باش بەت | خەۋەر مەركىزى | گۈزەل شىنجاڭ | مەدەنىيەت | تەڭرىتاغ ئەدەبىياتى | تۇرمۇش | تەڭرىتاغ ئېكرانى | پارتىيە–ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى | بېكىتىمىز
ئۈرۈمچىدە بۈگۈن ھاۋا ئوچۇق بولۇپ، يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃32،تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃21بولىدۇ.
ئاستانىدىن ئۈرۈمچىگە قاتنايدىغان تۇنجى يولۇچى پويىزى ئۈرۈمچى ۋوگزالىغا كىردى
2008- 05- 30 09:42 تەڭرىتاغ تورى

    

     29–ماي ، قازاقىستاننىڭ ئاستانە شەھىرىدىن جۇڭگو ئۈرۈمچىگە قاراپ يولغا چىققان تۇنجى قېتىملىق يولۇچىلار پويىزى 38 سائەتلىك مۇساپىنى بېسىپ ئۆتۈپ ، ئوڭۇشلۇق ھالدا ئۈرۈمچى ۋوگزالىغا كىردى . بۇ قازاقىستان ئاستانە – جۇڭگو ئۈرۈمچى تۆمۈر يولىدا ئومۈميۈزلۈك قاتناش باشلانغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ ھەمدە ياۋروپا ئاسىيا چوڭ قۇرۇقلىقى تۆمۈريول يولۇچى توشۇش ئىشلىرىنىڭ ئوتتۇرا ئاسىياغا قاراپ تەرەققىي قىلىۋاتقانلىقىنىڭ ، شۇنداقلا ياۋروپاغا تېخىمۇ ئىچكىرلەپ كىرگەنلىكىنىڭ بەلگىسى بولۇپ ھېساپلىنىدۇ .

     ئىگىلىنىشچە ، بۇ قېتىملىق پويىزنى ۋە مۇلازىمەت خىزمەتلىرىنى قازاقىستان تۆمۈر يول باش شىركىتى تەمىنلىگەن بولۇپ ، ھەر ھەپتىدە بىر قېتىم قاتنايدىكەن . ھەر سەيشەنبە سائەت 18:50 (بېيجىڭ ۋاقتى) دە ئاستانىدىن يولغا چىقىپ ، پەيشەنبە سائەت 8:58 دە ئۈرۈمچىگە يېتىپ كېلىدىكەن : پەيشەنبە سائەت 23:58 دە ئۈرۈمچىدىن يولغا چىقىپ ، يەكشەنبە سائەت 0:20 دە ئاستانىگە قايتىپ كېلىدىكەن . ئومۇمىي مۇساپە 1898 كىلومېتىر كېلىدىكەن .

( مۇھەررىر : تاھىرجان ھامۇت )

نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى

تېلېفون:Tel:0991-8521981       ئەسەر ئەۋەتىڭ         قوشۇۋېلىڭ       قوشۇۋېلىڭ