باش بەت | خەۋەر مەركىزى | گۈزەل شىنجاڭ | مەدەنىيەت | تەڭرىتاغ ئەدەبىياتى | تۇرمۇش | تەڭرىتاغ ئېكرانى | پارتىيە–ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى | بېكىتىمىز
ئۈرۈمچىدە بۈگۈن ھاۋا ئوچۇق بولۇپ، يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃32،تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃21بولىدۇ.
خەلقنىڭ ئوتىدا كۆيەيلى، سۈيىدە ئاقايلى
2008- 05- 30 10:10 شىنجاڭ گېزىتى

     ‹‹ئاۋات ناھىيىسى خىزمەت بىناسى سېلىشتىن ۋاز كېچىپ، مەبلەغنى خەلىقنىڭ تۇرمۇشىغا مۇناسىۋەتلىك ئىشلارغا سەرپ قىلدى›› سەرلەۋھىلىك ماقالىنى تەھرىرلەۋېتىپ، بىر نەچچە كۈن ئاۋۋال ئۈرۈمچىدە ئىشلەيدىغان قۇمۇللۇق دوستۇم سۆزلەپ بەرگەن مۇنۇ ئىش ئېسىمگە كەلدى. ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، ئۇنىڭ قۇمۇل شەھىرىدە 68 ياشقا كىرگەن ئىبراھىم ئىمىن ئىسىملىك بويتاق، كېسەلچان تۇغقىنى بولۇپ، ئىلگىرى تۇرمۇشى ناھايىتى غۇربەتچىلىكتە ئۆتكەن ئىكەن. بۇلتۇردىن بۇيان قۇمۇلدىكى مۇناسىۋەتلىك تارماقلار ئۇنىڭ تۇرمۇشىغا ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلۈپ، ئايدا 50يۈەن تۇرمۇش پۇلى بەرگەندىن سىرت، ئۈچ ئايدا بىر قېتىم ئۇن، ياغ، گۈرۈچ، كۆكتات بىلەن ھال سورايدىغان بوپتۇ. بۇلتۇر ئۇنىڭ سېرىقئىتى يىرتىلىپ كەتكەندە، ئۇنىڭغا بىر پۇڭمۇ خەجلەتمەي، 5000 يۈەن چىقىرىپ، كېسەلخانىدا ياتقۇزۇپ، كېسىلىنى داۋالاپ ساقايتىپۇ. يەنە ئۇنىڭ خەتەرلىك ئۆيىنى ئۆزگەرتىپ بېرىدىغان بوپتۇ... 

     مەركەز، ئاپتونوم رايون يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، خەلق تۇرمۇشىغا كۆڭۈل بۆلۈش، خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاشقا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، بىر قاتار سىياسەت – تەدبىرلەرنى يولغا قويدى. شەھەرلەردە ئەرزان ئىجارىلىك ئۆي قۇرۇلۇشى، يېزىلاردا يەر تەۋرەشكە چىداملىق ئۆي قۇرۇلۇشى ئېلىپ بېرىپ، ئاممىنىڭ تۇرالغۇ مەسىلىسىنى؛ يېزىلاردا تۆۋەن تۇرمۇش كاپالەت تۈزۈمى، ھەمكارلىشىپ داۋالىنىش تۈزۈمىنى يولغا قويۇپ، ئاممىنىڭ داۋالىنىش قىيىن بولۇش مەسىلىسىنى ھەل قىلدى. بۇنىڭ بىلەن يېزىلارنىڭ ئىجتىمائىي قىياپىتىدە زور ئۆزگىرىشلەر بولدى. ئەمما بىر قىسىم يېزا، كەنتلەردە نامرات، قىيىنچىلىقى ئېغىر ئائىلىلەر يەنىلا بار. ئاۋات ناھىيىسىنىڭ چەكلىك مەبلەغنى خەلقنىڭ تۇرمۇشىغا مۇناسىۋەتلىك ئىشلارغا سەرپ قىلغىنى ياخشى ئىش. خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاش ئىناق جەمئىيەت بەرپا قىلىشنىڭ ئاساسى. شۇڭا خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاشتا ئىشنى كىچىك ئىشلاردىن باشلىشىمىز لازىم. خەلق تۇرمۇشىنى ئۈنۈملۈك ياخشىلىغاندىلا، 17 – قۇرۇلتاي دوكلاتىدا ئوتتۇرىغا قويۇلغان ‹‹ئىسلاھات – تەرەققىيات نەتىجىلىرىدىن خەلقنى ئورتاق بەھرىمەن قىلىش››نىشانىغا يەتكىلى، خەلقنىڭ ئىشەنچىسىگە ئېرىشكىلى، كۆڭۈل تۆرىدىن ئورۇن ئالغىلى بولىدۇ.     

( مۇھەررىر : ئامانگۈل )

نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى

تېلېفون:Tel:0991-8521981       ئەسەر ئەۋەتىڭ         قوشۇۋېلىڭ       قوشۇۋېلىڭ