|

ئاپتونوم رايونلۇق 11 – نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 3 – يىغىنى 29 – ماي چۈشتىن كېيىن ئاياغلاشتى.
ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇدىرى ئەركىن ئىمىرباقى يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى.
يىغىندا ‹‹شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ <جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ قۇمدىن مۇداپىئەلىنىش ۋە قۇم تىزگىنلەش قانۇنى>نى يولغا قويۇش چارىسى››، ‹‹شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى تەركىبىدىكىلەر قائىدىسى›› ۋە بىر قىسىم كادىرلارنى ۋەزىپىگە تەيىنلەش، قالدۇرۇش ئىشلىرى ماقۇللاندى.
ئەركىن ئىمىرباقى يىغىن ئاخىرىدا سۆز قىلىپ مۇنداق دېدى: قانداق قىلىپ يېڭى ئىدىيە، يېڭى ئۇسۇل، يېڭى تەدبىر بىلەن خەلق قۇرۇلتىيى خىزمىتىنىڭ يېڭى ۋەزىيىتىنى يارىتىش يېڭى بىر نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى پارتگۇرۇپپىسى قۇرۇلغاندىن بۇيان قايتا – قايتا تەتقىق قىلىپ ئويلىنىۋاتقان مۇھىم مەسىلە. خەلق قۇرۇلتىيى خىزمىتىنىڭ يېڭى ۋەزىيىتىنى يارىتىشتا چوقۇم مەركەزنى چۆرىدەپ، ئومۇملۇققا خىزمەت قىلىپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مەركىزىي خىزمەتلىرى ۋە ئاپتونوم رايوننىڭ ئىسلاھات، تەرەققىيات، مۇقىملىق ۋەزىيىتىگە، خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاش توغرىسىدىكى مۇھىم مەسىلىلەرگە زىچ باغلاپ، خەلق قۇرۇلتىيى خىزمىتىنىڭ ئالاھىدىلىكىنى چىقىش قىلىپ، باشلىنىش نۇقتىسى ۋە بۆسۈش ئېغىزىنى توغرا تاللاپ، مۇھىم نۇقتىنى گەۋدىلەندۈرۈپ، تىرىشىپ پارتىيە ۋە خەلقنىڭ ياخشى باھاسىغا ئېرىشىش كېرەك.

ئەركىن ئىمىرباقى يېڭىدىن ۋەزىپىگە تەيىنلەنگەن خادىملارغا تەكلىپنامە (خىزمەتكە)تارقىتىپ بەرمەكتە
ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرلىرىدىن جاڭ گولياڭ، ئالپىسباي راقىم، دۇچىنرۈي، لى جى، نەيىم ياسىن، مەمتىمىن ياسىن، چۆجۈپ، ما مىڭچىڭ ۋە باش كاتىپ نىشان ئىبراھىم يىغىنغا قاتناشتى.
ئاپتونوم رايوننىڭ مۇئاۋىن رەئىسى جاپپار ھەبىبۇللا، ئاپتونوم رايونلۇق يۇقىرى خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ باشلىقى روزى ئىسمائىل، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ باش تەپتىشى قاسىم مامۇت يىغىنغا سىرتتىن قاتناشتى.
|