|
نۇر بەكرى قەشقەر كونا شەھەر رايونىنى ئۆزگەرتىش ئەھۋالىنى تەكشۈرگەندە مۇنداق تەكىتلىدى:

ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى نۇر بەكرى 31 – ماي ، 1 – ئىيۇن كۈنلىرى قەشقەردە كونا شەھەر رايونىنى ئۆزگەرتىش ئەھۋالىنى تەكشۈرگەندە مۇنداق تەكىتلىدى: كونا شەھەر رايونىنى ئۆزگەرتىشنى قىلچە كېچىكتۈرۈشكە بولمايدۇ. بىز ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈشتىكى ئادەمنى ئاساس قىلىش ئىدىيىسىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، خاتىرجەم شارائىتتا خەۋپ – خەتەرنى ئويلاپ، تارىخ، خەلققە مەسئۇل بولۇش پوزىتسىيىسىدە بۇلۇپ، يەر تەۋرەشكە چىداملىق ئۆي سېلىش، خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاشتىن ئىبارەت ئەلرازى قۇرۇلۇشى ۋە ھىممەت قۇرۇلۇشىنى ياخشى قىلىشىمىز كېرەك. رەھبەرلىكنى كۈچەيتىپ، ئىلمىي پىلانلاپ ۋە تەشكىللەپ يولغا قويۇپ، پۈتۈن كۈچ بىلەن ئىلگىرى سۈرۈپ، ئۈچ يىلدىن بەش يىلغىچە بولغان مەزگىلدە ھەقىقىي ئۈنۈم ھاسىل قىلىپ، ھەرمىللەت ئاممىغا بەخت يارىتىشىمىز كېرەك.

نۇر بەكرى 31 – ماي ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى نۇرلان ئابىلمەجىن ۋە قەشقەر ۋىلايىتى ،قەشقەر شەھىرى رەھبەرلىرىنىڭ ھەمراھلىقىدا قەشقەر كونا شەھەر رايونىدىكى ئاھالىلەر تۇرالغۇسى ۋە ئۇل مۇئەسسەسە ئەھۋالىنى تەكشۈرۈپ، تۆۋەن تۇرمۇش كاپالىتىدىن بەھرىمەن بولىدىغانلار ، ئادەتتىكىچە كىرىمدىكىلەر ۋە قول – ئىلكىدە بارلارنىڭ ئۆي چېقىش – كۆچۈرۈش، ئۆزگەرتىشكە بولغان خىيالى ۋە ئارزۇسىنى ئاڭلىدى.
ئىگىلىنىشىچە، قەشقەر شەھىرىنىڭ كونا شەھەر رايونى پۈتكۈل شەھەر رايونى كۆلىمىنىڭ % 20 ىنى، نوپۇسى شەھەر نوپۇسىنىڭ % 41.9 نى ئىگىلەيدىكەن. كونا شەھەر رايونىدىكى خەتەرلىك، كونا ئۆيلەر ( كەپە مەھەللىلەر ) قۇرۇلۇش كۆلىمى 5 مىليون 540 مىڭ كۇۋادرات مېتىردىن ئاشىدىكەن، ھازىر 62 مىڭ 616 ئائىلىلىك بولۇپ، ئادەم سانى 220 مىڭغا يېقىن ئىكەن، بۇنىڭ ئىچىدە تۆۋەن تۇرمۇش كاپالىتىدىن بەھرىمەن بولىدىغانلار، قىيىنچىلىقى بارلار ۋە ئۆي قىيىنچىلىقى بار تۆۋەن كىرىملىكلەر 23 مىڭ 109 ئائىلىلىك، 68 مىڭ 897 كىشى ئىكەن. ئۆزگەرتىش قۇرۇلۇشى 2001 – يىل 9 – ئاينىڭ 15 – كۈنى باشلانغان، 2007 – يىل 11 – ئاينىڭ 30 – كۈنىگىچە ئەمەلىي سېلىنغان مەبلەغ 490 مىليون 60 مىڭ يۈەنگە يەتكەن، بۇنىڭ ئىچىدە دۆلەت 200 مىليون يۈەن ، ئاپتونوم رايون 84 مىليون يۈەن ياردەم پۇلى بەرگەن، ۋىلايەت ۋە قەشقەر شەھىرى 160 مىليون 640 مىڭ يۈەن غەملىگەن، ئاھالىلەر 35 مىليون 720 مىڭ يۈەن توپلىغان.
نۇر بەكرى 1 – ئىيۇن چۈشتىن بۇرۇن قەشقەر شەھىرىنىڭ كونا شەھەر رايونىنى ئۆزگەرتىش خىزمىتى ھەققىدىكى دوكلاتىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن مۇنداق دىدى: ‹‹مەركەز رەھبەرلىرى ۋە ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم، خەلق ھۆكۈمىتى قەشقەرنىڭ كونا شەھەر رايونىنى ئۆزگەرتىشكە ئىنتايىن كۆڭۈل بۆلمەكتە، ج ك پ مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بيۇروسىنىڭ ئەزاسى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ شۇجىسى ۋاڭ لېچۈەن كۆپ قېتىم مۇھىم يوليورۇق بېرىپ، خاتىرجەم شارائىتتا خەۋپ – خەتەرنى ئويلاپ، خىزمەت سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، كونا شەھەر رايونىنى ئۆزگەرتىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، خەلقنىڭ ھاياتى، مال – مۈلۈك بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىشنى تەلەپ قىلدى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم، خەلق ھۆكۈمىتى قەشقەرنىڭ كونا شەھەر رايونىنى ئۆزگەرتىشنى پۈتۈن كۈچى بىلەن قوللايدۇ، ۋىلايەت ۋە ئاپتونوم رايوندىكى ئالاقىدار تارماقلارنىڭ بىرنىيەتتە ھەمكارلىشىپ، بۇ قۇرۇلۇشنى ياخشى قىلىپ، ياخشى ئىشنى ھەقىقىي ياخشى قىلىپ، خەلقنى رازى قىلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن››.
ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم ۋە خەلق ھۆكۈمىتى بەنگوڭتىڭى، تەرەققىيات – ئىسلاھات كومىتېتى، قۇرۇلۇش نازارىتى، مالىيە نازارىتى قاتارلىق تارماقلارنىڭ رەھبەرلىرى تەكشۈرۈشتە بىللە بولدى.
|