باش بەت | خەۋەر مەركىزى | گۈزەل شىنجاڭ | مەدەنىيەت | تەڭرىتاغ ئەدەبىياتى | تۇرمۇش | تەڭرىتاغ ئېكرانى | پارتىيە–ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى | بېكىتىمىز
ئۈرۈمچىدە بۈگۈن ھاۋا ئوچۇق بولۇپ، يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃32،تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃21بولىدۇ.
شىنجاڭ مەنزىرىلىك ساياھەت نۇقتىلىرىنىڭ ئىشىك بېلىتى ئەڭ كۆپ بولغاندا% 20ئېتىبار بېرىلىدۇ
2008- 06- 03 12:28 تەڭرىتاغ تورى

       بۈگۈن( 2008–يىلى 2–ئىيۇن )دىن باشلاپ ، ھەرقايسى مەنزىرىلىك ساياھەت نۇقتىلىرىنىڭ ئۆمەك بېلىتى باھاسىدا ئەڭ كۆپ بولغاندا %20ئېتىبار بېرىلىدۇ .
       30-ماي ، مۇخبىرنىڭ ئاپتونوم رايونلۇق ئىسلاھات-تەرەققىيات كومىتېتىدىن ئىگىلىشىچە ، نۆۋەتتە ، سەككىز مىنىستىرلىك كومىتېت چۈشۈرگەن ساياھەت نۇقتىلىرىنىنڭ بېلەت باھاسىنى تۈزەش، تەرتىپكە سېلىش ئۇقتۇرۇشى ئېلان قىلىنغان ، ئۇقتۇرۇشقا ئاساسەن ، شىنجاڭنىڭ بۇ جەھەتتىكى ئېتىبار سىياسەتلىرى جۈملىدىن ساياھەت كوپراتىپلىرىغا بېلەت باھاسىدا ئېتىبار بېرىش بەلگىلىمىسىمۇ بۇ ئۇقتۇرۇش بويىچە تەڭشىلىدىكەن .

       كەسپ ئەھلىلىرىنىڭ قارىشىچە ، ساياھەت كوپراتىپلىرىغا بېلەت باھاسىدا ئەڭ كۆپ بولغاندا %20 ئېتىبار بېرىش بەلگىلىمىسى ساياھەت نۇقتىلىرى تىجارىتىنىڭ قېلىپلىشىشىنى مەقسەت قىلغان ئىكەن.
       ئاپتونوم رايونلۇق ئىسلاھات-تەرەققىيات كومىتېتىنىڭ ئۇقتۇرۇشىقا ئاساسەن ، ھەر قايسى ساياھەت نۇقتىلىرىنىڭ بېلەت باھاسىنى باشقۇرۇش مۇندەرىجىسىگە ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈلۈپ ، جايلاردىكى مەسئۇل تارماقلار ئۆزگەرتىلگەن مۇندەرىجە لايىھەسىنى يۇقىرىغا تاپشۇرىدىكەن . بۇ سىياسەتنىڭ ھەر قايسى جايلاردىكى ئەمەلىيلىشىش ئەھۋالى 2009-يىلى ئاپرېلنىڭ ئاخىرىدا گوۋۇيۈەننىڭ مۇناسىۋەتلىك تارماقلىرىغا يوللىنىدىكەن . 

 

( مۇھەررىر : قەيسەر )

نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى

تېلېفون:Tel:0991-8521981       ئەسەر ئەۋەتىڭ         قوشۇۋېلىڭ       قوشۇۋېلىڭ