باش بەت | خەۋەر مەركىزى | گۈزەل شىنجاڭ | مەدەنىيەت | تەڭرىتاغ ئەدەبىياتى | تۇرمۇش | تەڭرىتاغ ئېكرانى | پارتىيە–ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى | بېكىتىمىز
ئۈرۈمچىدە بۈگۈن ھاۋا ئوچۇق بولۇپ، يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃32،تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃21بولىدۇ.
ئۈلگىلەرنى قەدىرلەپ ۋە ئۇلاردىن ئۆگىنىپ، سوتسىيالىستىك ئەخلاق قۇرۇلۇشىنى پۇختا ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك
2008- 06- 03 16:27 تەڭرىتاغ تورى

      ۋاڭ لېچۈەن ئەخلاق ئۈلگىلىرى بىلەن كۆرۈشكەندە مۇنداق كۆرسەتتى:

  

 پارتىيە ، ھۆكۈمەت ، ئارمىيە ۋە ئىشلەپچىقرىش – قۇرۇلۇش بىڭتۈەنىنىڭ رەھبەرلىرى ئەخلاق نەمۇنىچىلىرى بىلەن كۆرۈشتى

      ج ك پ مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بيۇروسىنىڭ ئەزاسى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ شۇجىسى ۋاڭ لېچۈەن 3 – ئىيۇن چۈشتىن بۇرۇن، ئاپتونوم رايونىمىز بويىچە تۇنجى نۆۋەتلىك‹‹ ئەخلاق ئۈلگىلىرى››شەرىپىگە ئېرىشكەنلەر بىلەن كۆرۈشكەندە : ئەخلاق ئۈلگىلىرىنى باھالاش، تەقدىرلەش ئارقىلىق، جەمئىيەتتە ئىلغارلاردىن ئۆگىنىش، ئۈلگىلەرنى قەدىرلەش ياخشى كەيپىياتىنى تەشەببۇس قىلىپ، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارنىڭ ئەخلاق ئۈلگىلىرىدىن ئۆگىنىپ، ئىشنى ئۆزىدىن باشلاپ، سوتسىيالىستىك ئەخلاق  قۇرۇلۇشىنى پۇختا ئىلگىرى سۈرۈپ، جەمئىيەتنىڭ مەدەنىيلىك دەرىجىسى ۋە  ئەخلاق سەۋىيىسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئىسلاھات، تەرەققىيات، مۇقىملىق، سوتسىيالىستىك ئىناق جەمئىيەت بەرپا قىلىشقا يېڭى تۆھپە قوشۇشىنى تەلەپ قىلدى.

     ئاپتونوم رايوننىڭ پارتىيە، ھۆكۈمەت، ئىشلەپچىقىرىش –  قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى رەھبەرلىرىدىن نۇر بەكرى، ئەركىن ئىمىرباقى، ئەسقەت كەرىمباي، نېي ۋېيگو، ياڭ گاڭ، جۇ جىنلىن، تيەن شيۇسى، فۇ چياڭ، خەن يوڭ، شەۋكەت ئىمىن، نۇرلان ئابىلمەجىن، سۇڭ ئەيرۇڭ، جۇ خەيلۇن، بەي جىجيې كۆرۈشۈشكە قاتناشتى.

     ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ باشلىقى لى يى كۆرۈشۈشكە رىياسەتچىلىك قىلدى.

     ئاپتونوم رايونىمىزدا بۇ يىل 2 – ئايدا ئەخلاق ئۈلگىلىرىنى باھالاش پائالىيىتى باشلانغاندىن بۇيان،  جايلار، تارماقلار، ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىنىڭ قىزغىن ئالقىشىغا ۋە قوللىشىغا ئېرىشتى. باھالاش ئارقىلىق، لى جىنچاڭ قاتارلىق 30 كىشى ئاپتونوم رايونىمىز بويىچە تۇنجى نۆۋەتلىك ئەخلاق ئۈلگىلىرى شەرىپىگە، ما جېنبىن قاتارلىق 20 كىشى ئاپتونوم رايونىمىز بويىچە تۇنجى نۆۋەتلىك ئەخلاق ئۈلگىلىرى نامزاتى مۇكاپاتىغا ئېرىشتى.

