|

بېيجىڭ ئولىمپىك تەشكىلىي كومىتېتىنىڭ ئەمەلدارى ئولىمپىك مەشئىلىنى خۇنەن ئۆلكىلىك پارتكومنىڭ شۇجىسىغا تاپشۇرۇپ بەردى
2008 – يىللىق بېيجىڭ ئو ت م خۇنەن ئۆلكىسى مىلو شەھىرىدىكى يەتكۈزۈش پائالىيىتىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك تاماملاپ ، چاڭشاغا يېتىپ كەلدى .

بېيجىڭ ئولىمپىك مەشئىلىنىڭ چاڭشادىكى كۈچ ئۇلاپ يەتكۈزۈش پائالىيىتى بۈگۈن (4 – ئىيۇن) چۈشتىن بۇرۇن سائەت 8 دىن 15 مىنۇت ئۆتكەندە باشلاندى . يەتكۈزۈش پائالىيىتى باشلىنىشتىن بۇرۇن پۈتۈن مەيداندىكى كىشىلەر بىر مىنۇت سۈكۈتتە تۇرۇپ ، سىچۈەندىكى يەر تەۋرەشتە قازا قىلغان قېرىنداشلارغا تەزىيە بىلدۈرۈپ ، ئۇلارغا بولغان چەكسىز قايغۇسىنى ئىپادىلىدى .
ئىگىلىنىشچە ، چاڭشادىكى يەتكۈزۈش پائالىيىتى تەخمىنەن ئۈچ سائەت ئېلىپ بېرىلىدىغان بولۇپ ، 205 نەپەر مەشئەل يەتكۈزگۈچى يەتكۈزۈش پائالىيىتىنى تاماملايدىكەن .

|