|
4–ئىيۇن ، سىچۈەن ئۆلكىسى چىڭچۈەن ناھىيىسىنىڭ شىبەنگۇ ئويمانلىق توسۇلما كۆلى توسمىسى ئوڭۇشلۇق پارتلىتىلىپ ، سۇ قويۇپ بېرىلدى .
ۋېنچۈەن يەر تەۋرەش ئاپىتىدىن كېيىن ، چىڭچۈەن ناھىيىسىنىڭ شىبەنگۇ ئەتراپىدا ، ئومۇمىي سۇ مىقدارى 12 مىليون كۇپ مېتىردىن ئارتۇق بولغان ئويمانلىق توسۇلما كۆللىرى شەكىللەنگەن بولۇپ ، خەلقنىڭ تۇرمۇشىغا خەۋپ ئېلىپ كەلگەن . مۇتەخەسىسلەر تەكشۈرۈش ئارقىلىق 8 مىليون كۇپ مېتىر سۈيى بار شىبەنگۇ ئويمانلىق توسۇلما كۆلىنى خەۋپى زور كۆل دەپ بېكىتكەن . يامغۇر پەسلىنىڭ يېتىپ كېلىشى بىلەن ، شىبەنگۇ ئويمانلىق توسۇلما كۆلىنىڭ خەۋپى تېخىمۇ ئاشقان بولۇپ ، ھەر ۋاقىت تېشىپ كېتىش ھالىتىدە تۇرغان . يەنە بىر قېتىملىق ئاپەتنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن ، قۇراللىق سۇ ئېلېكتىر ئۈچىنچى باش ئەترىتى پارتلىتىپ سۇ قويۇپ بېرىش تەدبىرىنى يولغا قويغان .
ھازىر شىبەنگۇ ئويمانلىق توسۇلما كۆلى توسمىسىنىڭ سۇ قويۇپ بېرىش ئېغىزى 15 مېتىر كەڭلىگەن بولۇپ ، خەۋپنىڭ ئالدى ئېلىنغان .


|