يىغىن نەق مەيدان كۆرۈنۈشى

     ۋاڭ لېچۈەن ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم، خەلق ھۆكۈمىتىگە ۋاكالىتەن تەقدىرلەنگەن  ئەخلاق ئۈلگىلىرىنى قىزغىن تەبرىكلىدى ۋە ئۇلارغا ئالىي ئېھتىرام بىلدۈردى. ئۇ مۇنداق دېدى: ئەخلاق ئۈلگىلىرىنى باھالاش ئارقىلىق،  جەمئىيەتتە تېخىمۇ كۆپ ئىلغار تىپ ۋە ئۈلگە تۇرغۇزۇپ، كادىرلار، ئامما ئارىسىدا نەمۇنىچىلاردىن ئۆگىنىش، نەمۇنىچىلاردىن بولۇشقا ئىنتىلىش، ئىلغارلاردىن بولۇشقا تىرىشىش كەيپىياتىنى شەكىللەندۈرۈش كېرەك. بۇ قېتىم ئاپتونوم رايون بويىچە ئۆتكۈزۈلگەن تۇنجى نۆۋەتلىك ئەخلاق ئۈلگىلىرىنى باھالاش پائالىيىتىدە، ئاممىنىڭ ئىرادىسىگە ھۆرمەت قىلىنغان ھالدا، ئاساسىي قاتلامدىن، ئامما ئارىسىدىن كەلگەن بىر تۈركۈم ئەخلاق ئۈلگىلىرى باھالاپ چىقىلدى. ئۇلارنىڭ ۋۇجۇدىدا جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ ئېسىل پەزىلىتى نامايان قىلىنغان بولۇپ، جەمئىيەت تەرەققىياتى،  دەۋر روھى ئەكس ئەتتۈرۈلگەن. ئاپتونوم رايونىمىزدىكى كادىرلار، ئامما ئەخلاق ئۈلگىلىرىدىن ئۈگىنىپ، ئىشنى ئۆزىدىن، ئەتراپىدىكى ئىشلاردىن باشلاپ، پۇقرالار ئەخلاق ئۈلگىلىرى ۋە سوتسىيالىستىك شەرەپ – نومۇس قارىشىنى خىزمەت، تۇرمۇش ئەمەلىيىتىگە ھەقىقىي سىڭدۈرۈپ، شەرەپ – نومۇسنى بىلىش، توغرا كەيپىياتقا ئەھمىيەت بېرىش، ئىناقلىقنى ئىلگىرى سۈرۈش ياخشى كەيپىياتىنى تېخىمۇ شەكىللەندۈرۈپ، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ ياخشى ئەخلاق – پەزىلىتىنى تولۇق نامايان قىلىشى كېرەك.

     ۋاڭ لېچۈەن ئەخلاق ئۈلگىلىرىنىڭ خىزمەت ئورنىدا مەغرۇرلانماي، تېخىمۇ غەيرەتكە كېلىپ، ئۈلگىلىك، باشلامچىلىق رولىنى داۋاملىق ياخشى جارى قىلدۇرۇپ، سوتسىيالىستىك ئەخلاق قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈش جەريانىدا يېڭى نەتىجە يارىتىشىنى ئۈمىد قىلدى. ئۇ ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر دەرىجىلىك پارتكوم، خەلق ھۆكۈمىتى ۋە جەمئىيەتتىكى ھەرقايسى تەرەپلەردىن ئەخلاق ئۈلگىلىرىگە ھۆرمەت قىلىپ، ئۇلارغا كۆڭۈل بۆلۈپ، ئۇلارنى ئاسراپ، سىياسىي جەھەتتە، خىزمەت ۋە تۇرمۇشتا  ئۇلارغا ھەقىقىي ياردەم بېرىشنى ۋە كۆڭۈل بۆلۈشنى، بولۇپمۇ  تۇرمۇش قىيىنچىلىقى بار ئەخلاق ئۈلگىلىرى ۋە قازا قىلغان ئەخلاق ئۈلگىلىرىنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا ھەسسىلەپ كۆڭۈل بولۇپ، ئۇلارنىڭ تۇرمۇشتىكى ئەمەلىي قىيىنچىلىقىنى ھەل قىلىشىغا ھەقىقىي ياردەم بېرىشنى، ئەخلاق ئۈلگىلىرىگە كۆڭۈل بۆلىدىغان، توغرا كەيپىياتنى ئەۋج ئالدۇرۇدىغان ياخشى مۇھىتنى تىرىشىپ بەرپا قىلىشنى تەلەپ قىلدى.

يىغىندىن كېيىن ۋاڭ لېچۈەن ، نۇر بەكرى قاتارلىقلار ئەخلاق نەمۇنىچىلىرى بىلەن قول ئېلىشىپ كۆرۈشتى

     ۋاڭ لېچۈەن مۇنداق دېدى: يېقىندا، سىچۇەننىڭ ۋېنچۇەن ناھىيىسىدە كۈچلۈك  يەر تەۋرەش ئاپىتى يۈز بەردى، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر مىللەت كادىرلار، ئامما پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ۋە ئاپتونوم رايوننىڭ چاقىرىقىغا ئەمەلىي ھەرىكىتى ئارقىلىق پائال ئاۋاز قوشۇپ، يەر تەۋرەشكە تاقابىل تۇرۇپ، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇشقا پۈتۈن كۈچى بىلەن ياردەم بەردى. ھازىر،  جەمئىيەتتە ئەخلاق ئۈلگىلىرىدىن ئۆگىنىش پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇشنى يەر تەۋرەشكە تاقابىل تۇرۇپ، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش روھىنى ئەۋج ئالدۇرۇش بىلەن بىرلەشتۈرۈپ، ھەر مىللەت خەلقىنى روھىنى ئۇرغۇتۇپ، كۈچنى ئۇيۇشتۇرۇپ، ئاپەت رايونىدىكى خەلققە پۈتۈن كۈچى بىلەن ياردەم بېرىشكە تېخىمۇ ئىلھاملاندۇرۇش بىلەن بىللە، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي ئىشلىرىنىڭ ھەم ياخشى، ھەم تېز تەرەققىي قىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت بەرپا قىلىشنىڭ يېڭى غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرۈش كېرەك.  

  

ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ پارتىيە ، ھۆكۈمەت ، ئارمىيە ۋە ئىشلەپچىقرىش – قۇرۇلۇش بىڭتۈەنىنىڭ رەھبەرلىرى ئەخلاق نەمۇنچىلىرى بىلەن بىرلىكتە خاتىرە سۈرەتكە چۈشتى

( مۇھەررىر : ئامانگۈل )

نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى

تېلېفون:Tel:0991-8521981       ئەسەر ئەۋەتىڭ         قوشۇۋېلىڭ       قوشۇۋېلىڭ