باش بەت | خەۋەر مەركىزى | گۈزەل شىنجاڭ | مەدەنىيەت | تەڭرىتاغ ئەدەبىياتى | تۇرمۇش | تەڭرىتاغ ئېكرانى | پارتىيە–ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى | بېكىتىمىز
ئۈرۈمچىدە بۈگۈن ھاۋا ئوچۇق بولۇپ، يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃32،تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃21بولىدۇ.
ئاپتونوم رايونلۇق ئەخلاق ئۈلگىلىرىدىن ئۆگىنەيلى
2008- 06- 05 09:47 شىنجاڭ گېزىتى

 تۇنجى نۆۋەتلىك ئاپتونوم رايونلۇق  ئەخلاق ئۈلگىلىرىنى تەقدىرلەش توغرىسىدىكى قارار

     ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستلىق مەنىۋى مەدەنىيلىك قۇرۇلۇشىغا يېتەكچىلىك قىلىش ئىشخانىسى، باش ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى، ئىتتىپاق كومىتېتى، ئاياللار بىرلەشمىسى، مىللەتلەر (دىن) ئىشلىرى كومىتېتى، ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرلىك مەنىۋى مەدەنىيلىك قۇرۇلۇشىغا يېتەكچىلىك قىلىش ئىشخانىسى، باش ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى، ئىتتىپاق كومىتېتى، ئاياللار بىرلەشمىسى، مىللەتلەر (دىن) ئىشلىرى كومىتېتىغا:

     2001 – يىلى 9 – ئايدا مەركىزىي كومىتېت ‹‹پۇقرالار ئەخلاق قۇرۇلۇشىنى يولغا قويۇش پروگراممىسى››نى تارقاتقاندىن بۇيان، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ پۇقرالار ئەخلاق قۇرۇلۇشىدا كۆرۈنەرلىك ئىلگىرىلەش قولغا كەلتۈرۈلدى. بولۇپمۇ يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى كادىرلار ۋە ئامما سوتسىيالىستىك شەرەپ – نومۇس قارىشىنى تىرىشىپ ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈپ، پۇقرالار ئەخلاق قۇرۇلۇشى قىزغىنلىقىنى كۆتۈردى، بۇنىڭ بىلەن سوتسىيالىستىك ئەخلاقنىڭ تەلىپىنى گەۋدىلەندۈرگەن بىر تۈركۈم ئىلغار شەخسلەر مەيدانغا كېلىپ، پۈتكۈل جەمئىيەت  ئۆگىنىدىغان ئۈلگە تىكلەندى.

     پارتىيە 17 – قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەخلاق ئۈلگىلىرىنىڭ پۇقرالار ئەخلاق قۇرۇلۇشىدىكى نەمۇنىلىك، يېتەكچىلىك رولىنى ھەقىقىي جارى قىلدۇرۇپ، پۈتكۈل جەمئىيەتتە شەرەپ – نومۇسنى بىلىدىغان، توغرا كەيپىيات تىكلەيدىغان، ئىناقلىقنى ئىلگىرى سۈرىدىغان ياخشى ئىستىل شەكىللەندۈرۈشكە يەنىمۇ تۈرتكە بولۇش ئۈچۈن، ئاپتونوم رايونلۇق مەنىۋى مەدەنىيلىك قۇرۇلۇشىغا يېتەكچىلىك قىلىش كومىتېتى ئىشخانىسى، ئاپتونوم رايونلۇق باش ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى، ئاپتونوم رايونلۇق ئىتتىپاق كومىتېتى، ئاپتونوم رايونلۇق ئاياللار بىرلەشمىسى، ئاپتونوم رايونلۇق مىللەتلەر (دىن) ئىشلىرى كومىتېتى، شىنجاڭ گېزىتخانىسى، شىنجاڭ خەلق رادىئو ئىستانسىسى، شىنجاڭ تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى ئاپتونوم رايون بويىچە تۇنجى نۆۋەتلىك ئەخلاق ئۈلگىلىرىنى تەقدىرلەش پائالىيىتىنى تەشكىللەپ قانات يايدۇردى. ئامما ۋە جايلار كۆرسىتىش، ئاخبارات ۋاسىتىلىرىدە ئېلان قىلىش، ئامما ئاۋاز بېرىپ سايلاش ۋە سايلام پائالىيىتى تەشكىلىي ھەيئىتى تەكشۈرۈپ بېكىتىش قاتارلىق تەرتىپلەر ئارقىلىق، لى جىنچاڭ قاتارلىق 30 يولداش ‹‹ئاپتونوم رايون بويىچە ئەخلاق ئۈلگىلىرى›› دېگەن شەرەپلىك نامغا، ما جېنبىن قاتارلىق 20 يولداش ‹‹ئاپتونوم رايون بويىچە ئەخلاق ئۈلگىلىرى نامزاتى مۇكاپاتى››غا ئېرىشتى. تەقدىرلەنگەن ئىلغار شەخسلەرنىڭ شەرەپنى قەدىرلەپ، يەنىمۇ تىرىشىپ، سوتسىيالىستىك ئەخلاق قۇرۇلۇشىدا يېڭى نەتىجىلەرنى يارىتىشىنى ئۈمىد قىلىمىز. پۈتكۈل جەمئىيەتتە ئەخلاق ئۈلگىلىرىنىڭ ئىلغار ئىش – پائالىيەتلىرى ۋە ئالىيجاناب ئەخلاق – پەزىلىتىنى زور كۈچ بىلەن تەشۋىق قىلىپ، كادىرلار ۋە ئاممىنى ئىلغارلارنىڭ ئىزىدىن مېڭىشقا، ئىلغارلارنى ھۆرمەتلەشكە، ئۇلاردىن ئۆگىنىشكە يېتەكلەپ، سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشى سىستېمىسى قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىجتىمائىي ئەخلاق سەۋىيىسى ۋە مەدەنىيلىك دەرىجىسىنى يەنىمۇ ئۆستۈرۈپ، ئىناق شىنجاڭ بەرپا قىلىش ئۈچۈن تۆھپە قوشايلى. 

     ئاپتونوم رايونلۇق مەنىۋى مەدەنىيلىك قۇرۇلۇشىغا يېتەكچىلىك قىلىش كومىتېتى ئىشخانىسى، ئاپتونوم رايونلۇق باش ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى، ئاپتونوم رايونلۇق ئىتتىپاق كومىتېتى، ئاپتونوم رايونلۇق ئاياللار بىرلەشمىسى، ئاپتونوم رايونلۇق مىللەتلەر (دىن) ئىشلىرى كومىتېتى، شىنجاڭ گېزىتخانىسى، شىنجاڭ خەلق رادىئو ئىستانسىسى، شىنجاڭ تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى                                    

 2008 – يىل 6 – ئاينىڭ 2 – كۈنى 

( مۇھەررىر : ئامانگۈل )

نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى

تېلېفون:Tel:0991-8521981       ئەسەر ئەۋەتىڭ         قوشۇۋېلىڭ       قوشۇۋېلىڭ