى تېزلىتىش پائالىيەتلىرى يولغا قويۇلدى.
ئەمما، بەزى كىچىك دۇكان، كۆكتات بازارلىرى ‹‹سۇلياۋ خالتىنى چەكلەش بۇيرۇقى›› نى ئىجرا قىلىشتىكى ‹‹خىرە نۇقتا›› بولۇپ قېلىشى مۇمكىن. مۇخبىر 31 – ماي گۇاڭجۇ، جېڭجۇ قاتارلىق جايلاردىكى كۆكتات بازىرى، كىچىك دۇكان، كىتابخانا قاتارلىق دائىم سۇلياۋ خالتا ئىشلىتىدىغان سورۇنلارغا بېرىپ، پەۋقۇلئاددە نېپىز سۇلياۋ خالتىلارنىڭ يەنىلا كەڭ ئىشلىتىلىۋاتقانلىقىنى كۆردى. بىر شەھەر ئاھالىسى: بازاردا بۇ خىل سۇلياۋ خالتىنى ئىشلىتىشكە بولمايدىغانلىقىنى پەقەتلا ئاڭلىمىغانلىقىنى، بۇ توغرىلىق بىرەر ئېلان تاختىسىنىمۇ كۆرمىگەنلىكىنى، ماگىزىنلارنىڭ يەنىلا ھەقسىز تەمىنلەۋاتقانلىقىنى، ھېچ بولمىغاندا ئۆيگە ئاپىرىپ ئەخلەت خالتىسى قىلسىمۇ بولىدىغانلىقىنى ئېيتتى.
نۇرغۇن رايوندىكى سودا – سانائەت مەمۇرىي باشقۇرۇش ۋە مال باھا ئورۇنلىرى ‹‹سۇلياۋ خالتىنى چەكلەش بۇيرۇقى›› غا ماسلىشىش ئۈچۈن، لاياقەتسىز سۇلياۋ خالتا ئىشلەپ چىقارغان زاۋۇت ۋە تىجارەت ئورۇنلىرىنى ئومۇميۈزلۈك تازىلايدىغانلىقىنى بەس – بەستە بىلدۈرگەن بولسىمۇ، ئەمما بىر تۇتاش باھا بەلگىلەشنى تەلەپ قىلمىغاچقا، سودا ئورۇنلىرى ئۆزلىرىنىڭ تەننەرخ چىقىمىغا ئاساسەن ئۆز ئالدىغا باھا بەلگىلىگەن. بۇنىڭغا قارىتا بەزى مۇتەخەسسىسلەر مۇنداق قارىدى: ئىلگىرى ئىستېمالچىلار ئىشلەتكەن سۇلياۋ خالتىنىڭ ھەققى ئەمەلىيەتتە تاۋار باھاسىغا قوشۇۋېتىلەتتى، ‹‹سۇلياۋ خالتىنى چەكلەش بۇيرۇقى›› نىڭ يولغا قويۇلۇشى بىلەن تىجارەت ئورۇنلىرى تاۋارنىڭ ئەمەلىي باھاسىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈپ، ئىلگىرى تاۋار باھاسىدا ئۆز ئىچىگە ئېلىنغان سۇلياۋ خالتىنىڭ باھاسىنى ‹‹ئاشكارىلايدۇ››، بۇ پەقەت ‹‹يوشۇرۇن ھەق ئېلىش›› تىن ‹‹ئاشكارا ھەق ئېلىش›› قا ئۆتۈشتىنلا ئىبارەت، خالاس.
دۆلەتنىڭ ‹‹سۇلياۋ خالتىنى چەكلەش بۇيرۇقى›› نى يولغا قويۇشتىكى مەقسىتى – سۇلياۋ خالتىنىڭ ئىشلىتىلىشىنى چەكلەپ ۋە ئازايتىپ، ‹‹ئاق بۇلغىنىش›› نىڭ ئالدىنى ئېلىش. ھالبۇكى، ھازىر بەزى ئورۇنلارنىڭ قانۇن ئىجرا قىلىش ئەھۋالى ۋە يولغا قويغان ئالاقىدار تەدبىرلىرى كىشىلەردە بۇ بۇيرۇقنىڭ ئىجرا قىلىنىش ئۈنۈمىدىن ئانچە ئۈمىدۋار بولۇپ كەتكىلى بولمايدىغاندەك تۇيغۇ پەيدا قىلماقتا.
‹‹سۇلياۋ خالتىنى چەكلەش بۇيرۇقى›› نىڭ ئۈنۈمىنىڭ گەۋدىلىنىشى ئۈچۈن مەلۇم جەريان كېرەك شۇنداقلا قانۇن ئىجرا قىلىشتىمۇ نۇرغۇن قىيىنچىلىقلار مەۋجۇت. ئەمما ‹‹سۇلياۋ خالتىنى چەكلەش بۇيرۇقى›› نى ھەقىقىي ئەمەلىيلەشتۈرۈشتە ھۆكۈمەتنىڭ ئالاقىدار تارماقلىرى چوقۇم قاتتىق نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش تەدبىرلىرىنى قوللىنىشى كېرەك. بىرىنچى، مال سېتىۋېلىش خالتىسىنىڭ ماتېرىيال ئۆتكىلىنى چىڭ تۇتۇپ، چوقۇم مۇھىت ئاسرايدىغان، تەكرار ئىشلەتكىلى بولىدىغان ماتېرىيالنى ئىشلىتىش؛ ئىككىنچى، ھازىر مۇھىت ئاسراش ماتېرىيالىنى سۇلياۋ خالتا ئورنىغا دەسسىتىش ئىمكانىيىتى يوق رايونلار سۇلياۋ خالتا ئىشلىتىشنى ئىمكانقەدەر ئازايتىش شەرتى ئاستىدا باھا بەلگىلەش ئۆلچىمىنى قاتتىق بېكىتىپ، ھەر خىل تىجارەت ئورگانلىرىنى قەرەللىك ياكى قەرەلسىز تاللاپ تەكشۈرۈپ، ئالاقىدار مۇكاپاتلاش – جازالاش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ‹‹سۇلياۋ خالتىنى چەكلەش بۇيرۇقى›› نى قۇرۇق ھۆججەتكە ئايلاندۇرۇپ قويۇشتىن ساقلىنىش كېرەك.
شىنخۇا ئاگېنتلىقى
|